大数跨境

دۇنيا ئىقتىسادى بارغانسېرى 1970-يىللارغا ئوخشاپ قېلىۋاتامدۇ؟

دۇنيا ئىقتىسادى بارغانسېرى 1970-يىللارغا ئوخشاپ قېلىۋاتامدۇ؟ Nepkar
2021-10-29
1
导读:ئامېرىكا بانكا فوندى دىرېكتورىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بازارنىڭ پۇل پاخاللىقىغا بولغان ئەندىشى
دۇنيادا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. تۇرغۇنلۇق راستلا كەلدىمۇ؟ 
ئامېرىكا بانكا فوندى دىرېكتورىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بازارنىڭ پۇل پاخاللىقىغا بولغان ئەندىشىسى كۈنسېرى كۈچىيىۋېتىپتۇ. (بۇ يەرنى چېكىپ «ئامېرىكا دۇنيا پۇل پاخاللىقىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)


بىر قىسىم بازار ئەربابلىرى «نۆۋەتتىكى ئەھۋال 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا بارغانسېرى ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.» دەپ قارىماقتا. 
بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، گېرمانىيە بانكىسى (Deutsche Bank)نىڭ كرېدىت تاكتىكىچىسى Henry Allen ۋە Jim Reid ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى پۇل پاخاللىقى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلغان ھەمدە بۈگۈنكى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغان. (بۇ يەرنى چېكىپ «ئاپەت: ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى كونتروللۇقىنى يوقىتىشى مۇمكىن» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!) 

بىرىنچى، 1970-يىلىدىكى پۇل پاخاللىقى قانداق كونترول قىلىنغان؟ 
گېرمانىيە بانكىسى نۆۋەتتىكى ئەھۋالنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-، 70-يىللىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەينى چاغدا پۇل پاخاللىقىنىڭ تەدرىجىي تېزلىشىپ، ئاخىرىدا كونتروللۇقىنى يوقاتقانلىقىنى بايقىدى. (بۇ يەرنى چېكىپ «ئامېرىكا زادى دۇنيا پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلالامدۇ يوق؟» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)

60-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مالىيە چىقىمى شىددەت بىلەن ئاشقان، 70-يىللاردا ئامېرىكا دوللىرى ئالتۇندىن ئايرىۋېتىلگەن، ئېلنىنو ھادىسىسى يېمەكلىك باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتكەن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، ئىككى قېتىملىق نېفىت كىرىزىسى ئەۋج ئېلىپ، ھەر خىل زەربىلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە گىرەلىشىپ كەتكەن. ۋەزىيەت ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىش جەريانىدا، سىياسەت تۈزگۈچىلەرنىڭ ئىنكاسى باشتىن-ئاخىر ئارقىدا قېلىپ، پۇل پاخاللىقى ئاخىرىدا كونتروللۇقىنى يوقىتىشقا يۈزلەنگەن. لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىككى قېتىملىق نېفىت كرىزىسىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىن ئىبارەت. 

بۇ ئورگان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە بەزى تەھلىللەردە كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ زەربىسى بۇ مەزگىلدىكى يۇقىرى پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ئېنىقكى، پۇل پاخاللىقى تېخىمۇ بالدۇر پۈتكۈل ئىقتىسادىي سىستېمىغا سىڭدۈرۈۋېتىلگەن. كەسكىنراق قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى ئەھۋال 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئەمەس، بەلكى 60-يىللارنىڭ ئاخىرىدا يۈز بەرگەنگە تېخىمۇ ئوخشايدۇ. 60-يىللاردا، پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسى ئالدىنقى بەش يىلدىكى %2 تىن ئۆسۈپ ئاخىرقى مەزگىلدىكى %6 كە يەتكەن. 

1. سىياسەتنىڭ زىيادە كەڭ بولۇپ كېتىش پۇل پاخاللىقىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ 
70-يىللاردىن باشلانغان پۇل پاخاللىقى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇننىڭ ئايرىۋېتىلىشى تۈپەيلىدىن يامانلاشقان. ئەينى چاغدا باشقا پۇللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئامېرىكا دوللىرى بىلەن چېتىلغانلىقتىن، دۇنيا ناھايىتى تېزلا ئالتۇننى ئاساس قىلىشتىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇل ئارقىلىق كونترول قىلىشقا بۇرالغان. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، سىياسەت چەكلىمىسىنىڭ بوشىشىغا ئەگىشىپ، پۇل ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى بىر خانىلىق ساندىن ئىككى خانىلىق سانغا كۆپەيگەن. 


ئەمدى نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا قاراپ باقايلى، پۇل ئومۇمىي مىقدارىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى يۇقۇم كۆرۈلۈشتىن بۇرۇنقى بىر خانىلىق ساندىن %25 كە يەتتى، بىر خانىلىق سان ھالىتىگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئىقتىسادتا يەنىلا زور مىقداردىكى قالدۇق ئېقىشچانلىق بولۇپ، يۇقۇم كۆرۈلۈشتىن بۇرۇنقى مۆلچەردىن خېلىلا يۇقىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆتكەن بىر يىلدا ئىقتىسادقا سېلىنغان مەبلەغنىڭ سۈرئىتى 70-يىللارنىڭ ھەرقانداق مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا تېز بولدى. 

گەرچە 60-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، پۇل پاخاللىقى داۋاملىق ئاشقان بولسىمۇ، مەركىزىي بانكا باشلىقى سىياسەتنى كۈچەيتىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بايقىغان.
بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى سىياسەتنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئاستىلىتىۋېتىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئۇنىڭ يۈرۈشۈشىمۇ «جەمئىيەت ۋە سىياسىي بېسىم»غا دۇچ كەلمەكتە. (بۇ يەرنى چېكىپ «دۇنيا بىر قېتىملىق پۇل پاخاللىقىغا مۇھتاجمۇ؟» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئالىي ئىقتىسادشۇناسى J. Charles Partee نىڭ  1973-يىلى 3-ئايدىكى FOMC يىغىنىدا دېيىشىچە: «ئىقتىسادنىڭ توختاپ قېلىش ياكى چېكىنىش خەتىرىگە ئەگىشىپ، چەكلەش خاراكتېرلىك ناھايىتى چوڭ سىياسەت قوللىنىش نامۇۋاپىق ھەمدە ئەكسىچە بولۇپ قالىدۇ.» ئىقتىسادشۇناس Charles Weise نىڭ 2012-يىلى ئېلان قىلغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسىدىمۇ FOMC تەدبىرىنىڭ سىياسىي مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان. 

بۇ بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادقا بولغان ناچار چۈشەنچىسىگە تەۋە. ھۆكۈمەت «يۇقىرى پۇل پاخاللىقى بەدىلىگە تۆۋەن ئىشسىزلىق نىسبىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.» دەپ قارىغان، لېكىن ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. 

ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنىڭ يەر شارى ئىقتىساد پەنلىرى پروفېسسورى Athanasioos Orphanidees مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەبىئىي ئىشسىزلىق نىسبىتىنى خاتا باھالاش تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەت يوشۇرۇن سەۋىيەدىن تۆۋەن دەپ قارىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئەينى چاغدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى تونۇپ يەتسە، سىياسەتنى چىڭىتىش تەرەپدارلىرىنىڭ سىياسىتىنى تېخىمۇ ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. 

2. ئىككى قېتىملىق نېفىت كىرىزىسى پۇل پاخاللىقىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 
1973-يىلى ئوپىك كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دۆلەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. بۇ ماي باھاسىنىڭ ئىككى قاتلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە كۆپ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىگە سەۋەبچى بولغان، بۇنىڭ بىلەن تېز سۈرئەتتە ئۆرلەش نىسبىتى تېخىمۇ ئاشقان. شۇ يىلى 12-ئايدا ماي باھاسى 3 دوللارغا يەتمەسلىكتىن بىراقلا 11 دوللارغا ئۆسكەن. 1974-يىلى ئامېرىكىنىڭ CPI سى %11.4، 1975-يىلى %11 ئاشقان. 


گېرمانىيە بانكىسى بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەپ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى، ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ بارغانسېرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرسە ئىشسىزلىق ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. نېفىت كىرىزىسى سەۋەبىدىن، ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي فېدېراتسىيە تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى مەنپىي سان سەۋىيەسىگە چۈشتى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھازىرقى ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى 70-يىللاردىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تۆۋەن. (بۇ يەرنى چېكىپ «دۇنيا ئېنېرگىيە كىرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە!» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)


شۇ قېتىمقى ئىمبارگو كېيىنكى يىلى 3-ئايغىچە داۋاملاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلانغان. 1975-يىلى، ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسىنى قۇردى، 1977-يىلى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى قۇرۇلۇپ، ئىمپورت ئېنېرگىيەسىگە تايىنىش تۆۋەنلىدى. 

بەش يىلدىن كېيىن، ئىقتىساد تېخى بىرىنچى قېتىملىق نېفىت كىرىزىسىنىڭ تۇمانلىرى ئىچىدىن تولۇق چىقىپ كېتەلمەي تۇرۇپ، نېفىت كىرىزىسى يەنە ئەۋج ئالدى. (بۇ يەرنى چېكىپ «ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)

1979-يىلى ئىران ئىنقىلابى، 1980-يىلى ئىران-ئىراق ئۇرۇشى نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تېز تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئەينى چاغدا دۇنيا بازىرىدا ھەر كۈنى 5 مىليون 600 مىڭ تۇڭلۇق نېفىت يېتىشمەسلىك بار بولۇپ، ئەسلىدىلا ئاجىز بولغان نېفىت بىلەن تەمىنلەش تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىغان. 

گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر «نېفىت كىرىزىسى يۇقىرى پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.» دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە بانكىسى «بۇ پەقەت ئوت پىلتىسى خالاس، چۈنكى نەچچە يىل بۇرۇنلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەن.» دەپ بىلدۈردى. (بۇ يەرنى چېكىپ «قەرز كىرىزىسىدا قالغان خېڭدا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)


لېكىن 1973-يىلىدىكى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ئەينى چاغدا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى پائۇل Volcker تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن زەربىگە تاقابىل تۇرۇپ، پۇل پاخاللىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ قالغان. پۇلنىڭ پاخاللىشىش نىسبىتى 1980-يىلى 3-ئايدىكى %14.6 لىك چوققا قىممەت سەۋىيەسىدىن 1983-يىلى 7-ئايدىكى %2.4 كە چۈشكەن. ئەمەلىي فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا مۇسبەت قىممەتكە ئۆزگەرتىلىپ، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى سەۋىيەدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولغان. 

ئىككىنچى، بۈگۈن يەنە كونا سەنەمگە دەسسەمدۇق؟ 
گىرمانىيە بانكىسى مەبلەغ سالغۇچىلار ھازىر ئەڭ ئەنسىرەيدىغان مەسىلىنىڭ بىرى بىزنىڭ كونا يولدا مېڭىش-ماڭماسلىقىمىزدا دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئورگاننىڭ قارىشىچە، نوپۇس ۋە يەر شارىلىشىش قاتارلىق ئامىللاردىن قارىغاندا، ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان پۇل پاخاللىقى بېسىمى خېلىلا چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۇيۇشمىنىڭ كۈچى تۆۋەنلەش، ئېنېرگىيەگە تايىنىش دەرىجىسى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئامىللار پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەيدىكەن. 

1. ھازىر پۇل سىياسىتى ئىنتايىن كەڭ 
نۆۋەتتىكى پۇل سىياسىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكىگە ئوخشاش ئىنتايىن كەڭ. ئەمەلىيەتتە، 70-يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى ئەمەلىي فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن، پۇل ساقلانما مىقدارىنىڭ ئېشىشىمۇ خېلى كۆپ. بۇنىڭدىن باشقا، پۇل مۇئامىلە مۇھىتى تېخىمۇ ئازادە بولۇپ، ئىقتىسادنى زور دەرىجىدە قوللىغان. 

2. ھازىر قەرز زور دەرىجىدە ئاشتى 
يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيانىڭ قەرز سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئاشتى، بولۇپمۇ بۈگۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ قەرز سەۋىيەسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى تۆۋەن سەۋىيەدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. شۇڭا، ئۆسۈم قوشۇش ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتسىز مۈلۈك قەرز جەدۋىلىدە تېخىمۇ چوڭ تەسىر پەيدا قىلىدۇ، خەتىرىمۇ تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بۇ سىياسەت تۈزگۈچىلەرنىڭ 70-يىللاردىكى كونا يولدا قايتا مېڭىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. 



3. ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك 
كىشىلەر ئادەتتە «جەمئىيەتنىڭ قېرىلىشىشىغا ئەگىشىپ، نوپۇس قۇرۇلمىسى پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەيدۇ، لېكىن بۈگۈنكى ئەمگەك كۈچلىرىدە 70-يىللاردىكىگە ئوخشاش يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلدى.» دەپ قارايدۇ. 
70-يىللاردا، بوۋاقلار دولقۇنى تېخى ئەمگەك كۈچىگە تەسىر كۆرسەتمىگەچكە، ئەمگەك كۈچى نىسبەتەن كەمچىل ئىدى. لېكىن 80-يىللاردىن باشلاپ، بوۋاقلارنىڭ بىر ئەۋلاد قۇرامىغا يېتىشىگە ئەگىشىپ، يەر شارى ئەمگەك كۈچى كۆلىمىدە پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىش كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىغا سىڭىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى زور مىقداردىكى ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى. شۇڭا، ئۆتكەن 40 يىل ئىچىدە، مائاشنىڭ ئېشىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. 

ھالبۇكى، بوۋاق بىر ئەۋلادنىڭ پېنسىيەگە چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى سانى تۆۋەنلەيدۇ ياكى كۆپ بولغاندا مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىدۇ. 

ئۇنداقتا، بىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا ئوخشاش مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلەمدۇق؟ 
يېڭىچە تاجىسىمان يۇقۇمى ئەمگەك كۈچىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، تۆۋەن كىرىملىك ئىش ئورنىدا زور مىقداردا بوشلۇق كۆرۈلدى، مائاش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلمەكتە. گەرچە يۇقۇم ئەھۋالى ئاخىرقى ھېسابتا تۈگىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن كەلگۈسى 10 يىلدا، نۇرغۇن جايلاردا ئوقۇش يېشىدىكى ئەمگەكچىلەر سانىنىڭ تۆۋەنلىشى ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 


4. يەر شارىلىشىشتا چېكىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى 
70-يىللاردا يەر شارىلىشىش يەنىمۇ كېڭەيگەن، دۇنيا بويىچە سودىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى 1970-يىلىدىكى %27 تىن 1980-يىلىدىكى %39 كە ئۆرلىگەن. لېكىن 2008-يىلىدىن بۇيان، يەر شارىلىشىش بىر ئىزدا توختاپ قالدى. 

نۇرغۇن ئالامەتلەر شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ھەرقايسى دۆلەت ۋە كارخانىلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى تېخىمۇ ئىلاستىكىلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، يۇقۇمدىن كېيىنكى يەر شارىلىشىش سەۋىيەسى تۆۋەنلەيدۇ. بۇ يەر شارىلىشىش ئارقىغا چېكىنگەن ۋە بىر قەدەر ئاز رىقابەتكە دۇچ كەلگەن شىركەتلەرنىڭ تاۋارلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، يەر شارىلىشىشنىڭ چېكىنىشى پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەشكە پايدىسىز. 


گەرچە يۇقىرىقى ئامىللار نۆۋەتتىكى پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تېخىمۇ تەسلىكىدىن دېرەك بەرسىمۇ، لېكىن باشقا بەزى ئامىللار پۇل پاخاللىقىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنى چەكلەيدۇ، مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيەگە تايىنىش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىش، ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ سانى ئازىيىپ كېتىش قاتارلىق ئامىللار. 

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تارىخنىڭ ئۆزى سىياسەت تۈزۈشتىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا. مەسىلەن، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا تېز ھەم كەڭ كۆلەملىك ئىنكاس قايتۇرۇشتىكى قىسمەن سەۋەب پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ قايتىلىنىشىدىن ساقلىنىشتىكى خاتالىقتىن بولغان. ئەمەلىيەتتە 2008-يىلىدىن كېيىنكى 10 يىلدا پۇل پاخاللىقى نىشانىنى داۋاملىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن بولغاچقا، مەركىزى بانكا ئاساسلىقى ئۇزۇن مەزگىللىك ئېھتىياج يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلدى. شۇڭا، سىياسەت تۈزگۈچىلەر سىياسەتنى بوشىتىش تەرەپدارلىرىغا مايىل بولۇشى مۇمكىن. 

ئۈچىنچى، بىز بۇنىڭدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟ 
گېرمانىيە بانكىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 70-يىللاردىن قارىغاندا، ئەڭ مۇھىم ساۋاق شۇكى، پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسى تۆۋەنلىگەن تەقدىردىمۇ، تېخىمۇ كۆپ «ۋاقىتلىق» زەربىنىڭ تەسىرىدە، پۇل پاخاللىقى يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇشى ھەمدە مۆلچەردىكى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

لېكىن ئەينى چاغدىكى سىياسەت تۈزگۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ زەربە قىسقا ۋاقىتلىق بولمىغان، ئەمما ھازىرقى سىياسەت تۈزگۈچىلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. ئەگەر سىياسەتنىڭ كونترول قىلغىلى بولمايدىغان زەربىگە بولغان ئىنكاسى زىيادە كۈچلۈك بولسا، جانلىنىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، ئەمەلىيەتتە پۇل پاخاللىقىنى نىشاندىن تۆۋەن قىلىۋېتىشى مۇمكىن، چۈنكى زەربە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆتۈپ كېتىدۇ، پۇل سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىمۇ ئاستا بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ھېچقانداق ئىش قىلماسلىق پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىشىغا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ كېيىن يەنە بىر زەربە پەيدا بولۇپ، پۇل پاخاللىقىنى يەنىمۇ ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.

گېرمانىيە بانكىسى «قەرز، نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە يەر شارىلىشىش قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكىدىنمۇ قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. پۇلنىڭ ئومۇمىي مىقدارىمۇ تېخىمۇ تېز ئاشتى. شۇڭا، سىياسەت تۈزگۈچىلەر يەنە كونا سەنەمگە دەسسەشتىن ھوشيار بولۇشى، بولۇپمۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك يۇقىرى پۇل پاخاللىقىنى ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئويلىشىشى كېرەك.» دەپ قارايدۇ.
مەنبە: ۋال سىرت كوچىسىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.


------------


بىۋاسىتە نەپدان سالونىغا ئەگىشىۋېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!


تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!




يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نەپدان، نەپكار سالونلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 



【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408