大数跨境

بۇ ئۆلكىلەردە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلمەكچى

بۇ ئۆلكىلەردە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلمەكچى Nepkar
2021-11-18
0
导读:بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان نۇرغۇن ئۆلكىلەر ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆستۈردى ۋە ئېنىق ۋا
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان نۇرغۇن ئۆلكىلەر ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆستۈردى ۋە ئېنىق ۋاقتىنى بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقىدار لايىھەلەرنى تەڭشەش ۋە تەييارلاشنى ئايدىڭلاشتۇردى. تۆۋەن كىرىملىك ئەمگەكچىلەر بۇنىڭدىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىدۇ.

ماتېرىيال رەسىم. مەنبە: ئىقتىساد گېزىتى


18 ئۆلكە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىدى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىنات ئۆلچىمى شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆستى


مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق 18 ئۆلكە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن.

سانلىق مەلۇمات مەنبەسى: ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ تور بېكىتى. جەدۋەل تۈزگۈچى: خەلق تورى مۇخبىرى ياڭ شى 


تەڭشەش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، 17 ئۆلكىنىڭ تەڭشەش نىسبىتى %10تىن ئاشقان. 18 ئۆلكە ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى 2000 يۈەندىن ئاشۇرغان ئۆلكە 7. بۇنىڭ ئىچىدە، شاڭخەينىڭ 2590 يۈەن، بېيجىڭنىڭ 2320 يۈەن، تيەنجىننىڭ 2180 يۈەن، جېجياڭ، جياڭسۇ، خۇبېي، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىمۇ 2000 يۈەندىن يۇقىرى بولدى.
يولغا قويۇش ۋاقتىدىن قارىغاندا، 18 ئۆلكە ئىچىدە خەينەن بىلەن جىلىن  1-دېكابىردىن باشلاپ يولغا قويىدىكەن، قالغان 16 ئۆلكە 4-ئايدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويغان.
بېيجىڭ شەھىرى جىڭشى ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ شېرىكى، ئادۋوكات ۋاڭ جېڭيۈ خەلق تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ تۆۋەن كىرىملىك ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە بىۋاسىتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ تۆۋەن مائاش بىلەن باغلانغان بەزى تەمىنات ئۆلچىمىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئۆسىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى، داۋالىنىش مەزگىلىدىكى كېسەل رۇخسىتى مائاشى، ئىشتا يارىلىنىش مېيىپلىك ياردەم پۇلى، شۇنىڭدەك ئورۇنلارنىڭ ئىش توختىتىش، تىجارەت توختىتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتى، ئاممىۋى تۇرالغۇ فوندى خىراجىتى قاتارلىقلار ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ ئۆسىدۇ.


ئەڭ تۆۋەن مائاشنى ئۆستۈرۈش ھەممە ئادەمنىڭ مائاشى ئۆسىدۇ دېگەنلىك ئەمەس


ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەمگەكچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىش ۋاقتى ياكى قانۇن بويىچە تۈزگەن ئەمگەك توختامىدا كېلىشىپ بېكىتىلگەن ئىش ۋاقتىدا نورمال ئەمگەك قىلغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە بېرىدىغان ئەڭ تۆۋەن ئەمگەك ھەققىنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2015-يىلى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ھەر 2-3 يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەڭشەشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ۋاڭ جېڭيۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۇرغۇن كەسىپكارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمگەك قانۇنىنىڭ 48-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: دۆلەت ئەڭ تۆۋەن مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە بېرىدىغان مائاشى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟ ۋاڭ جېڭيۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمگەك قانۇنىنىڭ 49- ماددىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە تەڭشەشتە تۆۋەندىكى ئامىللاردىن ئومۇملاشتۇرۇپ پايدىلىنىش كېرەك: ئەمگەكچى ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزى باقىدىغان ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش خىراجىتى؛ جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى؛ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى؛ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى جەھەتتىكى پەرقى.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ھەممىلا ئادەمنىڭ مائاشىنىڭ ئۆسىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، «ئەڭ تۆۋەن مائاش بەلگىلىمىسى» بويىچە، ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ، شۇڭا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تۆۋەن كىرىملىك ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشى بىراقلا ئۆسىدۇ.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، كارخانا مائاشىنى ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق تەڭشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ مائاش تەقسىمات يېتەكچىلىكى، كارخانىلارنىڭ مائاش تەكشۈرۈشى ۋە ياسىمىچىلىقنىڭ سۈنئىي تەننەرخىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
----
ئېلان:

پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا مەن ئىككى بالامدا ھەقىقى ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كارتونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.


بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.

دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!



【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0