大数跨境

«ئورتاق تونۇش»نىڭ كەلگۈسى

«ئورتاق تونۇش»نىڭ كەلگۈسى Nepkar
2021-11-11
2
导读:بىرى «يېشىل تۆۋەن كاربون»نى، يەنە بىرى «سانلىق مەلۇمات»نى يېڭى بىر ئەۋلاد ئورتاق تونۇش قىلىش.
بۈگۈن يېقىنقى مەزگىلدىكى «ئورتاق تونۇش» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك ماقالىلەرنى خۇلاسە قىلدۇق ۋە ئاخىرلاشتۇردۇق. 
ئورتاق تونۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ، پەن-تېخنىكا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرەققىياتى مۇشۇ يەردىن كېلىدۇ. 
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ماسكنىڭ مارسنى مۇستەملىكە قىلىشىدىن تارتىپ، زاكېربېرگنىڭ مېتا ئالىمى، ئاندىن EDG نىڭ قالتىسلىقى، ئاندىن يۈ مىنخۇڭنىڭ ئىئانىسىگىچە، بۇ مىساللارنىڭ ھەممىسى ماھىيەت جەھەتتىن كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. 
ئورتاق تونۇش تىكلىنىپ، «ئەقىدە» شەكىللەنسە، غايەت زور قىممەتكە ئايلىنالايدۇ. 
دۆلىتىمىزدە نەچچە مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالغان بولۇپ، ھەر ئايدا ئاران نەچچە مىڭ يۈەن ئىجارە ھەققى ئالىدىغانلار؛ بالىلار ئۈچۈن نەچچە مىليون يۈەن مائارىپ تەننەرخى سەرپ قىلىدىغان، لېكىن ھەر ئايدا پەقەت نەچچە مىڭ يۈەنلا مائاش ئالىدىغانلار...
بۇ ئىككىسىنىڭ مەبلەغ پايدا نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس.
لېكىن ئۆي باھاسى مەڭگۈ ئۆرلەيدىغان ئورتاق تونۇش، بىلىم بىلەن تەقدىرنى ئۆزگەرتىدىغان ئورتاق تونۇش، ئۆي-مۈلۈك ۋە ئوقۇش تارىخىنىڭ قىممىتىگە كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، جۇڭگونىڭ تۇرالغۇ ۋە مائارىپ تەننەرخى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. 
نوقۇل ئەيىبلەشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق، كەينىدىكى لوگىكىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن كەلگۈسىدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ. 
مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ ئۆينىڭ بازار قىممىتى 400 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، GDP نىڭ تۆت ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتتى، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ئېچىلمىغان يەر 30 تىرىليون يەرلىك قەرزنىڭ كېپىللىكى ۋە قەرز قايتۇرۇش ئاساسى بولۇپ قالدى. 
ئۆي-مۈلۈكتىن ھاسىل بولغان كىرېدىت خەلق پۇلى تارقىتىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنبەسى ۋە ئاساسى. 
شۇڭا، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاشقاندا، بەزى تەدبىرلەرمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان يەردە ئەمەس. 
ئەگەر ئورنىغا دەسسىتىدىغان ئورتاق تونۇش بولمىغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، يېنىكلىك بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان بەرپا قىلغان ئۆي-مۈلۈك ئورتاق تونۇشىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆي باھاسىنى تېز تۆۋەنلىتىش، غايەت زور بايلىقنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يوقالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا پۈتكۈل سىستېمىغا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زەربە ئېلىپ كېلىدۇ. 

تارىخ بىزگە شۇنى سانسىز قېتىم ئۇقتۇردىكى، نوقۇل بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، بىر ئورتاق تونۇشنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش. 
كونكرېت قانداق مېڭىش توغرىسىدا يەنىلا تارىخنى ئەسلەشكە توغرا كېلىدۇ: 
1978-يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىز «ئامېرىكا دوللىرى» ۋەكىللىكىدىكى تاشقى پېرېۋوتنى ئىلگىرىكى «ئورتاق تونۇش»نىڭ ئورنىغا دەسسەتتۇق ھەمدە ئامېرىكا دوللىرىنى خەلق پۇلى تارقىتىشنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلاندۇردۇق. 
«ئورتاق تونۇش»نىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى قاتلاملار «تاشقى پېرېۋوت»قا ئېرىشىش ئۈچۈن، غەربتىن يۆتكىلىپ كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلدى، شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويى رايونلىرى دېڭىز تىرانسپورتى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ زور نەپكە ئېرىشتى. 
1998-يىلىدىن باشلاپ، تاشقى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنىڭ بارغانسېرى چەكلىك بولۇشىغا ئەگىشىپ، بىز ئىچكى ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىسىنى باشلاپ، تۇرالغۇ، مائارىپ، داۋالاشتىن ئىبارەت «يېڭى ئورتاق تونۇش»نى ئورناتتۇق. 
«يېڭى ئورتاق تونۇش»نىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى تۇرالغۇ، مائارىپ ۋە داۋالىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساھەدە غايەت زور مەبلەغ توپلىدى، شۇنداقلا خېڭدا، يېڭى شەرق ۋە ئامانلىق قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى غايەت زور ئاتامان پۇقراۋى كارخانىلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. 

ھەر قېتىملىق «ئورتاق تونۇش»نى ئالماشتۇرۇش، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بىر قېتىملىق ئۇچۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنداقلا يۆنىلىشنى توغرا تاللىغانلار كۆپ نەپكە ئېرىشتى. 
بۈگۈنكى كۈندە، يەنە بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ئۆي-مۈلۈك ۋە يەر مالىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىشىگە ئەگىشىپ، بىز چوقۇم يېڭى بىر ئەۋلاد ئورتاق تونۇشنى بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان جۇغلانغان بايلىققا تايىنىپ، تېخىمۇ چوڭ سۇ ساقلاش كۆلچىكى تېپىشىمىز كېرەك. 
يېڭى بىر ئەۋلاد ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان كۆلچەك چوقۇم ئۆي-مۈلۈكنىڭ 400 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىشى كېرەك، ھەقىقىي ئورۇن ئالالايدىغان ساھە ئەمەلىيەتتە يوق دېيەرلىك. 
ھەتتا پەقەت ئىككى لايىھە بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلدى. 


بىرى «يېشىل تۆۋەن كاربون»نى يېڭى بىر ئەۋلاد ئورتاق تونۇش قىلىش، يەنە بىرى «سانلىق مەلۇمات»نى يېڭى بىر ئەۋلاد ئورتاق تونۇش قىلىش. 
غەرب ئەللىرى ئالدىنقىسىغا مايىل، شۇڭا G27 دىن G20 گىچە، ئاندىن گلاسگوۋغىچە يەر شارى بويىچە كاربونغا چەك قويۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە دۆلەت ھالقىغان ماگناتلاردىن باج ئېلىشنى بەدەل قىلىپ، سانلىق مەلۇمات بېجى ئىختىلاپىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. 

شەرق كېيىنكىسىگە مايىل، شۇڭا 20 دۆلەت گۇرۇھى بىلەن گلاسگوۋ پەقەت يىراق ئارىلىقتىن يىغىنغا قاتنىشىدۇ، ئەمما سانلىق مەلۇماتقا ئىگە چوڭ تىپتىكى شىركەتلەر، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشقا ئۇچراپلا قالماستىن، يەنە دى دىغا ئوخشاش پېيىنى ئامېرىكىدا بازارغا سالغان شىركەتلەرمۇ ۋاقىتلىق توختىتىلىپ باشقۇرۇشقا دۇچ كەلدى. 

يېشىل تۆۋەن كاربون بىلەن سانلىق مەلۇمات بىر-بىرىگە زىت ئەمەس، سانلىق مەلۇمات ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلغان ماسك بىلەن زاكېربېرگنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە تۆۋەن كاربون بايرىقىنى كۈچەپ پۇلاڭلىتىشىغا قاراپ، بىز «يېشىل تۆۋەن كاربون» ئورتاق تونۇشىنىڭ «سانلىق مەلۇمات» ئورتاق تونۇشىغا ئورىنىۋالغان چاپان ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. 

بىز تەدبىر بەلگىلەشتە ئالدى بىلەن تۆۋەن قاتلامنىڭ لوگىكىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز، ئاندىن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يۈزەكى رىقابەتلىشىدىغىنىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش، ماھىيەتلىك رىقابەتلىشىدىغىنىنىڭ نوپۇس توپلىنىشى ئىكەنلىكىنى، يەنى قايسى تەرەپنىڭ تېخىمۇ ئاز بايلىق ئىشلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى بىر يەرگە توپلىيالايدىغانلىقىغا قارىشىمىز كېرەك. 

گەرچە تېخنىكا جەھەتتە يەنىلا داۋاملىق قوغلاشقا توغرا كەلسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بىز يېڭىدىن ئىمزالىغان RCEP دىن ئىبارەت.  
100 يىلدىن بۇيان چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان پەيتتە، بىز بۇ مەيدان يېشىل تۆۋەن كاربون سانلىق مەلۇمات ئورتاق تونۇش مۇسابىقىسىنى يەڭسەك، كەلگۈسىدە پۈتۈن دۇنياغا چوقۇم قىزىل بايراقنى قادايمىز. 
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
----
ئېلان:
پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!



【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408