大数跨境

مۇھىم ئەسكەرتىش! دەرھال يولغا قويۇلىدۇ، سىزگە زىچ مۇناسىۋەتلىك!

مۇھىم ئەسكەرتىش! دەرھال يولغا قويۇلىدۇ، سىزگە زىچ مۇناسىۋەتلىك! Nepkar
2022-02-02
0
导读:2022-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز كورىيەگە RCEP كېلىشىمى باج نىسبىتىنى يولغا قويىدۇ...

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
بىرىنچى، 2022-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز كورىيەگە RCEP كېلىشىمى باج نىسبىتىنى يولغا قويىدۇ
گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كورىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان قىسمەن ئىمپورت ماللىرىغا RCEP كېلىشىمى بويىچە ۋەدە قىلىنغان تۇنجى يىللىق باج نىسبىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كېلىشىمدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كېيىنكى يىللىق باج نىسبىتى شۇ يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. كورىيەدە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، RCEP كېلىشىمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، رايون ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «RCEP رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى ئويۇننىڭ قىزىقى ئەمدى باشلىنىدۇ!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
(بۇ يەرنى بېسىپ «RCEP كەلگۈسىدە قانداق پايدا ۋە پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
(بۇ يەرنى بېسىپ «RCEP ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىقتىساد چەمبىرىكى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

ئىككىنچى، داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، باھا، ھەق ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلىشى كېرەك


دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت جۇڭيى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىدارىسى ۋە دۆلەت كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ئىدارىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى باشقۇرۇش چارىسى» 2022-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «چارە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرى ئۆز ئاپپاراتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي مۇلازىمەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۆپچىلىك ساغلاملىقى، كېسەللەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار مۇلازىمەت تەرتىپى ئۇچۇرى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، باھا، ھەق ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلىشى كېرەك. دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى، تەبىئىي شەخسنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئاشكارىلىسا بولمايدۇ.

ئۈچىنچى، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئابۇنىچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئىگىلىگەن تور سۇپىسى تىجارەتچىسى چەت ئەلگە چىقىپ پاي چېكىنى بازارغا سالغاندا چوقۇم تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك
13 تارماق يېقىندا بىرلىشىپ «تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش چارىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزدى، 2022-يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «چارە»دە تور سۇپىسى تىجارەتچىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى تەسىرى ياكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى قاتارلىق ئەھۋاللار تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى ھەم 1 مىليوندىن ئارتۇق ئابۇنىچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئىگىلەيدىغان تور سۇپىسى تىجارەتچىلىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشتا چوقۇم تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى ئېنىق تەلەپ قىلىندى. (بۇ يەرنى بېسىپ «دى دىنى بىر تەرەپ قىلىش تېخى ئاخىرلاشمىدى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
(بۇ يەرنى بېسىپ «دى دى پاي بازىرىدىن چېكىندى، ئېغىر كۈنلەر ئەمدى باشلىنىدۇ!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
تەكشۈرۈش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىغا ئەزا ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش ئامىلى قاتارلىق مەزمۇنلارنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. چارىگە ئاساسەن، ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، تور سۇپىسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر چارىگە خىلاپلىق قىلسا، تور بىخەتەرلىكى قانۇنى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، «سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىك مەمۇرىي ئىجازىتى ۋە ئەنگە ئېلىشنى يولغا قويۇش چارىسى» يولغا قويۇلىدۇ


بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى يېقىندا «سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىكى مەمۇرىي ئىجازىتى ۋە ئەنگە ئېلىشنى يولغا قويۇش چارىسى»نى ئېلان قىلدى، 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «چارە»دە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىرىنىڭ مەمۇرىي ئىجازىتى ۋە ئەنگە ئالدۇرغان ئىشلارنىڭ دائىرىسى، ئىش بېجىرىش شارائىتى، ئىلتىماس ماتېرىيالى، ئىلتىماس تەرتىپى قاتارلىقلار بىر تۇتاش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ مەشغۇلات ئىجراسىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.
مەملىكەتلىك سۇغۇرتا مەخسۇس ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 50 مىليون يۈەن، رايون خاراكتېرلىك سۇغۇرتا مەخسۇس ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 20 مىليون يۈەن؛ مەملىكەت خاراكتېرلىك ئاپپاراتلارنىڭ تىجارەت مەبلىغى 2 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، رايون خاراكتېرلىك ئاپپاراتلارنىڭ تىجارەت مەبلىغى 1 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولىدۇ؛ سۇغۇرتا باھالىغۇچىلىرىنىڭ سانى ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخىغا تەلەپ قويۇلىدۇ.


تۆتىنچى، «كۆچمە مۈلۈك ۋە ھوقۇق كېپىللىكىنى بىر تۇتاش تىزىملاش چارىسى» يولغا قويۇلىدۇ
جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا «كۆچمە مۈلۈك ۋە ھوقۇق كېپىللىكىنى بىر تۇتاش تىزىملاش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويدى. «چارە»دە «گوۋۇيۈەننىڭ كۆچمە مۈلۈك ۋە ھوقۇق كېپىللىكىنى بىر تۇتاش تىزىملاشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى»دىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىدە دائىم قوللىنىلىدىغان تىپىك كۆچمە مۈلۈك ۋە ھوقۇق كېپىللىك كەسپى ھەمدە «قارار»نىڭ چىقىرىۋېتىلگەن تۈرىدىن باشقا كۆچمە مۈلۈك ۋە ھوقۇق كېپىللىك كەسپىنىڭ ھەممىسى بىر تۇتاش تىزىملاش سىستېمىسىنىڭ تىزىملاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، «چارە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دەۋالاشقۇچىلار بىر تۇتاش تىزىملاش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، كېپىللىك قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئىخچام بايان قىلغاندا كېپىللىك قىلىنغان مال-مۈلۈكنى مۇۋاپىق پەرقلەندۈرەلىشى ھەمدە تىزىملاش مەزمۇنىنىڭ چىنلىقى، مۇكەممەللىكى ۋە قانۇنلۇقلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، خەلق بانكىسى ئىناۋەت مەركىزى تىزىملاش مەزمۇنىنى ماھىيەتلىك تەكشۈرمەيدۇ.

بەشىنچى، «كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاشنى باشقۇرۇش چارىسى» يولغا قويۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى
يېقىندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى «كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاشنى باشقۇرۇش چارىسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، بۇ چارە 2022-يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «باشقۇرۇش چارىسى»دە كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاش مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يىللىق مۇھىت ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاش دوكلاتىغا قارىتا، بۇلغىما چىقىرىدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلاردىن كارخانىلارنىڭ مۇھىت باشقۇرۇش ئۇچۇرى، بۇلغىما پەيدا قىلىش، تىزگىنلەش ۋە بۇلغىما چىقىرىش ئۇچۇرى، كاربون قويۇپ بېرىش ئۇچۇرى قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىندى؛ مەجبۇرىي خاراكتېرلىك پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان كارخانىلاردىن سەككىز تۈرلۈك ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ئاساسىدا، مەجبۇرىي خاراكتېرلىك پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈشنىڭ سەۋەبى، يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى، باھالاش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نەتىجىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىندى؛ بەلگىلىمە خاراكتېرلىك پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان شىركەتلەر، زايوم تارقاتقان كارخانىلاردىن سەككىز تۈرلۈك ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ئاساسىدا، مۇھىت ئاسراشقا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇچۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش تەلەپ قىلىندى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەمۇرىي ئىجازىتىنى ئۆزگەرتىش، مەمۇرىي جازا بېرىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلەش قاتارلىق بازار كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى، ۋاقىت ئۈنۈمى كۈچلۈك بولغان ئۇچۇرلارغا قارىتا، كارخانىلاردىن ۋاقىتلىق مۇھىت ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاش، دوكلات قىلىش شەكلىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىندى.

ئالتىنچى، يېڭى نۇسخىدىكى «سۇ، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئاممىۋى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى يولغا قويۇش چارىسى» ئېلان قىلىندى
تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يېقىندا «سۇ، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئاممىۋى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى يولغا قويۇش چارىسى (شەھەر قۇرۇش بەلگىلىمىسى [2021] 4-نومۇرلۇق)»نى تۈزىتىپ ئېلان قىلدى، 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «سۇ، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق كۆپچىلىك كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنى يولغا قويۇش چارىسى (شەھەر قۇرۇلۇشى [2008] 213-نومۇرلۇق)» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.
يېڭى «چارە»دە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاش دائىرىسىگە كىرىدىغان ئۇچۇرلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەرنى سۇ، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئاممىۋى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارىلاش مەزمۇنى ۋە ۋاقىت چېكى تەلىپىنى تىزىملىك شەكلىدە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، پىرىنسىپ جەھەتتە ئۇچۇر شەكىللەنگەن ياكى ئۆزگەرتىلگەن كۈندىن باشلاپ 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئاشكارىلىشى ھەم ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن جانلىق تەڭشىشى كېرەك. جىددىي ئۇچۇرنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاش كېرەك، قانۇن-نىزام ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش مۇددىتى توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.


يەتتىنچى، يېڭى نۇسخىدىكى «يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي جازا تەرتىپى بەلگىلىمىسى» رەسمىي يولغا قويۇلدى


يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلغان «يېزا ئىگىلىكىگە مەمۇرىي جازا بېرىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «يېزا ئىگىلىكىگە مەمۇرىي جازا بېرىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي جازا تەرتىپى بەلگىلىمىسى»دە ئاساسلىقى ئەسلىدىكى بەلگىلىمىدىكى يېڭى «مەمۇرىي جازا قانۇنى»غا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي جازا تەرتىپىنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى تەڭشىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي جازا دېلولىرىدا دېلو تۇرغۇزۇش، تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش، پېچەتلەشتىن ئىجرا قىلىشقا يەتكۈزۈشكىچە بولغان تەرتىپ قائىدىسى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي جازاسىنىڭ تەتبىقلىنىش قائىدىسى ۋە تەكشۈرۈش شەرتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، مەمۇرىي جازا بىلەن جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش قاتارلىق مېخانىزملار مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

بىر تۈركۈم دۆلەت ئۆلچىمى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى
تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دۆلەت ئۆلچىمى «قۇرۇلۇش ئۇچۇر مودېلىنى ساقلاش ئۆلچىمى»، «تونېل قۇرۇلۇشىنى لايىھەلەش ئۆلچىمى»، «ئورۇن ئاتلاپ يەككە رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشىنى ئۆلچەش ئۆلچىمى» 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408