2003-يىلى، ئەينى چاغدىكى سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خو يىڭدۇڭ شياڭگاڭدىكى 82 نەپەر «سودا ساھەسىدىكى داڭلىق ئەربابلارنىڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى»نى باشلاپ بېيجىڭغا كېلىدۇ.
سودا ساھەسىدىكى بايلار 40 كىشى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى 42 كىشى ئىدى.
بىر قاتار ئىسىملار ئاساسىي جەھەتتىن شياڭگاڭدىكى ئەڭ باي 40 جەمەتنىڭ ئىسىمى بولۇپ، لى جياچېڭ ئىككى ئوغلى لى زېجۈ بىلەن لى زېجيېنى، لى جاۋجى چوڭ ئوغلى لى جياجيېنى، زېڭ شيەنزى كىچىك ئوغلى زېڭ جىمىڭنى باشلاپ كەلگەن ئىدى...
گەرچە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ساياھەت ئۆمىكى ئەمەس.
بىرىنچى، 10 يىلدىن كېيىن، لى جياچېڭ يەنە بىر قاتار ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بىر خىل كۆڭلىنى ئىپادىلىشى
2013-يىلىدىن باشلاپ، لى جەمەتى بىر ئىشنى باشلىدى، يەنى تىكىۋېتىش!
1. مەبلەغنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ 2. مەبلەغنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ 3. يەنە مەبلەغنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.
جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن مەبلەغنى چېكىندۈرۈش ھەرىكىتى:
2013-يىلى 8-ئايدا، لى جياچېڭ گۇاڭجۇ شىچېڭ دۇخۇي مەيدانىنى 3 مىليارد 268 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا سېتىۋەتتى.
2013-يىلى 10-ئايدا، لى جياچېڭ شاڭخەي شەرق پېرېۋوت مەركىزىنى 8 مىليارد 950 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا سېتىۋەتتى.
2014-يىلى 1-ئايدا، لى جياچېڭ نەنجىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بىناسىنى 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا سېتىۋەتتى.
2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە لى جياچېڭ چاڭيۈەن گۇرۇھىنىڭ پاي ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي كېمەيتتى.
2014-يىلى 4-ئايدا، لى زېجيې بېيجىڭ يىڭكې مەركىزىنى 7 مىليارد 200 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا سېتىۋەتتى.
2014-يىلى ئاۋغۇستتا، لى جياچېڭ شاڭخەي شېڭباڭ خەلقئارا بىناسىنى 1 مىليارد 940 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا سېتىۋەتتى.
2014-يىلى 11-ئايدا، لى جياچېڭ چۇڭچىڭ دادۇ يىغىن مەيدانىنى 3 مىليارد 910 مىليون يۈەنگە ساتتى.
2015-يىلى، لى جياچېڭ شاڭخەي ئەسىر پېرېۋوت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى 20 مىليارد خەلق پۇلىغا سېتىۋەتتى.
جۇڭگو شياڭگاڭدىن مەبلەغنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەرىكىتى:
2013-يىلى 7-ئايدا، لى جياچېڭ شياڭگاڭ تيەنشۈيۋېيجياخۇ يىنزو سودا سارىيىنى 5 مىليارد 849 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا سېتىۋەتتى.
2014-يىلى 3-ئايدا، لى جياچېڭ شياڭگاڭ ئاسىيا يۈك ساندۇقى پىرىستانىنىڭ %60 پاي ھوقۇقىنى 2 مىليارد 472 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا ساتتى.
2014-يىلى 3-ئايدا، لى جياچېڭ تەخمىنەن %25 چۈچېن پاي چېكىنى 44 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىغا سېتىۋەتتى.
2014-يىلى 11-ئايدا، لى جياچېڭ خېجى پورتى قۇرۇقلۇقىدىكى 71.36 پىرسەنت پاي ھوقۇقىنى 3 مىليارد 823 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا سېتىۋەتتى.
2015-يىلى 1-ئايدا، لى جياچېڭ چاڭجياڭ شىركىتى بىلەن خېجى-خۇاڭفۇنى بىرلەشتۈرۈپ قايتا تەشكىللىدى ھەمدە تىزىمغا ئالدۇرغان ئادرېسىنى شياڭگاڭدىن كايمان تاقىم ئارىلىغا يۆتكىدى.
2015-يىلى 2-ئايدا، لى جياچېڭ سودا-مۈلۈك يىڭخۇينى 648 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا سېتىۋەتتى.
2015-يىلى 6-ئايدا، لى جياچېڭ شياڭگاڭ ئېلېكتر لامپىسىنىڭ تەخمىنەن %20 پاي ھوقۇقىنى 7 مىليارد 680 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا سېتىۋەتتى.
2017-يىلى ئىيۇلدا، لى جياچېڭ يەر شارى تېلېگراف ئالاقىسىنى 14 مىليارد 497 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا ساتتى.
2017-يىلى 9-ئايدا، لى جياچېڭ شياڭگاڭنىڭ تاغ چوققىسىدىكى ئىككى پارچە ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ يەرنى 2 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىغا سېتىۋەتتى.
2017-يىلى 11-ئايدا، لى جياچېڭ شياڭگاڭ ئوتتۇرا ئايلانما مەركىزىنىڭ %75 ھوقۇق-مەنپەئىتىنى 35 مىليارد 800 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا سېتىۋەتتى.
2017-يىلى 12-ئايدا، لى جياچېڭ سودا-زېمىن ۋە فۇخۇينى 2 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىغا سېتىۋەتتى.
لى جەمەتى مال-مۈلكىنى ئۈزلۈكسىز سېتىۋاتقان ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر چۈشىنىكسىز ھېس قىلىدۇ، بولۇپمۇ چېكىنىپ چىقىش مەزگىلى دەل ئۆي-مۈلۈك پايدىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان ئالتۇن مەزگىل بولغاچقا تېخىمۇ شۇنداق.
كېيىن يەنە ئاز دېگەندە بىر ھەسسە ئۆرلەش بوشلۇقى بار ئىدى، بەزىلەر مەسخىرە ئارىلاش كۈلۈپ تۇرۇپ «لى جياچېڭ ياشىنىپ قالدى.» دېيىشتى.
لېكىن، ئادەمنىڭ قېرىسى چىڭ، جىننىڭ قېرىسى زېرەك دېگەن گەپنى ئونۇتماسلىقىمىز كېرەك.
كىم سىزگە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك باينى مازاق قىلىشقا جۈرئەت قىلىشنى بۇيرۇدى؟
بەلكىم لياڭ جىڭرۇ بولۇشى مۇمكىن.
مەن بىر سودىگەر، كۆپچىلىكنىڭ ماڭا قالپاق كىيدۈرۈپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، مېنىڭ پەقەت كەيگۈم يوق. چۈنكى مەن ئەخلاقشۇناس، مائارىپچى ئەمەس، قانداقتۇر سۇيىقەستچى، سىياسىئون ئەمەس، مەن پەقەت بىر سودىگەر، خالاس.
我是一个商人,希望大家不要给我戴上什么帽子,无论高的,还是矮的,我都不想有。因为我不是道德家、教育家,更不是什么阴谋家、政治家,我仅仅就是一个商人而已。——李嘉诚
ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى غايەت زور مەبلەغ سالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا سېر مەرتىۋىسى بەرگەن، بۇ بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەمەل ئىئانە قىلىش دەپ ئاتالغان.
يېقىندا، ئۇ يەنە قايتىپ كەلدى.
يەنىلا شۇ سودىگەر لى جەمەتى يەنە قايتىپ كەلدى.
مەن پەقەت بىر ساپ سودىگەر، مېنى قۇرۇق ئەخلاق بىلەن ئۆلچىمەڭ، پۇل تاپمايدىغان سودىگەر ياخشى سودىگەر ئەمەس.
我只是一个纯粹的商人,不要用那些空洞的道德来衡量我,不赚钱的商人不是好商人。——李嘉诚
بۇ يىلدىن باشلاپ، لى جياچېڭ جەمەتى قارىمىقىدىكى يەر-مۈلۈك شىركىتىنىڭ چاڭجياڭ ئوقەتچىلىك گۇرۇھىنىڭ پېيىنى كەينى-كەينىدىن كۆپەيتتى ۋە سېتىۋالدى، 4 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ چېڭدۇ جىڭرۇڭخۇي، شاڭخەي سەنلىن تەسىرات شەھەرچىسىنى سېتىۋالدى، 10 مىليارد 820 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا شياڭگاڭدىن يەر سېتىۋالدى. چاڭجياڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش گۇرۇھى ۋە دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى، بۇنىڭغا 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ.
سېتىش، سېتىشتىن سېتىۋېلىش، سېتىۋېلىشقىچە، پۇراش سېزىمى سەزگۈر لى جياچېڭ بىرەر شەپىنى پۇراپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ ئوغلى لى زېجۈدىن «لى جياچېڭ يەنە قايتىپ كەلدىمۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى قىزىقارلىق بولدى.
ـــ ئەزەلدىن ئايرىلىپ باقمىغان تۇرساق، قانداقسىگە يەنە قايتىپ كەلگەنلىك بولسۇن؟
خۇددى باففېت ئېيتقاندەك: «مەن ئەزەلدىن ۋەتەننى قۇرۇتۇپ قويۇپ بېيىغان ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغان.»
ئىككىنچى، 2016-يىلى، جۇڭگودىكى ئۆي باھاسى زور دەرىجىدە ئۆسكەن بىر يىل، شۇنداقلا ۋاڭ جيەنلىننىڭ جۇلالىنىۋاتقان ۋاقتى ئىدى
«2016-يىللىق خۇرۈن يەر شارى بايلار تىزىملىكى»دە، ۋاڭ جيەنلىن جەمەتى تۇنجى قېتىم لى جياچېڭدىن ئېشىپ، جۇڭگولۇق ئەڭ چوڭ بايغا ئايلاندى.
شۇ يىلى يازدا، لۇ يۈنىڭ زىيارىتى ۋاڭ جيەنلىننىڭ غەيرىتىنى ئاشۇرغان ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن «بىر كىچىك نىشان (شۇ ۋاقىتتا 100 مىليون تېپىش نىشانىنى ۋاڭ جيەنلىن كىچىك نىشان دەپ ئاتىغان-نەپكاردىن.)» دەۋرنىڭ ئىزاھاتىغا ئايلاندى.

«بىزنىڭ نىشانىمىز شاڭخەي دىسنېي باغچىسىنى 20 يىل ئىچىدە پايدىغا ئېرىشتۈرەلمەسلىك.» دەيدۇ ئۇ.
ئادەم كۆرەڭلەپ كەتكەندە ئاسانلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
2012-يىلىدىن 2017-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان بەش يىلدا، ۋەندا ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا 20 قېتىمدىن ئارتۇق زور سوممىلىق مەبلەغ سالغان، ئومۇمىي سوممىسى 245 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ۋەندا سودا يەر-مۈلۈك پۇلىنىڭ مەبلىغى 100 مىليارد 200 مىليون يۈەن، ئومۇمىي مۈلكى 751 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، قەرزى 527 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
ئادەم دېگەن تەلۋە بولسا بولمايدۇ، ئاسمان تەلۋىلەشسە يامغۇر ياغىدۇ، ئادەم تەلۋىلەشسە ئاپەت بولىدۇ.
«بىر كىچىك نىشان» سانسىزلىغان كىشىلەرنى ئازابلىدى، چۈنكى بۇ يەر-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ بايلىقى دەل سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئازابى ئۈستىگە قۇرۇلغان.
2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم مۇنداق بىر جۈملە سۆز ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئۆي ھايانكەشلىككە ئەمەس، بەلكى تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.»
لېكىن، ۋەنكېدىن باشقا ھېچكىم بۇنىڭغا قولاق سالمىدى.
كەسىپتە شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان «ئالتۇن دەۋر» ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىدىغان «كۈمۈش دەۋر»گە كىردى.
行业狂飙突进的“黄金时代”已经过去,现在进入了精耕细作的“白银时代”。——万科
2016-يىلى، ۋاڭ جيەنلىن يىللىق يىغىندا «ساختا راھىب» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، 2017-يىلى بىراقلا تۆت ناخشىنى ئېيتتى.
لېكىن كەيپىيات پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.
ۋاڭ جيەنلىن لۇ يۈنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن، 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋەندا زايومىنىڭ باھاسى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ ۋەندا مەدەنىيەت ساياھەت تۈرىدىن 13 نى ۋە 77 مېھمانخانىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 43 مىليارد 844 مىليون يۈەن، 19 مىليارد 906 مىليون يۈەن باھاغا رۇڭچۇاڭ جۇڭگو ۋە فۇلى يەر-مۈلۈكچىلىكىگە سېتىپ بەردى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بەزىلەر يىغىن زالىدىن ئىستاكاننى چۆرۈپ چېقىۋەتكەن ئاۋازنى ئاڭلىغان. ...
بەلكىم بۇ شەپە ۋاڭ جيەنلىننى ئويغىتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
بەزىلەر «ۋاڭ جيەنلىن كۆز يېشى قىلىپ تۆكمە قىلىپ ساتتى.» دېسە، يەنە بەزىلەر «كاتتا باي ئەرزان سېتىپ قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋەتتى.» دېدى، يەنە بەزىلەر «ۋاڭ جيەنلىن رەسۋا بولۇپ چېكىنىپ كەتتى.» دېدى. ...
ئەينى چاغدىكى، ۋاڭ جيەنلىننىڭ قەتئىيلىكى ۋە جاسارىتىنى ھېچكىم چۈشەنمەيتتى.
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا ۋاڭ جيەنلىننىڭ ناخشا ئېيتىشقا ۋاقتى چىقمىدى، ئۇ زېھنىنى ۋە ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ: سېتىش، سېتىش يەنە سېتىشقا ئاتلاندى.


قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، ۋەندانىڭ ئومۇمىي ئۆسۈملۈك قەرز كۆلىمى 150 مىليارد 630 مىليون يۈەن بولۇپ، زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنىدا، كامېرا كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ۋاڭ جيەنلىننىڭ كۆكرىكىدىكى ئاشۇ كىچىك قىزىل گۈل ناھايىتى ئوچۇق كۆرۈنەتتى.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ۋاڭ جيەنلىن ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۆزى باشلامچى بولۇپ ۋەندادىكى مۇئاۋىن لېدىردىن يۇقىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى قىزىل بايراق ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن داڭلىق ماركىغا بولغان ئىشەنچى ۋە مىللىي ماركىلىق قىزىل بايراق ئاپتوموبىلغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

قاراڭ، لى جياچېڭ جەمەتى تىكىۋەتكەندىن كېيىن يەنە قايتىپ كەلدى، پەن شىيى (سوخۇنىڭ قۇرغۇچىسى) تىكىۋېتىشنى نىيەت قىلدىيۇ، لېكىن ئامالسىز قالدى. شۈ خوجايىننىڭ تىرىليون قەرزى ئۇنىڭ بېشىغا بازغان بولۇپ ئۇرۇلغان بولۇپ، ۋاقتى توشقان قەرز تېخى قايتۇرۇلمىغان ئىدى. ...
مەنبە: ئىدراك قامۇسى بەي ئەپەندى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.


بىۋاسىتە نەپدان سالونىغا ئەگىشىۋېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!
تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نەپدان، نەپكار سالونلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.

