搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
يېڭى يىلدا يېڭى سىياسەت
>
يېڭى يىلدا يېڭى سىياسەت
Nepkar
2022-01-02
1
导读:باي رايونلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تولۇقلىمىسىنى كەڭ تۆۋەن كىرىملىك رايونلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ.
2022-يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يېڭى ئېنېرگىيە
لىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى.
2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، تۆت تارماق بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۈگۈندىن باشلاپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تولۇقلىمىسىنى %30 چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ھەم يىل ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇ قېتىم تولۇقلىما بېرىش ۋاقتىنىڭ كەينىگە سۈرۈلمىگەنلىكىدىن، 2009-يىلىدىن بۇيان، ھەر يىلى ئون مىليارد يۈەندىن ئارتۇق تولۇقلىما بېرىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى رەسمىي بازارلاشقان رىقابەتكە قەدەم قويدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە «زەربە» يېگەنلەردىن يەنە شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلارمۇ بار.
مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى 2021-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈندىن باشلاپ، ھوقۇق-مەنپەئەت خاراكتېرلىك مەبلەغ سالغان شەخسىي شېرىكسىز كارخانىلار، شېرىك كارخانىلاردىن بىردەك ھېسابات تەكشۈرۈپ، باج ئېلىش شەكلىدە شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ.
بۇ، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ باجنى كېمەيتىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، مۇستەقىل مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ باجدىن ساقلىنىش ئېغىزىنى ئۈزۈل-كېسىل قامال قىلغانلىقتىن، زور بىر تۈركۈم تېز پۇل تېپىپ يەنە باجدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان پۇلدارلارنىڭ ھەممىسى «باج تولۇقلاش»قا دۇچ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ سىياسەتلەرنىڭ مەركەزلىك ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى پەقەت بىر باشلىنىش.
خۇددى 2021-يىلى 7-ئايدا ئېچىلغان سىياسىي بىيۇرو يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «كېيىنكى يېرىم يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىل»گە ئوخشاش، يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدىكى ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇشقا دائىر ۋاقىتلىق سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى 2022-يىلدا ئۈزۈل-كېسىل چېكىنىپ چىقىدۇ.
سىياسەت ۋە يۇقىرى باھا تولۇقلىمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش كاپىتال بازىرىنىڭ باھا بېكىتىش لوگىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە مەركىزىي ھۆكۈمەت مالىيەسىگە غايەت زور باج مەنبەسى تەمىنلەيدۇ.
مەسىلەن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تولۇقلىمىسى چېكىنگەندە مەركەزنىڭ 10 مىليارد يۈەن مەبلىغىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، ھېسابات تەكشۈرۈپ باج ئېلىش ئارقىلىق مالىيە ئۈچۈن 100 مىليارد يۈەن باجنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
كىرىش بولغان ئىكەن، چىقىشمۇ بولىدۇ، مالىيە ياخشىلانغاندىن كېيىن بەزى جايلاردا تەبىئىي ھالدا پۇل خەجلىگىلى ۋە باجنى كېمەيتكىلى بولىدۇ.
مەسىلەن، ئەسلىدە تۈنۈگۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يېڭى ئېنېرگىيە تولۇقلىمىسىغا ئوخشاش ئۆز قەرەلىدە ئاخىرلاشمايدۇ، بەلكى يەنە ئىككى يىلدىن 2023-يىلغىچە داۋاملىشىدىغان بولدى.
مالىيە بىر بوغالتىرلىق ھېساباتى، خۇددى 1566 دىكى تەقسىماتقا ئوخشاش، تېجەپ قېلىنغان بۇ پۇللار يەنە بىر خىل شەكىلدە بازار ۋە پۇقرالارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ.
مەسىلەن، بۇ يىلدىن باشلاپ شەخسىي كارخانىلاردىن ئالىدىغان 100 مىليارد يۈەن تاپاۋەت بېجى، كېيىنكى يىلىغا 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك باجنىڭ كېمەيتىلىشى ۋە كەچۈرۈم قىلىنىشىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئوخشاشلا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تولۇقلما سىياسىتىنىڭ چېكىنىشىدىن تېجەپ قېلىنغان 10 مىليارد يۈەنلىك مالىيە تولۇقلىمىسىمۇ مەخسۇس پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ، ئەگەر خاتا پەرەز قىلىنمىغان بولسا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
سىياسەتنىڭ ئۆزى ئۇنچىلىك سىرلىق ئەمەس، چوڭ يۆنىلىش بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاشلا يىلتىزداش بولۇپ، ھەربىر مۇستەقىل ساھەدە مالىيە پۇلىنى تېخىمۇ تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەر توپىغا سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى پاراۋانلىققا ئېرىشتۈرىدۇ.
ئادىل بولۇش، ئۈنۈمدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
مەسىلەن، دۆلەت ۋېي يا، شۆ لىنىڭ باج ئوغرىلىغان پۇلىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان باج تاپشۇرغۇچىلارغا تولۇقلاپ بېرىپ، باي رايونلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تولۇقلىمىسىنى كەڭ تۆۋەن كىرىملىك رايونلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ.
ئوخشاشلا، پوچتا ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغان رايونلار ۋە قولتۇق رايونىنىڭ ئىش ھەققىنى كونترول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 3-، 5-سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان يولداشلارغا مائاش قوشۇپ بېرىش كېرەك.
يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە سىياسىتىنىڭ تەدرىجىي چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، 2022-يىللىق ئىقتىسادىي سىياسەت ئومۇميۈزلۈك ھالدا «ئىنسان تەبىئىتىگە قارشى» بولۇپ، تېز پۇل تاپىدىغان ساھەلەرنى چەكلەپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا نۇقتىلىق ياردەم قىلىنىدۇ.
تارىخقا نەزەر سالساق، پەقەت مۇشۇنداق ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلغاندىلا، ئاندىن جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، تارىخنىڭ دەۋرىيلىكىدىن ھالقىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0