

ما يۈن، ما خۇاتېڭ، دۇڭ مىڭجۇ، لېي جۈنلەرنىڭ ئاشۇ يىللاردا ئاتقان پولىرى ئەمەلگە ئاشتىمۇ؟
ھەر يىللىق كارخانىچىلىق سەركىلىرى يىللىق يىغىنىدا، ھامان مەلۇم بىر كارخانىچىنىڭ سۆزى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئەينى چاغدا قارىماققا «پو ئاتقان»دەك كۆرۈنەتتى، بۈگۈنكى كۈندە كۆپىنچىسى بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشتى. ئۇلار كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان ئادەملەردۇر. بۇ يىلقى رەھبەرلەر يىللىق يىغىنىدا، ئۇلار يەنە نېمىلەرنى دەيدۇ؟
پو ئېتىش قورقۇنچلۇق ئەمەس، كىم قىلالمىسا شۇ ئوڭايسىزلىنىدۇ.
بىر يەردە، ئاتامانلار ھەمىشە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن كۆپ يىللاردىن كېيىن، ئۇ «پو»لارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلگە ئېشىپ قالىدۇ. بۇ جاي «جۇڭگو كارخانا رەھبەرلىرى يىللىق يىغىنى» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى ئاشۇ ئاتامانلار ئاتقان «پو»لار سەۋەبلىك، جۇڭگو كارخانا رەھبەرلىرىنىڭ يىللىق يىغىنىمۇ جۇڭگو سودا ساھەسىنىڭ فايۇگېرى (风向标) بولۇپ قالدى.

ما يۈن: «ئەگەر بانكا ئۆزگەرمىسە، بىز بانكىنى ئۆزگەرتىمىز.»
2008-يىللىق (7-نۆۋەتلىك) جۇڭگو كارخانا رەھبەرلىرى يىللىق يىغىنى
2008-يىلى، ما يۈن رەھبەرلەر يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، تارقىلىپ يۈرگىنىگە نۇرغۇن يىل بولغان «ئالتۇن جۈملە»نى قالدۇرۇپ: «ئەگەر بانكا ئۆزگەرمىسە، بىز بانكىنى ئۆزگەرتىمىز.» دېگەن ئىدى.
ئەينى چاغدىكى بەزى ئوبزورلارنى كۆرۈپ باقايلى. ھەتتا ئازراق «مەسخىرە» تۈسىدىكى بۇ «پو»نىڭ ئەينى چاغدا سەھنە ئاستىدىكى كارخانىچىلارغا قانچىلىك زىلزىلە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ياكى «پو ئېتىش»قا ئارگىنال كەتمەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
ئەينى يىلى تاۋباۋ سۇپىسىغا بېقىنىپ دۇنياغا كەلگەن پۇل تۆلەش قورالىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودىكى پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىلار ئىچىدە مۆلچەر قىممىتى ئەڭ چوڭ بىر قىئاتقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېچكىم پەرەز قىلالمايدۇ.
2019-يىلى چۈمۈلە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي چىقىم سودا كۆلىمى 118 تىرىليون يۈەنگە يەتتى. ئەڭ دەسلەپكى چىقىم قىلىش قورالىدىن بىر يۈز تىرىليون يۈەنلىك پۇل مۇئامىلە ئىمپېرىيەسىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ما يۈن مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ ئۇ گەپنى دېيەلەيدىغان بولدى: «ئەگەر بانكا ئۆزگەرمىسە، بىز بانكىنى ئۆزگەرتىمىز.»
ما خۇاتېڭ: «بىز ئېچىۋېتىلگەن سۇپا ئارقىلىق، ھەر بىر كارخانا، ھەتتا ھەر بىر ئادەمنى قىممەت تۆھپىكارىغا ئايلاندۇرالايمىز ھەمدە بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرەلەيمىز.»
2010-يىللىق (9-نۆۋەتلىك) جۇڭگو كارخانا رەھبەرلىرى يىللىق يىغىنى
2010-يىلى تېڭشۈننىڭ قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ھەر تەرەپنىڭ زەربە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
ئۇنىڭ پايدىسى ئەينى چاغدىكى باشقا تۆت ئالاقە تورى ماگناتى بولغان بەيدۇ، ئەلى بابا، سىنا، سوخۇنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ «ئانتېننا»سى ئويۇن، ھەردەملىك ئالاقىلىشىش، ئۇنىۋېرسال بېكەت، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ۋىرۇسخور، سىن قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىگە سوزۇلغان. ئەينى چاغدىكى تېڭشۈن پۈتۈن تورنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. ۋاڭ شىڭ «تېڭشۈن قىلمايدىغان قانداق كەسىپ بار؟» دېگەن سۆزىدە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئېيتقان ئىدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «پىنگۋىن ۋە توشقان!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە، ما خۇاتېڭ ئەينى يىللاردىكى رەھبەرلەر يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، نەچچە مىڭ كارخانىچىنىڭ ئالدىدا تېڭشۈننىڭ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى: «بۈگۈندىن باشلاپ، (2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ،) تېڭشۈن شىركىتى يېرىم يىللىق ئىستراتېگىيەلىك تىپ ئۆزگەرتىش تەييارلىق مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ، تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ پىرىنسىپى ئېچىۋېتىش ۋە تەڭ بەھرىمەن بولۇش.»
ما خۇاتېڭ ئېچىۋېتىش ۋە بەھرىلىنىشنى بىر تەشۋىقات شوئارى قىلمىدى، بەلكى راستىنلا «يېرىم جاننى ھەمكارلىق ھەمراھىغا تاپشۇردى.» تېڭشۈن ئېچىۋېتىلگەن ئەپ سۇپىسى، ئېچىۋېتىلگەن مەزمۇن سۇپىسى، ئېچىۋېتىلگەن AI سۇپىسى قاتارلىق ئالتە چوڭ ئېچىۋېتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، بەش يىلدا پاي چېكى بازارغا سېلىنغان 30 شىركەتنى بارلىققا كەلتۈردى.
بۈگۈنكى كۈندە، تېڭشۈن بىر كۈچلۈك ئېنېرگىيەلىگۈچى بولۇپ قالدى. ئېچىۋېتىش، بەھرىلىنىش بولغاچقىلا، بۈگۈنكى كۈندە 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئادەم ئىشلىتىۋاتقان ئۈندىدار ئېكولوگىيەسى بارلىققا كەلدى؛ چۈنكى ئېچىۋېتىش، بەھرىلىنىش بولغاچقىلا، تېڭشۈن بۇلۇتى قاتارلىق كارخانىلارغا قارىتىلغان كەسپى تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈردى؛ ئېچىۋېتىش، تەڭ بەھرىلىنىش سەۋەبلىك تېڭشۈن مەبلەغ سالغان يېرىمدىن كۆپرەك ئالاقە تورى ئېكولوگىيەسى بارلىققا كەلدى. (ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى تەييارلانغان، بۈگۈن قايتا يوللاندى!)
دوڭ مىڭجۇ: «جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقى چوقۇم دۇنيا ياسىمىچىلىقىغا ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا چوقۇم دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ، گېلى ئېلېكتىر سايمانلىرى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساھەدە مەن مەڭگۈ رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرىدۇ. باشقىلارنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە مەڭگۈ يول قويۇلمايدۇ.»
2013-يىللىق (12-نۆۋەتلىك) جۇڭگو كارخانا رەھبەرلىرى يىللىق يىغىنى
2013-يىلى، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەن سۈپەتلىك، تۆۋەن باھالىق «تامغا»دىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا دۇنيا دەرىجىلىك ھۆرمەتكە ئېرىشەلمىدى. گېلىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سودىگەرلىرى ھەتتا ئوچۇق قىلىپ: «گېلى ھاۋا تەڭشىگۈچى ئىنتايىن ياخشى، لېكىن جۇڭگودا ياسالغان بولغاچقا بىزگە ناھايىتى چوڭ بېسىم بولدى، ئەگەر "تايلاندتا ياسالغان"غا ئالماشتۇرساق، ياخشى سېتىلىدۇ.» دېگەن ئىدى.
كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، «باشقىلارنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە مەڭگۈ يول قويماسلىق» نىشانى ئۈچۈن، دوڭ مىڭجۇ نېمىلەرنى قىلدى؟
2014-يىلى گېلى تەتقىقات خىراجىتىدىن 4 مىليارد يۈەن ئاجراتتى. پاتېنت ئومۇمىي سانى 10 مىڭدىن ئاشتى؛ 2015-يىلى دۇڭ مىڭجۇ جۇڭگو ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ساھەسىدىكى تۇنجى داۋوس مۇنبىرىگە قاتناشقان كارخانىچى بولۇپ قالدى؛ 2016-يىلى گېلى 100 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق تىجارەت كىرىمى ياراتتى، پايدا نىسبىتى %15 كە يەتتى؛ 2017-يىلى، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى %40 تىن كۆپرەكى گېلى ھاۋا تەڭشىگۈچ بولدى؛ 2018-يىلى گېلى ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ دۇنيا بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى %20.6 كە يېتىپ، ئۇدا نەچچە يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى؛ 2019-يىلى، گېلى ئېلېكتىر سايمانلىرى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرىپ، ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتى جەھەتتە جۇڭگو كارخانىلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى ......
«دۇنيانى جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنى ياخشى كۆرىدىغان» قىلىش دوڭ مىڭجۇنىڭ پەقەت بىر جۈملە شوئار ئەمەس، ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسىلا جۇڭگو ياسىمىچىلىقى ئۈچۈن چۇقان سېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا چاقىرىق قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياخشى پۇل بىلەن ناچار پۇلنى قوغلاپ چىقارغان دۇڭ مىڭجۇ ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچى ئارقىلىق جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نى دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى.
ئەمما دوڭ مىڭجۇمۇ قىلچە تالاش-تارتىش بولمايدىغان جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ «بىرىنچى جارچىسى» بولۇپ قالدى.

لېي جۈن: «ئالاقە تورى ئىدىيەسى كۆڭۈل قويۇش، ۋايىغا يەتكۈزۈش، ئالقىشقا ئېرىشىش، تېز بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە شياۋمى تەشەببۇس قىلغان ئالاقە تورى تەپەككۇرىنى پۈتۈنلەي تەقلىد قىلغىلى بولىدۇ، ئەگەر كۆپچىلىك ئىشەنمىسە، مەن كەلگۈسى بەش يىلدا 100 شىركەتكە مەبلەغ سېلىپ شىياۋمى ئەندىزىسىنى كۆپەيتىمەن.»
2014-يىللىق (13-نۆۋەتلىك) جۇڭگو كارخانا رەھبەرلىرى يىللىق يىغىنى
شياۋمى ۋۇجۇدقا كەلگەن بۇ ئون يىلدا، ئارقا-ئارقىدىن مۆجىزە ياراتتى: قۇرۇلغان ئۈچىنچى يىلى، جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرى ئۈلۈشىدە بىرىنچى بولدى؛ قۇرۇلۇپ تۆتىنچى يىلى، مۆلچەر قىممىتى 45 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى بىر قىئات بولۇپ قالدى؛ قۇرۇلۇپ 8-يىلى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىردى؛ قۇرۇلۇپ 9-يىلى ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
بۇ مۆجىزىلەرنىڭ ئارقىسىغا لېي جۈننىڭ «دۈشمەننى ئاز قىل، دوستنى كۆپ قىل!» دېگەن بىر جۈملە سۆزى يوشۇرۇنغان.
لېي جۈن 2014-يىللىق رەھبەرلەر يىللىق يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «ئالاقە تورى ئىدىيەسى كۆڭۈل قويۇش، ۋايىغا يەتكۈزۈش، ئالقىشقا ئېرىشىش، تېز بولۇشتىن ئىبارەت. مېنىڭچە، شياۋمى تەشەببۇس قىلغان ئالاقە تورى تەپەككۇرىنى پۈتۈنلەي تەقلىد قىلغىلى بولىدۇ، ئەگەر كۆپچىلىك ئىشەنمىسە، مەن كەلگۈسى بەش يىلدا 100 شىركەتكە مەبلەغ سېلىپ، شياۋمى ئەندىزىسىنى نۇسخىلايمەن.» بۈگۈنكى كۈندە، شياۋمى ئېكولوگىيە زەنجىرى ئاستا-ئاستا بارلىققا كەلدى. كۆچمە توك مەنبەسى، توك قازان، تېلېۋىزور، سىملىق روزېتكا، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچىگۈچ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، تەرەت تۇڭى قاپقىقى، پرويېكسىيە ئاپپاراتى، شىفىرلىق قۇلۇپ، ئاۋاز ساندۇقى، يەر سۈپۈرۈش ماشىنىسى ...... تۇرمۇشتا لېي جۈننىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھازىر شياۋمىنىڭ ئۆزى مەبلەغ سالغان ۋە يېتىشتۈرگەن كارخانىسى 300 گە يېقىنلاشتى، شياۋمى كارخانىلارنىڭ تىك ساھەدە تېز سۈرئەتتە رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىپ، شياۋمى ئەندىزىسىنىڭ كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئىسپاتلىدى.

لى يەنخۇڭ: «كارخانىچىلار ئۆز كۈچى، مەبلىغى بىلەن تېخىمۇ دادىل، تېخىمۇ خەتەرلىك، ياكى قىسقا مۇددەت ئىچىدە جاۋاب قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىشى كېرەك، بۇمۇ مۇشۇ بىر ئەۋلاد كارخانىچىلارنىڭ بۇرچى!»
2015-يىللىق (14-نۆۋەتلىك) جۇڭگو كارخانا رەھبەرلىرى يىللىق يىغىنى
2015-يىلى لى يەنخۇڭ رەھبەرلەر يىللىق يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ھاياتلىق ئىلمىگە بولغان قىزىقىشى ئۈستىدە كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۇسۇلى ئارقىلىق ھاياتلىق ئىلمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە «كارخانىچىلارنىڭ بۇرچى قىسقا مۇددەت ئىچىدە جاۋاب قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئىشنى قىلىش.» دەپ چىڭ تۇردى.
ئىنچىكە ئويلايدىغان بولساق، بۇ يىللاردا لى يەنخۇڭ ھەقىقەتەن ئىزچىل «قىسقا مۇددەت ئىچىدە جاۋاب قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئىش»نى قىلىشتا چىڭ تۇردى، مەسىلەن، بەيدۇ 2010-يىلىلا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىگە ئۇل سېلىشقا باشلىغان، بەيدۇنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پاتېنت سانى دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقە تورى كارخانىلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
2020-يىلى 9-ئايدا، لى يەنخۇڭ يەنە ھاياتلىق ئىلمى شىركىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھاياتلىق ئىلمى ساھەسىگە رەسمىي يۈرۈش قىلدى. ھاياتلىق ئىلمىنىڭ بازار يوشۇرۇن كۈچى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى، لى يەنخۇڭ ھاياتلىق ئىلمى ئارزۇسىنى ئاخىرى ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇ بىر نەچچە يىلدا بەيدۇنىڭ بازار ئىپادىسى ناچار بولسىمۇ، لېكىن «قىسقا مۇددەت ئىچىدە جاۋاب قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئىش»نى قىلىشتا چىڭ تۇرغان لى يەنخۇڭ ھامان بىر كۈنى ئەجىرنىڭ مېۋىسىنى كۆرىدىغان كۈننى كۈتىۋالىدۇ.

ۋاڭ شىڭ: «ھازىر ئەڭ چوڭ پۇرسەت بارلىق كەسىپلەر ئالاقە تورىلاشتۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەيلى سىز قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىڭ، ئەگەر سىز كەسپىڭىزنى ئالاقە تورى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارىسىڭىز، يەنە بىر-ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ كەسىپ سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ.»
2014-يىللىق (13-نۆۋەتلىك) جۇڭگو كارخانا رەھبەرلىرى يىللىق يىغىنى
2014-يىلى مېيتۈەن يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئابونتى بار مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ يەرلىك تۇرمۇش ئالاقە تورى سۇپىسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئەينى يىللاردىكى رەھبەرلەر يىللىق يىغىنىدا، ۋاڭ شىڭ ئالاقە تورىنىڭ بارلىق كەسىپلەرگە بولغان كۈچلۈك زەربىسىنى ئىنتايىن بىۋاسىتە قىلىپ: «ھازىر ئەڭ چوڭ پۇرسەت بارلىق كەسىپلەر ئالاقە تورىلاشتۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەيلى سىز قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىڭ، ئەگەر سىز كەسپىڭىزنى ئالاقە تورى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارىسىڭىز، يەنە بىر-ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ كەسىپنىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى قالمايدۇ.» دېگەن ئىدى.
ۋاڭ شىڭنىڭ كۆرگىنى ئىنتېرنېت تورىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدان پۇرسىتى. كېيىنكى بىر قانچە يىلدا، مېيتۈەن «يېيىش»نى چۆرىدەپ چېگراسىز كېڭىيىشكە باشلىدى. مېھمانساراي زاكاز قىلىش، كوللېكتىپ سېتىۋېلىش، بۇيرۇتما كەسپى، تاكسى توسۇش، ھەمبەھر ۋېلىسىپىتى، يۈگۈر-يېتىم ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، تاللا بازىرىدىكى خام-يېڭىلار، ئادەمسىز ئاپتوموبىل ...... ۋاڭ شىڭ بىر مەيدان چەكسىز ئويۇننى باشلىدى، ھېچكىم مېيتۈەننىڭ چېگراسىنى كۆرەلمىدى.
ئەينى يىلى، ۋاڭ شىڭنىڭ سۆزىنى «ۋەھىمىلىك سۆزلەر» دەپ قارىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس ئىدى، بىراق مېيتۈەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەممە ئىشنىڭ ساقلانغىلى بولمايدىغان ھالدا ئۆزئارا بىرلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

جاڭ يىمىڭ: «ئەگەر بىرەر ئىش نەزەرىيە جەھەتتىن پۇت تىرەپ تۇرالىسا، ئامال قىلىپ ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك، مېنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن قۇرۇلغان ئىشلارنى رېئاللىقتا پەيدا قىلىش پۇرسىتىم بار. ئەگەر بىرىنچى بولۇپ بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان ئادەم بولسا، مەن ئۇنى مۇددەتتىن بۇرۇن ۋۇجۇدقا كېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمەن!»
2015-يىللىق (14-نۆۋەتلىك) جۇڭگو كارخانا رەھبەرلىرى يىللىق يىغىنى
جاڭ يىمىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. 2015-يىلى، جاڭ يىمىڭ رەھبەرلەر يىللىق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دېگەن: «نەزەرىيە جەھەتتە شۇنداق بىر خىل ئۇسۇل مەۋجۇت بولۇشى كېرەككى، ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تارىخ ئۇچۇرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئاپتور كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالاھىدىلىكىنى بىر يەرگە قويۇپ تەۋسىيە قىلىش كېرەك، بۇ نەزەرىيە جەھەتتە قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن رېئاللىقتا تېخى كۆرۈلمىدى.»
لېكىن بۈگۈنكى باشخەۋەر نەزەرىيە جەھەتتىن قۇرۇلغان بۇ ئىشنى قىلىپ، ئۇچۇر تەۋسىيە قىلىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى، ئۇ ئادەم ئۇچۇر ئىزدەشنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇچۇر ئادەمنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئادەمنى ئىزدەشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ خىل ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى قېزىش ئاساسىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىپ، «مىڭ ئادەم مىڭ دائىرىدە بولۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.
جاڭ يىمىڭنىڭ قىلماقچى بولغىنى دەل نەزەرىيەدىكى نەرسىلەرنى تېخنىكىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
«پو» ئېتىش ناھايىتى ئاسان ئىش، تەس بولغىنى سىز نۇرغۇن يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇنىڭ چوڭ گەپ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىشىڭىزدۇر. كارخانىچىلار رەھبەرلەر يىللىق يىغىنىدا «پو» ئېتىلغىنى «لاپ» ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ھۆكۈمىدۇر.
2020-يىلى، يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيانى يېڭى دۇنياغا ئېلىپ كىردى، بىز ھەممىمىز پۈتۈنلەي يېڭى ئۆزگىرىشكە يۈزلەندۇق. كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان بۇ كىشىلەر يەنە نېمە دەيدۇ؟
مەنبە: جۇڭگو كارخانىچىلار ژۇرنىلى ئۈندىدار سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلانغان.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
