大数跨境

ئۈندىداردىكى ئەڭ يېڭى ئىقتىدارلار

ئۈندىداردىكى ئەڭ يېڭى ئىقتىدارلار Nepkar
2021-12-29
0
导读:ئۈندىدارغا يەنە بىر يېڭى ئىقتىدارى قوشۇلدى، ئەمدى ئۈندىدارنىڭ تور نۇسخىسىغا كىرمەي تۇرۇپلا ھۆججەت يو
ئۈندىدار ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىدىن باشقا ئىشخانا ئىشلىرىدىمۇ دائىم ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال، ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئىشلىتىش جەريانىدا مۇنداق «قىيىن مەسىلە»گە يولۇققان. 
باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىدا ئۈندىدارنى ئېچىپ چوڭ ھۆججەتلەرنى يوللىغاندا، باشقىلار بىلەن بولغان پاراڭلىشىش خاتىرىسى ۋە يېڭى كەلگەن ئۇچۇرلارمۇ ماس قەدەمدە كۆرۈنىدۇ، بۇ بەزىدە كىشىنى بىرئاز ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ. 

ئەڭ يېڭى خەۋەر!

ئۈندىدارغا يەنە بىر يېڭى ئىقتىدارى قوشۇلدى، ئەمدى ئۈندىدارنىڭ تور نۇسخىسىغا كىرمەي تۇرۇپلا ھۆججەت يوللىغىلى بولىدۇ.

كونكرېت ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇنداق (Windows نۇسخىسى مىسال قىلىنىدۇ)↓↓↓
1) ئالدى بىلەن كومپيۇتېر نۇسخىسىدىكى ئۈندىدارنىڭ نەشرىنى يېڭىلايمىز. 
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈندىدارنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسىغا كىرىپ تەڭشەكتىن يېڭى نۇسخىنى تېپىپ يېڭىلىساق بولىدۇ.
2) ئۈندىدارنىڭ نەشرى يېڭىلانغاندىن كېيىن ئەسلىي ئۈندىدار ئاپتوماتىك چېكىنىپ چىقىدۇ.
ئۈندىدارنىڭ نەشىرى يېڭىلانغاندىن كېيىن، كومپيۇتېر نۇسخىسىدىكى ئۈندىدارغا كىرمەي تۇرۇپلا بىۋاسىتە ھۆججەت يوللىساق بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كومپيۇتېر نۇسخىسىدىكى ئۈندىدارنىڭ ئاستى قىسمىدىكى «پەقەت ھۆججەت يوللاش» دېگەن خەت بار بەلگىنى چېكىمىز.

ئارقىدىن كۆرۈنگەن بەتتىكى ئىككى ئۆلچەملىك كودنى يانفون ئارقىلىق سىكاننېرلايمىز، بۇ يەردىكى ئىككى ئۆلچەملىك كود ھەرىكەتچان يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، خاتا مەشغۇلات قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ. ↓↓↓

كودنى سىكاننېرلاپ بولغاندىن كېيىن، بۇ يېڭى ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ يانفون بىلەن كومپيۇتېر ئارا سۈرەت، ھۆججەت، ئۇلىنىش قاتارلىقلارنى يوللىساق بولىدۇ. 

بۇ ھالەتتە، كومپيۇتېرنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى ۋەزىپە ئۇقتۇرۇش ئىستونىدا ئۈندىدار بەلگىسى كۆرۈنمەيدۇ، پاراڭلاشقىلى بولمايدۇ، پەقەت ھۆججەت يوللىغىلى بولىدۇ، شۇڭا يانفوندا «تور بەت نۇسخىسى ھۆججەت يوللاش ياردەمچىسى» دېگەن ئەسكەرتىش كۆرۈنىدۇ. 
3)سەمىمىي ئەسكەرتىش: ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا چېكىنىپ چىقىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 
نۆۋەتتە، بۇ يېڭى ئىقتىدار بىلەن ئۈندىدارغا سىكاننېرلاپ كىرىش بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ، يان تېلېفوندا نورمال سىكاننېرلاپ كىرگەندىن كېيىن، يان تېلېفون ئېكرانىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە «ئىككى ئۈسكۈنە ئۈندىدارغا كىردى» دېگەن ئەسكەرتىش كۆرۈنىدۇ. 

ئەگەر سىز پەقەت ئۈندىدارنىڭ بۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېردا ۋاقىتلىق ھۆججەت يوللىماقچى بولسىڭىز، يوللاپ بولغاندىن كېيىن يانفوندا ياكى كومپيۇتېردا بۇ ئىقتىدار بېتىدىن ۋاقتىدا چېكىنىپ چىقىشىڭىز كېرەك. چېكىنىپ چىقىش ئۈچۈن، يانفون تېرمىنالىدىكى ئۈندىداردا «تور بەت نۇسخىسىدىكى ھۆججەت يوللاش ياردەمچىسى ئېچىلدى» دېگەن خەتنى تېپىپ، «چېكىنىش»نى باسىمىز. 

«تور بەت نۇسخىسى ھۆججەت يوللاش ياردەمچىسى»دىن چېكىنىش ئۈچۈن كۆرۈنمە يۈزدىكى ئۆچۈرۈش بەلگىسىنى باسساقلا بولىدۇ. 

قېنى ئەمىسە، بۇ ئۇچۇرنى تېخىمۇ كۆپ دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگە تارقىتىپ قويۇڭ، سىز يەنە ئۈندىدارنىڭ قانداق يېڭى ئىقتىدارلىرى بولۇشنى ئۈمىد قىلىسىز؟

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0