大数跨境

مىڭ سۇلالىسىنىڭ مالىيە كرىزىسىنى ئەينەك قىلىش

مىڭ سۇلالىسىنىڭ مالىيە كرىزىسىنى ئەينەك قىلىش Nepkar
2022-01-16
2
导读:كەلگۈسىدە پۇل تارقاتقان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بىر دۆۋە قەغەزگە ئايلىنىپ، ھېچكىم ئىستېمال قىلمايدۇ ۋە مە

ھەپتە ئاخىرىدا، كۆپچىلىك بىلەن مىڭ سۇلالىسىنىڭ مالىيە كرىزىسى ئارقىلىق كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا قانداق قىلغاندا «ئورەك»كە چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقايلى، شۇنداقلا ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندىن بويان كۆپرەك سورالغان مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەيلى، نېمە ئۈچۈن پۇل بېسىپ پەرزەنت كۆرۈشكە ئىلھام بېرىشكە بولمايدۇ؟ بولۇپمۇ 80-يىللاردا تۇغۇلغان كۆپ پەرزەنتلىك «مۈلۈكدارلار سىنىپى»نىڭ پەرزەنت كۆرۈشىگە ئىلھام بېرىشكە بولمايدۇ.
تارقىلىشچان زۇكام تارقالغان ھېلىقى ئىسپانىيە كولومبونىڭ يېتەكچىلىكىدە ئامېرىكا قىتئەسىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە ئۇ يەردىن نۇرغۇن كۈمۈش كانلىرىنى بايقىغان.
ياۋروپالىقلار ئېلىپ بارغان ۋىرۇسقا تايىنىپ يەرلىكلەرنى يوقاتقان، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۈمۈش كانلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قېزىلىشى بىلەن زور مىقداردىكى ئامېرىكا قىتئەسى كۈمۈش تەڭگىلىرى بۈيۈك مىڭ سۇلالىسىغا ئېقىپ كىرىپ، شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويىدىكى زور مىقداردىكى تاۋارلار پۈتۈن يەر شارىغا ئېكسپورت قىلىنغان، بۇنىڭ بىلەن بۈيۈك مىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مۇھىم ئېكسپورت شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىنتايىن گۈللەنگەن مەنزىرە بارلىققا كەلگەن.
لېكىن، بۇ گۈللىنىش پەقەت ساختا كۆرۈنۈش بولۇپ، ئامېرىكا تەڭگىسى قالايمىقان تارقىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، مىڭ سۇلالىسى ناھايىتى تېزلا يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقىغا دۇچ كەلدى.
بۇ خىل پۇل پاخاللىقىدا، ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ تەسىراتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.
تاشقى سودا پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولالمىغان ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدا، پىرولېتارىياتنىڭ بايلىقى تېز سۈرئەتتە يېرىمى ئازىيىپ كەتكەن، ئەسلىدە پەقەت بىر سەر كۈمۈشكە سېتىۋېلىنغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى ناھايىتى تېزلا 2-3 سەر كۆمۈشلۈك باھاغا ئۆرلەپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئارقا-ئارقىدىن قېچىپ كەتكەنلىكتىن، ئىستېمالمۇ پالەچلەنگەن. (خېگاڭ ئەندىزىسى)
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاشقى سودا پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان شەرقىي جەنۇبتا ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن كۈمۈش تەڭگە جۇغلانغان، بۇرژۇئازىيە پۇل مۇئامىلە ئويۇنىدا مۇقىم مۈلۈكنىڭ باھاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىتىپ، 30 مىڭ سەرگە سېتىۋالغان يەر ناھايىتى تېزلا 100 مىڭ سەر كۈمۈشلۈك باھاغا چىققان. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ بايلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. (شاڭخەي، شېنجېن، خاڭجۇ ئەندىزىسى)
ئەينى چاغدا بۈيۈك مىڭ سۇلالىسى يولغا قويغان بىر تۇتاش باج تاپشۇرۇش چارىسىدە مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش كۈمۈش تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
بۇنىڭ بىلەن كۈمۈش ئەرزان بولغان شەرقىي جەنۇبنىڭ ئەمەلىي باج-سېلىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، كاپىتالدىن پايدىلىنىپ كەڭ كۆلەمدە قوشۇپ سېتىۋېلىش-كېڭەيتىش (شاڭخەي، شېنجېن، خاڭجۇ ئەندىزىسى) ئېلىپ بارغىلى بولاتتى، ھالبۇكى، كۈمۈش قىممەت بولغان شىمالنىڭ باج-سېلىق سەۋىيەسى جىددىي يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنىدى، بەزى شىمال ھۆكۈمەتلىرى مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يەنە ئاشكارا باج ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. (باجۇ ئەندىزىسى)
بۇ خىل ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا، پۇل پاخاللىقىدىن پۇل تۇغۇنلۇقىغا قاراپ يۈزلىنىدۇ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى كەڭ كۆلەمدە ئىشسىز قالىدۇ، دېڭىز بويى رايونلىرى ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ مەۋھۇملۇققا يۈزلىنىدۇ، پۇل بولمىسا، خىزمەتمۇ بولمايدۇ، بۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىدا باندىتلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. 
توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، چۇڭجېن دەۋرىدە گوللاندىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئەۋج ئېلىپ، ئىسپانىيە بىلەن پۈتۈن يەر شارى مالىمان بولۇپ كەتكەن، ئامېرىكا قىتئەسىدىن بۈيۈك مىڭ سۇلالىسىغا ئېقىپ كىرگەن كۈمۈش تېزدىن ئۈزۈلۈپ قالغان، مىڭ سۇلالىسى يەنە پۇل پاخاللىقىدىن پۇل قىسلىقىغا ئۆتۈپ، ھەممە ئادەمنىڭ پۇلى قالمىغان.
بۇنىڭ بىلەن زور مىقداردىكى مەبلەغكە ئېھتىياجلىق بولغان شەرقىي جەنۇب رايونى ئويۇنلىرىنى ئوينىيالماي، بىر دۆۋە قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان، شىمال تەرەپتە ئاپەت ۋە باندىتلارنى يوقىتىشقا ياردەم قىلغۇدەك پۇل يوق ئىدى، شۇنىڭ بىلەن باج كۆپەيتىلسىلا باندىتلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتكەن. مىڭ سۇلالىسى بولسا كۈمۈش بېسىشقا ئامالسىز قېلىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ۋە ھەممە يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئاسىيلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ئىدى.


بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن دۇنيا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر مىڭ سۇلالىسى بىلەن نۇرغۇن جەھەتلەردە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
ئەگەر داۋاملىق بايلارغا پۇل تارقىتىپ، ئەكسىچە دەل جايىدا نامراتلارغا تارقىتىلمىسا، پۇل پاخاللىقىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ بايلىقى بۇلىنىپ، ئىستېمالى تېز تۆۋەنلەيدۇ؛
ئەگەر يۆتكىمە چىقىم ئارقىلىق دېڭىز بويى بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى باي-نامراتلىق پەرقىنى كونترول قىلغىلى بولمىسا، پۇل پاخاللىقىدىن خەتەرلىك كاساتچىلىققا يۈزلىنىپ، كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشنى قىسقارتىش جەدۋىلىگە ئەگىشىپ، يەر شارى يەنە تارىيىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ، كەلگۈسىدە پۇل تارقاتقان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بىر دۆۋە قەغەزگە ئايلىنىپ، ھېچكىم ئىستېمال قىلمايدۇ ۋە مەبلەغ سالمايدۇ.
يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادشۇناسلىق ساۋاتلىرى، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ ئەقىللىق كىشىلەر ئىكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز، توردا داۋراڭ سېلىۋاتقان ئاشۇ كالۋالارنىڭ بىلجىرلاشلىرىنى ئاڭلىمايمىز، بۇ يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، سۇ قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئىزچىل كونترول قىلىپ كەلدۇق، يۆتكەپ چىقىم قىلىش ئارقىلىق دېڭىز بويى بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى باي-نامراتلىق پەرقىنى تىزگىنلىدۇق، ھەتتا ئىچكى قۇرۇقلۇق مالىيەسى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان ئەھۋالدىمۇ، يەنىلا تىرىشىپ ئاساسىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدۇق، ھەمدە دېڭىز بويىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارىسىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كىرىم پەرقىنى كىچىكلەتتۇق.
ھەممە نەرسە ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ.
بىز پەقەت بۇ ئوڭۇشسىزلىقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، بۈيۈك مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىزىنى باسمىساقلا، ئۇنداقتا پۇرسەت بار، «قوۋۇقتىن كىرىش» ئارقىلىق ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ كېلەلەيمىز.
مەنبە: جېڭىشتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408