大数跨境

جۇڭگولۇق يېڭى بايغا ۋاقىت كۆپ قالمىدى

جۇڭگولۇق يېڭى بايغا ۋاقىت كۆپ قالمىدى Nepkar
2021-12-03
1
导读:بارلىق تەقدىر سوۋغا قىلغان سوۋغاتلارنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان ئاستىرتتىن باھا بەلگىلەپ بولۇنغان بولىدۇ.
كۆپ يىللاردىن كېيىن، جاۋ چاڭپېڭ ئاممىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگودىكى كاتتا باي بولۇپ تەيىنلەنگەن ئاشۇ چۈشتىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئەسلەپ قالىدۇ. 
11-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى چۈشتىن كېيىن، «مالىيە-ئىقتىساد» ژۇرنىلى مىكرو بىلوگدا يازما ئېلان قىلىپ، بايلىقى 90 مىليارد يۈەنلىك جاۋ چاڭپېڭنى دۇنيادىكى ئون چوڭ باي قاتارىغا كىرگۈزدى ھەمدە ئۇنىڭغا جۇڭگولۇق يېڭى باي دەپ نام بەردى. 


مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، «فوربېس» ژۇرنىلى جۇڭگولۇق بايلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شۇ چاغدا جاۋ چاڭپېڭ ئالدىنقى 40 كىشىنىڭ تىزىملىكىگىمۇ كىرەلمىگەنىدى، 20 نەچچە كۈندىن كېيىن، جۇڭ شەنشەننىڭ %35 بايلىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، جۇڭگودىكى تۇنجى باي قاتارىغا ئۆتتى، تېخىمۇ مۇھىمى جاڭ يىمىڭ، خۇاڭ جېڭ، ما خۇاتېڭ ۋە ما يۈننى نەچچە كوچا كەينىگە تاشلىۋەتتى. 
كاتتا بايلار تۇيۇقسىز ئالمىشىپ، نۇرغۇن دوستلارنى ئۆزىنىڭ كاتتا باي بىلەن بولغان ئەينى يىللاردىكى پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى ئاشكارىلاتقۇزدى، يەنە بەزى دوستلار توپتا 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىقىنىڭ جاۋ چاڭپېڭنىڭ بايلىق سەۋىيەسىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويغانلىقىنى، ھەقىقىي بايلىقى زادى قانچىلىك دېگەن مۇنازىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولدى.
لېكىن، جۇڭگودا «دەرغەزەپكە كېلىپ بېيىپ كېتىش» دەيدىغان گەپ بار، غەربلىكلەردىمۇ «تەقدىر تەقدىم قىلغان سوۋغاتقا ئاللىقاچان ئاستىرتىن باھا بېكىتىلىپ بولغان.» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. 
ئەسلىدە تۈزۈك ئۇتۇق قازىنالمىغان جاۋ چاڭپېڭ تۇيۇقسىز ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن دۇنيادىكى بىرىنچى باي قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ كۆز-كۆز قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ، ئەكسىچە ناھايىتى ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش بولدى. 


نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى يازمىمىزدا تىلغا ئالغان ئاسىيا يېڭى قىمار شاھى شى مىخۇا ئېسىڭىزدىمۇ؟ (بۇ يەرنى بېسىپ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ!)
بىز ئۆزتاراتقۇ چەمبىرىكىدىكىلەر مەيلى قانداق ھېكايە توقۇيلى، يەنىلا ئەسلى ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ، يىلدا 1 تىرىليون يۈەنلىك ئاقما ھېسابات، نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك توردىن تارتىپ تەشكىلىي قۇرۇلما ۋە پايدا ئەندىزىسىگىچە «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى»نىڭ «پەۋقۇلئاددە زور خەلقئارا تور قىمار سۇپىسى دۆلەت ئىچىگە سىڭىپ كىردى، يىللىق دو تىكىش سوممىسى مەملىكەت بويىچە لاتارىيە كىرىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ!» دېگەن بىر پارچە خەۋىرى قوللىنىلدى. 
ھەتتا ئۇنىڭغا «ئاسىيا يېڭى قىمار شاھى» دېگەن نامنى «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» بەرگەن. 
بىلىشىمىز كېرەككى، «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن شى مىخۇاغا بۇ نامنى بەرگەن ۋاقىتتا، ئاۋمېندىكى قىمار شاھى خې خۇڭشېن تېخى ھايات ئىدى، شى مىخۇا پەقەت ئەزىز مېھمانلار زالىنى ھۆددىگە ئالغان «يۈگۈرۈم-يېتىم» ئىشلارنى قىلغۇچى، خالاس. 


بۇنىڭدىن باشقا، ئاۋمېن تەرەپ ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە بىر تەپسىلاتنى ئاشكارىلىدى. 
ساقچى ئىدارىسى 2019-يىلى 8-ئايدا ئاخبارات تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، قانۇنسىز گۇرۇھلار ئاۋمېننىڭ ئەزىز مېھمانلار زالى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن پايدىلىنىپ، چەت ئەلدە قىمار سۇپىسى قۇرۇپ، ئىچكىرى جايلاردىكى پۇقرالارنى قانۇنسىز توردا قىمار ئويناشقا جەلپ قىلىپ، ئۆز قىلمىشىنى يەر ئاستى سەرراپخانا قاتارلىق قانۇنسىز يوللار بىلەن يۆتكىگەن ۋە يوشۇرغان. 
دىققەت، ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتىنىڭ خەۋىرى بولسا 2019-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلىنغان. 
«قىمار شاھى دەپ نام بېرىش» بىلەن «تەكشۈرۈلۈش» بىر ئاي ئۆتۈپ يۈز بەرگەن، بۇ پۈتۈنلەي ۋاقىت مۇسابىقىسىدۇر. 


بۇنى چۈشەنگەندىن كېيىن، بۇ قېتىم مالىيە-ئىقتىساد ژۇرنىلى تەرىپىدىن «كاتتا باي» دېگەن نامغا ئېرىشكەن جاۋ چاڭپېڭغا، ھەتتا پۇل چەمبىرىكىگە نىسبەتەن ھېچقانداق خۇش خەۋەر ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق بايلىقنى كۆز-كۆز قىلىشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوقلۇقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.
نېمىلا دېگەن بىلەن، يېڭى قىمار شاھى بىلەن يېڭى بايلارنىڭ پۇل تېپىش لوگىكىسى ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ تونۇش شوئارلىرى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلسا، ھېچقانداق قائىدىگە خىلاپ ئىش بولمايدۇ. 
جاۋ چاڭپېڭنىڭ قول ئاستىدىكى بىئەن بىر كۈندە 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاقما ھېساباتنى 365 كۈن كۆپەيتكەندە، بۇ دەل بىر يىلدا 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، خەلقئارا توردا قىمار ئويناپ بىر يىلدا 1 تىرىليون يۈەن تاپىدىغان شى مىخۇادىن قېلىشمايدۇ.


ھەتتا جاۋ چاڭپېڭنىڭ قول ئاستىدىكى خې يى باشچىلىقىدىكى تەنناز «بىئەن 101 قىزلار ئۆمىكى» بىلەن شى مىخۇانىڭ «تەنناز گوللاندىيە خانقىزى»نىڭ ماھىيەتلىك پەرقى يوق. 


مەيلى جاۋ چاڭپېڭنىڭ پۇلى بولسۇن ياكى شى مىخۇانىڭ قۇياش شەھىرى بولسۇن، ھەممىسىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن يۆتكىلىشكە چېتىلىدىغان نۇرغۇن يىپ ئۇچى بار. 
جۇڭگو-ئامېرىكا ئۇچرىشىشىغا ئەگىشىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، رەقەملىك پۇلنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان برېنارد ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە كۆرسىتىلدى، يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، مالىيە-ئىقتىساد ژۇرنىلىمۇ جاۋ چاڭپىڭنى دۇنيا بويىچە تۇنجى باي قاتارىغا كىرگۈزدى. 
«ئاسىيادىكى يېڭى قىمار شاھى» شى مىخۇانىڭ تەجرىبىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، تاراتقۇلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي نامى چىقىرىلغان ھامان، جاۋ چاڭپېڭنىڭ ئۆزىنى ئاكتىپ قۇتقۇزۇشىغا كۆپ ۋاقىت قالمايدۇ. 
ئەسلىدە كىچىك دائىرىدىكى بۇ سەلبىي ۋە مەخپىي خەۋەرلەر كۆپچىلىك پىكرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تاكى مەلۇم بىر كۈنى مەلۇم بىر ۋەقە يۈز بەرگەنگە قەدەر توختىماي ئېچىتىلىپ، ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. 
شۇ چاغدا، بىر كېچىدىلا بېيىپ كەتكەن ئاشۇ پەخىرلىك كىشىلەر بىردىنلا شۇنى ھېس قىلىدۇكى، بارلىق تەقدىر سوۋغا قىلغان سوۋغاتلارنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان ئاستىرتتىن باھا بەلگىلەپ بولۇنغان بولىدۇ. 
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0