رېيتېر ئاگېنتلىقى قاتارلىق چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسى Facebook مۇشۇ ئاينىڭ 28-چېسلا، بۇ سۇپىنىڭ ماركىسىنىڭ بىر قىسمىنىڭ نامىنى «Meta»غا ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىغان.

Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى زاكېربېرگنىڭ دېيىشىچە، Facebook شىركىتى ھازىر بار بولغان Facebook ۋە شىركەت قارمىقىدىكى Instagramm قاتارلىق نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى، رېئال ۋاقىتلىق ئالاقە سۇپىلىرىنى تەدرىجىي بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈنلەي يېڭى بولغان Meta سۇپىسىنى بەرپا قىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، «Facebook» ئادەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى تور ئەھلى دائىم ئىشلىتىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىنى كۆرسىتەتتى، شۇنداقلا بۇ سۇپا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتنىمۇ كۆرسىتەتتى.

ماتېرىيال رەسىمى: جۇڭگو ئىقتىساد تورى ۋاڭ يەن فوتوسى
بۇ قېتىم نامىنى ئۆزگەرتكىنى Facebook شىركىتى بولۇپ، زاكېربېرگ بۇنى «داڭلىق ماركا قايتا ئېنىقلىمىسى» دەپ چۈشەندۈرگەن، يەنى Facebook تور بېكىتى ۋە بۇ شىركەت نۆۋەتتە ئىگىلىگەن كۆپلىگەن ماركا ئاساسىدا، «Meta» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېڭى ماركىنى بەرپا قىلغان.
تونۇشتۇرۇشتىن قارىغاندا، Meta سۇپىسى پۈتۈنلەي يېڭى، ئىقتىدارى تېخىمۇ كۆپ بولغان ئالاقە تورى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ شەكلىگە ئايلىنىدىكەن، قىسمەن تاراتقۇلار بۇ ئەندىزىنى «ئىپتىدائىي ئالەم (Metaverse)» دەپ تەرجىمە قىلغان، يەنى VR ۋە AR تېخنىكىسى ھەم ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئابۇنىچىلارنى بۇ 3D لىق مەۋھۇم دۇنيادا رېئال تۇرمۇشقا ئوخشاش كىشىلەر ئارا ئالاقە ئورنىتىپ، خىزمەت، ئالاقە ۋە كۆڭۈل ئېچىش بوشلۇقىنى قاندۇرۇشقا جەلپ قىلىدىكەن.
دېيىلىۋاتقان بۇ «ئىپتىدائىي ئالەم» ئۇقۇمى ئامېرىكىنىڭ 1992-يىلىدىكى فانتازىيەلىك رومانى «قار كۆچكۈنى»دىن چىققان، ئۇنىڭدىن كېيىن رېئال تۇرمۇشتىن پەرقلىنىدىغان يېرىم مەۋھۇم بوشلۇق بەرپا قىلىپ، ئابونىتلارنىڭ رېئال تۇرمۇشتىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالاقە ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىرقەدەر ئوبرازلىق مىساللاردىن «بىرىنچى نومۇرلۇق ئويۇنچى»، «كونتروللۇقىنى يوقاتقان ئويۇنچى» فىلىمىدىكى كۆرۈنۈشلەر بار.
Facebook ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە Meta سۇپىسىدا مەخسۇس دائىرە نامى تونۇشتۇرۇش بېتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ نام Facebook شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى گوگۇل شىركىتىگە ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ، شىركەتنىڭ نامىنى Meta غا ئۆزگەرتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن ئىكەن، ھازىرغا قەدەر، بۇ شىركەت قارمىقىدىكى Facebook تور بېكىتى ۋە Instagramm قاتارلىق نۇرغۇن تور بېكەتلىرى، APP لىرى يەنىلا ئەسلىدىكى ئىسمىنى ساقلاپ قالغان.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.


بىۋاسىتە نەپدان سالونىغا ئەگىشىۋېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!
تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نەپدان، نەپكار سالونلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.

