大数跨境

دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي ئالماشتى

دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي ئالماشتى Nepkar
2021-10-28
1
导读:ئالاقە تورىنىڭ بۇنچە جانلىنىپ كېتىشى زادى قانچىلىك داۋاملىشار؟ كەلگۈسىدە داۋاملىق مەۋجۇتلۇقىنى ساقلا


بىرىنچى، ماسك بايلار تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى
يېقىندا، فوربېس بايلار تىزىملىكى يەنە بىر قېتىم يېڭىلاندى، دۇنيا بويىچە تۇنجى باي ئالماشتى. 
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى ئىزچىل ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى بېزوس ئىدى، ئامازوننىڭ بۇ بىر يىلدىن بۇيان كۆپلىگەن پاي چېكىنىڭ باھاسى بىر ئىزدا توختاپ قالدى، بىراق تېسلا، SpaceX بولسا ئەكسىچە بولىۋاتىدۇ.

ماسكنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلىنالىشىدىكى سەۋەب شۇكى، تېسلا ئەڭ چوڭ تۆھپىكار، باشقىنى قويۇپ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچىگە نەزەر سالساقلا، كوچىلاردا ھە دەپ ھەيدىلىۋاتقان تېسلاغا قارىساقلا بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەك تەس ئەمەس.
ئۇنىڭ ئۈستىگە SpaceX مۇ بۇ ئىككى يىلدىكى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، SpaceX دا ماسكنىڭ %43 پېيى بار بولۇپ، بېزوسقا يېتىشىۋېلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىدى. 

ئۇنىڭدىن باشقا، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ئىككى يىلدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بايلار ئىزچىل ئالاقە تورىدا پەيدا بولغان بولۇپ، ماسك بولسا ياسىمىچىلىقتىن ساھەسىدىن چىققان، ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. 
دۇنيادىكى ئالدىنقى 10 باينىڭ تىزىملىكى: 


ئىككىنچى، جاڭ يىمىڭ جۇڭگو ئالاقە تورى ساھەسىدىكى بىرىنچى باي بولۇپ قالدى
جۇڭگونىڭ بايلىرىدا چوڭ ئالمىشىش بولمىدى، يەنىلا نوڭفۇ شەنچۈەننىڭ قۇرغۇچىسى جۇڭ شەنشەندۇر؛ لېكىن ئالاقە تورى كەسپىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. 

بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ بولغىنى بايتلىق سەكرەشنى بەرپا قىلغان جاڭ يىمىڭ. 
2020-يىلىدىكى فوربېس دۇنيا بايلار تىزىملىكىدە جاڭ يىمىڭ 16 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن دۇنيا بويىچە 61- ئورۇندا تۇرغان؛ 2021-يىلىغا كەلگەندە جاڭ يىمىڭنىڭ بايلىقى 35 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 39-ئورۇنغا ئۆتتى. 
فوربېسنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جاڭ يىمىڭنىڭ بايلىقى 59 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يېتىپ، ما خۇاتېڭ بىلەن ما يۈندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 20-ئورۇندا تۇرۇپ، جۇڭگو ئالاقە تورىدىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلانغان. 


جۇڭگودىكى تۇنجى باي يەنىلا نوڭفۇ شەنچۈەننىڭ قۇرغۇچىسى جۇڭ شەنشەن بولۇپ، ئۇنىڭ بايلىقى 64 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، جاڭ يىمىڭنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان پەرقى 5 مىليارد يۈەنگە يەتمەيدۇ. 

ما خۇاتېڭنىڭ بايلىقى 50 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، دۇنيا بويىچە 29-ئورۇندا تۇرغان، ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈننىڭ بايلىقى 42 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، دۇنيا بويىچە 32-ئورۇندا تۇرغان. 

بايتلىق سەكرەش قارمىقىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنيا بويىچە ئايلىق جانلىق ئابونت سانى 1 مىليارد 900 مىليوندىن ئېشىپ، دۇنيادىكى 150 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى، بايتلىق سەكرەش جۇڭگونىڭ چەتئەلگە يۈرۈش قىلىشتىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالاقە تورى شىركىتى بولۇپ قالدى. 
شۇنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر بايتلىق سەكرەشنىڭ پېيى بازارغا سېلىنسا، جاڭ يىمىڭ چوقۇم جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر تۈركۈم ئالاقە تورى ساھەسىدىكىلەرنىڭ بايلىق ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. 

ئۈچىنچى، ئاخىرقى سۆز
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، جىخۇدا ھەمىشە مۇنداق بىر تېما مۇزاكىرە قىلىنىپ كەلدى: ئالاقە تورىنىڭ بۇنچە جانلىنىپ كېتىشى زادى قانچىلىك داۋاملىشار؟ كەلگۈسىدە داۋاملىق مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالارمۇ؟ 
بۈگۈنكى دۇنيا بايلار تىزىملىكىنى كۆرۈپ باقايلى، دۇنيادىكى ئالدىنقى 10 باينىڭ يەتتىسى ئىنتېرنېت ساھەسىدىن كەلگەن، جۇڭگودىكى بايلاردىن ئالدىنقى 10 نىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئىنتېرنېت تورىدىن كەلگەن. 

بۇ يەنىلا يۈزلىنىشنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەمدۇ؟ 
گەرچە بۇ ئىككى يىلدا، مەيلى چەت ئەل ياكى دۆلەت ئىچىدە بولسۇن، ئىنتېرنېت تورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بارغانسېرى چىڭىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلار يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ ئەلا شىركەتلەر ھېسابلىنىدۇ. 
شۇڭا، ئەگەر كۆپچىلىك ئىنتېرنېت شىركىتىگە قىزىقسا ياكى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار قانداق كەسىپ تاللاشنى بىلمىگەندە، ئىنتېرنېت تورى ساھەسىنى تاللاشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزەك كەسپىنىڭ بۇ ئىككى يىللىق تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى تېز بولدى، بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ ئۆزەك كەسپىگە قوبۇل قىلىش مائاشى ئاللىقاچان ئىنتېرنېت تورىدىن ئېشىپ كەتتى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ تاللىشىغا تەۋسىيە قىلىنىدىغان يۆنىلىشلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 

شەخسىي تاللىشىدىمۇ پۈتكۈل مۇھىت ۋە ئېقىمغا تايىنىش كېرەك، دۆلەتنىڭ سودا مۇھىتى ۋە كەسىپ تەرەققىياتى بارغانسېرى ياخشىلانسا، شەخسنىڭ ھاسىلاتى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. 

يەنى لېي جۈن ئېيتقاندەك: «شامال ئېغىزىدا تۇرغاندا، چوشقىمۇ ئۇچالايدۇ!»
بىز ئاسمانغا چىقىشنى تەلەپ قىلمايمىز، كۈنلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولسىلا، ناھايىتى رازى بولىمىز. 
مەنبە: بىغۇبار جىلۋە ناملىق سالوندىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
--------------
مۇناسىۋەتلىك يازما:
تىرىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى 1-بۆلەك (بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
تىرىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى 2-بۆلەك (بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ!)
------------



بىۋاسىتە نەپدان سالونىغا ئەگىشىۋېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!



تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!



يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نەپدان، نەپكار سالونلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 



【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408