大数跨境

ئىپتىدائىي ئالەم پوپى ۋە كۈركە توخۇ

ئىپتىدائىي ئالەم پوپى ۋە كۈركە توخۇ Nepkar
2021-11-26
2
导读:جيا يۆتىڭنىڭ جىسمىدىكى نەق پۇل ئېقىمىدا چېنىقىش ۋەزىيىتى كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا پۈتۈن يەرشارىدا ئوي
1620-يىلى داڭلىق «ماي گۈلى» ئامېرىكا قىتئەسىگە يېتىپ كېلىدۇ. 
پاراخوتتىكى 102 نەپەر پۇرىتان دەل ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپى ئىدى. 
شۇ يىلى قىش ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، ئاقكۆڭۈل ئىندىئانلار كۈركە توخۇ ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئەكىلىپ بېرىدۇ، يەنە ئۇلارغا ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇش ۋە كۆممىقوناق تېرىشنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. 
بۇ قېتىملىق مەبلەغ ئامېرىكا ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىنى ئەڭ قىيىن مەزگىلدىن ئۆتكۈزۈپ، قار پومزىكى شەكلىدىكى يۈكسەك ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. 


ئىككىنچى يىلى قىشتا، كرىزىستىن ئۆتۈپ كەتكەن پۇرىتانلار ئىندىئانلار سالغان مەبلەغكە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، مەبلەغ سالغۇچىنى بىرلىكتە كۈركە توخۇ يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مىننەتدارلىق بايرىمى بارلىققا كېلىدۇ. 
پەقەت ئىندىئانلار ئۆزلىرى مەبلەغ سالغان كۈركە توخۇنىڭ ئامېرىكا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلىرىنىڭ ئەڭ جاپالىق پەيتتىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى، قوراللانغان پۇرىتانلارنىڭ خاتوخات ئۇۋىسىنى ئىگىلىۋېلىپ، سېغىزخاننىڭ ئۇۋىسىنى قۇزغۇن ئىگىلىۋاپتۇ دېگندەك، ئامېرىكا قىتئەسىنى ئۆزىنىڭ ماكانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. 
ئەسلىدىكى ئاھالىلەرنى تالان-تاراج قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ئەنگلىيەنىڭ قولىدىن كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، سانائەت ئىنقىلابىنىڭ V2.0 دەۋرىنى ئاچتى. 


2018-يىلى ماسك %5  پېيىنى ئىگىلىگەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىگىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ ياردىمىدە Tesla نى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشقا تاس قالغان ئىدى، ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ۋە كاپىتال بېسىمى ئاستىدا ۋاز كېچىپ، پۈتۈن كۈچىنى جۇڭگوغا كىرىشكە قارىتىپ بىر قېتىملىق دو تىككەن ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىگىلىك ھوقۇق فوندى ۋاز كەچمەي، 1 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن Tesla نىڭ رىقابەتچىسى Lucid غا مەبلەغ سېلىپ، %62.7 پايغا ئېرىشىپ، بىرىنچى چوڭ پايچىك بولدى. 
ئۈچ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، Tesla بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ئاپتوموبىل كارخانىسىغا ئايلاندى، Lucid مۇ T تىپلىق ئاپتوموبىل بىلەن ئاپتوموبىل دەۋرىنى ياراتقان فوردتىن ئېشىپ، 80 مىلياردلىق بازار قىممىتى بىلەن دۇنيا بويىچە سەككىزىنچى ئورۇندا تۇردى. 

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىگىلىك ھوقۇق فوندى، گەرچە بۇ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردىن 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما، خۇددى ئاپتوموبىلنىڭ پەيدا بولۇشى ئېسىل ھارۋىكەشلەر ۋە ئات باققۇچىلار ئىشسىز قالدۇرغانغا ئوخشاش؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشىمۇ يۇقىرى باھالىق نېفىتنى ئادەتتىكى خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. 
دەرۋەقە، سەئۇدى پادىشاھ جەمەتى مۇشۇ بىرنەچچە يىلدا ئامېرىكىلىقلار سوۋغا قىلغان كۈركە توخۇنى يەپ، ئاخىرەتلىكىدىن غەم قىلمايدىغان بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ پەرىشتە مەبلىغىمۇ پۈتۈن يەر شارىدىكى ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى تېزلىتىپ، دېڭىز قولتۇقىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئىندىيان قەبىلىلىرىگە ئوخشاش كىچىك دائىرىدە چەكلىنىپ قېلىشتەك ھالەتكە يۈزلەندى.


قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇق فوندىنى 50 مىليارد دوللارلىق پايدىغا ئېرىشتۈرگەن Lucid پاي چېكىنى ئاساسلىقى جيا يۆتىڭنىڭ قولىدىن سېتىۋالغان. 
ئەينى يىلى جيا يۆتىڭ بىر مەزگىل Lucid نىڭ %40 پېيىنى تۇتۇپ تۇرغان بولۇپ، ھازىر ئاز دېگەندە 30 مىليارد دوللارلىق مۈلۈك ئىدى، ئەپسۇس جيا يۆتىڭ ۋەيران بولۇپ قايتا تەشكىللىنىش جەريانىدا، ئۇنىڭ Lucid دىكى پاي ھوقۇقىنى ئامالسىز سېتىشقا مەجبۇر بولدى. 


بۇ پۇل جيا يۆتىڭنىڭ بارلىق قەرزىنى تولۇق قايتۇرۇپ، ئۇنى كېلەر ھەپتە ۋەتەنگە قايتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايتتى، ھەتتا يەنە جۇڭگودىكى ئەڭ باي كاتتىباشلارنىڭ بىرىگە ئايلىنالايتتى. 
بۇنداق بولغاندا، لېشى ئېكولوگىيەسىنىڭ نامى «لېشى مېتا ئالەم» دەپ ئۆزگەرتىلىپلا قالماي، 10 يىل ئىلگىرى لېشى ئورۇنلاشتۇرغان يەتتە چوڭ ئېكولوگىيەلىك مېتا ئالەم ئۇقۇمىدىكى جيا يۆتىڭ جۇڭگونىڭ «مېتا ئالەم پوپى» دەپ ھۆرمەتلەنگەن بولاتتى. 
بۇ راستلا پو ئاتقانلىق ئەمەس، گەرچە ھازىر مەملىكەت بويىچە بارلىق ساختا مېتا ئالەم بىلەن شۇغۇللانغان ئالدامچىلار بىر يەرگە جەم بولغان تەقدىردىمۇ، 10 يىل بۇرۇنقى لېشى كائىناتىنىڭ PPT غا تەڭلىشەلمەيتتى ۋە جيا يۆتىڭنىڭ يۈكسەك ئىرادىسى ئالدىدا يەرگە قاراپ قالغان بولاتتى، ئۇنى «يۈەنشى مۇئەككىلى (元视天尊)» دەپ ئاتىغان بولاتتى. 


ئەپسۇسكى، «يۈەنشى مۇئەككىلى»نىڭ نەق پۇل ئېقىمى تۆت يىل ئىلگىرى ئۈزۈلۈپ قالغان، كېلەر ھەپتە ۋەتەنگە قايتىشمۇ ئۇزاق كەلگۈسىدىكى خىيالغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. 
كېيىنكىلەر ئۇنىڭغا قايغۇرغان بولسىمۇ ئۇنى ئۆرنەك قىلمىغان، كېيىنكىلەر كېيىنكىلەرگىمۇ تەزىيە بىلدۈرگەن ئىدى. 
جيا يۆتىڭنىڭ جىسمىدىكى نەق پۇل ئېقىمىدا چېنىقىش ۋەزىيىتى كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا پۈتۈن يەرشارىدا ئوينىلىدۇ. 
بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاساسلىق دۆلەتلەر چەتئەلدىكى كۆمۈر ئېنىرگىيە تۈرىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئارقا-ئارقىدىن جاكارلىدى، كېلەر يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى نۆۋەت ئالماشتۇرىدۇ، يەر شارى نېفىت خىمىيە تۈرىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشمۇ قىسقىرايدۇ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ. 
بۇ خىل نىشانلىق قەرز كېمەيتىش، قەرز سۈيلەش (نىشانلىق ئۆسۈم قوشۇش) ھەرىكىتى نۇرغۇن قەرز نىسبىتى يۇقىرى، قەدەملىرى چوڭ بولغان دۆلەتلەرنى، جيا يۆتىڭنىڭ نەق پۇل ئېقىمى ئۈزۈلۈپ قالغان كونا يولىدا ماڭدۇرۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مۈلكىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. 
كىم بۇ مۈلۈكلەرنى يىغالىسا، شۇ ئاۋۋال V3.0 دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. 
شۇڭا، بۈگۈن قىشتا، بىز ئۆيدە ياخشى يەر تېرىپ، كېلەر يىلىدىكى مىننەتدارلىق بايرىمىدا، تاماق ئۈستىلىدىكى كۈركە توخۇنى تويغۇچە يېيىشىمىز كېرەك. 

مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0