大数跨境

رەسىمگە قاراپ دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش 1-بۆلەك!

رەسىمگە قاراپ دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش 1-بۆلەك! Nepkar
2022-02-13
1
导读:ئىسراپچىلىق دېگىنىمىز، بۈگۈن تۈنۈگۈن ئۆلۈپ كەتكۈچىلەر ئېرىشەلمىگەن ھەشەمەتتۇر!

ئەگەر سىز بۇ 100 رەسىمنى كۆرۈپ چۈشىنەلىسىڭىز، بۇ دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنەلەيسىز!


بىرىنچى، ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلەرنى يۆلەپ تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرگۈچىلەرنى يىقىتقىلى بولمايدۇ!

ئىككىنچى، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شەكىلۋازلىق ئىچىدە ياشايدۇ!

كېسەل بولغاندا ئاندىن داۋالىنىشنى خالايدۇكى، ھەرگىزمۇ سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشنى خالىمايدۇ!

بىر ئادەمنىڭ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭ تەيجى تەپەككۇرىنى ھازىرلىغان ھازىرلىمىغانلىقىدا!

ئۈچىنچى، ئەڭ قورقۇنچلۇق تۈرمە، تەپەككۇر تۈرمىسىدۇر!

بىلىشنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن، ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچكەنلىك، تەشۋىش ۋە ئۈمىدسىزلىكنىڭ ماھىيەتلىك سەۋەبىدۇر!

ئاساسى ئىلىم-پەن بىلىملىرى سىزنىڭ تەگ لوگىكىڭىزنى بەلگىلەيدۇ؛ تەگ لوگىكىڭىز، سىزنىڭ بىلىش دەرىجىڭىزنى بەلگىلەيدۇ؛ بۇ دەل رېن جېڭفېينىڭ نېمە ئۈچۈن ئاساسىي ئىلىم-پەننى تەكىتلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر!

نېمە ئۈچۈن، شۇنچە كۆپ ئادەملەر دۇنيانى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىنى جار سالىدۇ؟
چۈنكى دېيىش بەكلا ئاسان، ئېغىزىنى ئاچسىلا دېگىلى بولىدۇ (سۆزلىگەنگەن باج ئېلىنمايدۇ!)
نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىمەن» دەيدۇ؟ چۈنكى بۇنى قىلماق بەك تەس، زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي تۇرۇپ بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ!
دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىر قۇرۇق پو! ئۆزىنى ئۆزگەرتىشلا ھەقىقىيدۇر!

ئىش-ھادسىلەر ھەمىشە قانچە تارقالغانسېرى شۇنچە ماھىيىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ بىر رىۋايەت بولۇپ قالىدۇ!

ساغلاملىق «1»، باشقىسىنىڭ ھەممىسى «0»!
0 دىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، نۇرغۇن نەرسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغىنىڭىز ئېنىق، ئەمما 1 دىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، ھەممىدىن ئايرىلىپ قالىسىز!

بۇ نېمە ئۈچۈن تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ تىركىشىدىغانلىقى، ئۆزئارا بىر-بىرىنى كۆرەلمەسلىكى، ئۆزئارا بىر بىرىنى مەسخىرە قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، شۇنداقلا ئۇلار قانداق قىلغاندا قەپەستىن چىققىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلانمايدۇ!

نېمە ئۈچۈن دۇنيادا شۇنچە كۆپ سۈيقەست مەۋجۇت؟ چۈنكى ئۇ ئاشۇ كاللىسى ئاددىي كىشىلەرنى قارىماققا كاللىسى ئۇنچە ئاددىي ئەمەستەك كۆرسىتىدۇ.

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشپ، بىزنىڭ كاللا ئىشلىتىدىغان ئىشلىرىمىز بارغانچە كۆپىيىپ، قەلبىمىزنى ئىشلىتىشىمىز بارغانچە ئازلايدۇ.

تۆتىنچى، مەڭگۈ ئۆزىنى ياكى ئىستىقبالىنى تۈگەشتۈرىۋالىدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك!

بەشىنچى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر گىگانىت بوۋاقتۇر!

ئالتىنچى، بىز ناھايىتى كۆپ يېگەندەك قىلساقمۇ، ئەمما يەنىلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ!

يەتتىنچى، باراۋەرلىك ھەرگىزمۇ ئادىللىققا ۋەكىللىك قىلمايدۇ!

سەككىزىنچى، سىز شۇنچە ئەجىر قىلىپ بىر ئادەمگە قانداق قىلىپ ئىللىقلىق بىلەن سۆيۈشنى ئۆگەتكىنىڭىزدە، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ بۇ «ئىللىق»لىقنى باشقىلارغا بېرىدۇ.

توققۇزىنچى، ئىسراپچىلىق دېگىنىمىز، بۈگۈن تۈنۈگۈن ئۆلۈپ كەتكۈچىلەر ئېرىشەلمىگەن ھەشەمەتتۇر! سىز بىزار بولغان ھازىر بولسا سىز كەلگۈسىدە ئېرىشەلمەيدىغان ئۆتمۈشتۇر!

ئونىنچى، بىز دۇنيا يېڭىلىقلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولساقمۇ، ئەمما كاللىمىز يەنىلا قۇپقۇرۇق!
مەنبە: باشخەۋەر تورىدىن رەتلەندى!
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408