大数跨境

تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش: ئۆي-زېمىن بېجىدىن كېيىنكى يۈزلىنىش

تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش: ئۆي-زېمىن بېجىدىن كېيىنكى يۈزلىنىش Nepkar
2021-10-24
3
导读:ئۆي-مۈلۈك بېجىنى بېكىتىش مۆلچەردىكىدىن ئارقىغا، ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مۆلچەردىكىدىن ئ
ئۆي-مۈلۈك بېجى ئۆتۈكى ئاخىرى يەرگە چۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى گوۋۇيۈەنگە ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن. (بۇ يەرنى چېكىڭ!)

بۇ قاراردا ھوقۇق بېرىلگەن نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، گوۋۇيۈەن نۇقتىدا سىناق قىلىش چارىسىنى بېسىپ تارقاتقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىش جەريانىدا، گوۋۇيۈەن نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، ھوقۇق بېرىش مۇددىتى توشۇشتىن ئالتە ئاي ئىلگىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك، داۋاملىق ھوقۇق بېرىشكە توغرا كەلسە، ئالاقىدار پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ. شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، ۋاقتىدا قانۇن تۈزۈش كېرەك. 
بۇ قاراردا ھوقۇق بېرىلگەن نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، گوۋۇيۈەن نۇقتىدا سىناق قىلىش چارىسىنى بېسىپ تارقاتقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
ILQUT,公众号:Maniwiyatئۆي مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى!


سىياسەت تۈزۈش مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت باج باش ئىدارىسىغا قايتۇرۇپ كېلىندى، گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي خىزمەت ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەرلەر ناھايىتى تېزلا ئېلان قىلىنىدۇ. 

ھوقۇق بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇددىتى تۆت يېرىم يىل بولۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، «14-بەش يىللىق پىلان» بىلەن ئاساسەن بىردەك بولۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنغاندىن كېيىن «15-بەش يىللىق پىلان»دا قانۇن چىقىرىش ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. 
يەنىلا شۇ كونا گەپ، ئۆي-مۈلۈك بېجىنى بېكىتىش مۆلچەردىكىدىن ئارقىدا قالغان، ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مۆلچەردىكىدىن ئالدىغا سۈرۈلگەن. 
«ئىزدىنىش (求是)» ژۇرنىلىدىكى ماقالىلەر ۋە ئوخشاش مەزگىلدىكى سىياسەتلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئۆي-مۈلۈك بېجىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، يەنى ئۆي-مۈلۈكنىمۇ «ھەشەمەت بۇيۇملىرى لۇشيەنى» ۋە «كۈندىلىك بۇيۇم لۇشيەنى»گە ئايرىشقا بولىدۇ. 
بىرىنچى سەپتىكى يادرولۇق رايوندىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۆيلەر خۇددى ماۋتەيگە ئوخشاش، باھاسى مۇقىم ھەم دۆلەتنى تۈگىمەس باج بىلەن تەمىنلەيدۇ. 
3-، 5-سەپتىكى ئادەتتىكى تۇرالغۇلار خۇددى گۆشكە ئوخشاش، ئىچىدىكى سۇ تەركىبىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئادەتتىكى پۇقرالارنى پارتىيە ۋە سوتسىيالىزمنىڭ ئىللىقلىقىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ. 

سىياسەتنىڭ روھىغا ئاساسەن، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان بەزى رايونلارنىڭ يەرلىك سىياسەتلىرىنى قىياس قىلىپ باقساق:
ئالدى بىلەن، ئۆي-زېمىن بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سوممىسى يۇقىرى بولۇش ئېھتىماللىقى ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ، ئىلكىدىكى ئۆي كۆلىمىگە ئاساسەن باج ئېلىپ، تويدىن ئاجرىشىش دولقۇنى قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىدۇ. 
ئىككىنچىدىن، ئۆي-مۈلۈك بېجىنىڭ چوڭ ئېھتىماللىقى پەلەمپەيسىمان ياكى دەرىجىگە ئايرىلغان باج نىسبىتىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، پەلەمپەيسىمان توك باھاسىغا ئوخشاش، ئۆي-مۈلۈكتىكى كىرتىك نۇقتىدىن ئېشىپ كەتكەن چوڭ ئائىلىلەر يۇقىرى سوممىلىق باجنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 
ئۈچىنچى، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلار باج ئېلىشنى كېچىكتۈرۈش مەزگىلى ياكى ۋاقتىنچە كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەسلەپكى بىر قەدەر تۆۋەن باج نىسبىتىدىن كېيىن تەدرىجىي باج قوشۇپ، پۈتكۈل ئۆي-زېمىن بازىرىغا زەربە بولۇشىدىن ساقلىنىدۇ.

ئەمدى، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىپ باقايلى. 

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408