搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى ئېنىق تونۇش 1-بۆلەك
>
نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى ئېنىق تونۇش 1-بۆلەك
Nepkar
2021-11-29
0
导读:ئالدى بىلەن مەركەزنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ۋە بايانىغا قايتىش كېرەك،
بىرىنچى بۆلەك: بىر ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى ئېنىق تونۇش
نۆۋەتتىكى قىزغىن مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان «ئورتاق بېيىش» تېمىسىغا قانداق قاراش كېرەك؟
(بۇ يەرنى بېسىپ «تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
ئالدى بىلەن مەركەزنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ۋە بايانىغا قايتىش كېرەك، بۇ ئىنتايىن مۇھىم.
پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىكى بىر جۈملە سۆزگە زور كۆپ ساندىكى تاراتقۇ، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تولۇق دىققەت قىلمىدى: «دۆلىتىمىزنىڭ يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ھەم ئۇزاققىچە شۇ باسقۇچتا تۇرىدىغان ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ئۆزگەرگىنى يوق.» بۇ بايان 13-قۇرۇلتاينىڭ سىياسىي دوكلاتىدىن كەلگەن بولۇپ، 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا قايتا تەكىتلەندى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلىتىمىز تۇرۇۋاتقان تەرەققىيات باسقۇچىغا بولغان ناھايىتى سەگەك، ناھايىتى ئاقىلانە تونۇشى.
مېنىڭچە، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا بولغان تونۇشى ناھايىتى ئېنىق، كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقان، لېكىن ناھايىتى تەمكىن، ئاقىلانە، ئۇنداق بولمىسا «دۆلىتىمىز يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدىغان ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ئۆزگەرمەيدۇ.» دېيىلمىگەن بولاتتى. ئەگەر بۇ سۆز پۈتۈن جەمئىيەت، كارخانا ساھەسى ۋە ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن كەڭ دائىرىدە تونۇلسا ۋە ئەھمىيەت بېرىلسە، كۆپچىلىك پىكرى مەيدانى بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىپ قالمىغان بولاتتى.
مەسىلەن، بەزىلەر دېگەندەك، ھازىر ئالدى بىلەن ئادىللىق، ئاندىن قالسا ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە «ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىللىققا تەڭ ئېتىبار بېرىش» تەكىتلەنگەن، كېيىن «ئۈنۈم بىلەن ئادىللىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش» تەكىتلەنگەن، ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۈنۈمنى ئىككىنچى ئورۇنغا، ئادىللىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا بولامدۇ؟ يەنى تورت پارچىلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بارلىق پۇقرالارنىڭ تىرىشىپ تورت ياسىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدىمۇ؟
«ھەركىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، ھەركىمگە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش» سوتسىيالىزمنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلگەن مۇھىم بىر پرىنسىپ بولۇپ، كوممۇنىزم جەمئىيىتىنىڭ «ھەركىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، ھەركىمگە ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىش»قا ماس كېلىدۇ. ئەمگەك سوتسىيالىزم باسقۇچىدىكى قىممەت يارىتىش ۋە تەقسىماتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىز «سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئۇزاققىچە تۇرىدۇ.»
تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو يەنىلا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، تەرەققىياتنىڭ چىڭ قائىدە ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. بۇنى بىزنىڭ ھازىرقى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىمىز بەلگىلىگەن، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ غايىسى بەلگىلىگەن. ھازىرقى ئاساستىن كەلگۈسى غايىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلى، تۈپ ئالدىنقى شەرتىگىچە تەرەققىي قىلىش كېرەك، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك جانلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە قوزغاپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مىللىي بايلىق ۋە شەخسىي بايلىق ياراتقاندىلا، بىز ئاندىن دەسلەپكى باسقۇچ ئاساسىدا كەلگۈسىدە «كۈچەيگەن» دۆلەت غايىسىگە ئۇل سالالايمىز.
ئۇنداقتا، كىم دۆلەت بايلىقىنى يارىتىش پائالىيىتىنىڭ بىۋاسىتە، ئاساسلىق ئۈستىگە ئالىدىغان كىشىلەر توپى؟ بۇ ئېنىقكى كارخانىچى، ھەر خىل تىپتىكى كارخانىچىلار. مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى جەھەتتىن ئېيتقاندا، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىچىلار، پۇقراۋى كارخانىچىلار، يەنە چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كۆلەم جەھەتتىن ئېيتقاندا، چوڭ كارخانا، ئوتتۇراھال كارخانا، كىچىك كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تۈر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەت كەسپى، پۇل مۇئامىلە كەسپى، ئەلۋەتتە ئالاقە تورى كەسپى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلىمىزنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىن كەلگۈسىدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە قاراپ قەدەم تاشلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كارخانا ئامىلى ۋە كارخانىچىلار ئامىلىدۇر. مەركەز بۇ ھەقتە ناھايىتى ئېنىق سۆزلىدى، يەنى «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى نۇرغۇن قېتىم سۆزلىدى. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ يەنە نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ گۇمانلىرى بولىدۇ؟ ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان بەزى كەسىپ ۋە كارخانىلارغا قارىتىلغان بىر قىسىم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىگە قانداق قاراشقا مۇناسىۋەتلىك.
داۋامى ئەتىدىكى مەزمۇندا يوللىنىدۇ.
ئاپتورى: ما جى
مەنبە: جېڭخې ئارىلى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408