大数跨境

ئۈندىدار، چىقىمدان:پۇل كىرىم كودىنى تىجارەتكە ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ

ئۈندىدار، چىقىمدان:پۇل كىرىم كودىنى تىجارەتكە ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ Nepkar
2021-11-26
0
导读:ئىستېمالچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىش ئۇسۇللىرى ئاز ئۇچرىمايدۇ...
ئۈندىدار، چىقىمدان شەخسىي پۇل كىرىم قىلىش كودىنى تىجارەت قىلىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ
يېقىندا، جۇڭگو خەلق بانكىسى «جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ چىقىم قوبۇل قىلىش تېرمىنالى ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تىك سىزىقلىق نومۇر (条码)دا چىقىم قىلىشمۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، شەخسلەر پۇل كىرىم قىلىش كودىنى ئىشلىتىش قائىدىسى توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلدى ھەم 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 
ئۇقتۇرۇشتا يەنە يىراق مۇساپىلىك پۇل تاپشۇرۇشقا قارىتا ئىزاھات بېرىلدى. تىك سىزىقلىق نومۇرلۇق چىقىم-كىرىم قىلىش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شەخسلەرنىڭ تىك سىزىقلىق كودىنى يىراقتىن پۇل ئېلىشقا ئىشلىتىشنى چەكلىشى كېرەك. رەسىمگە ئېلىش، چۈشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ساقلانغان شەخسلەر ھەرىكەت ھالىتىدە پۇل كىرىم قىلىش تىك سىزىقلىق نومۇرىغا قارىتا، شەخسىي تۇرغۇن ھالەتتە پۇل كىرىم قىلىش تىك سىزىقلىق كودىنى ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىش كېرەك. 

ئىستېمالچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىش ئۇسۇللىرى ئاز ئۇچرىمايدۇ، بۇ خىل قىلمىش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈلىدۇ. 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، مەركىزىي بانكا ھۆكۈمەت تورى «جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ چىقىم قىلىشنى قوبۇل قىلىش تېرمىنالى ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (بانكا تارقاتقان [2021] 259-نومۇرلۇق)»نى ئېلان قىلىپ، چىقىم قىلىشنى قوبۇل قىلىش تېرمىنال كەسپىنى باشقۇرۇش، كېلىشىملىك ۋاكالەتچىلەرنى باشقۇرۇش، تالون يىغىش كەسپىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن قول سېلىپ، تالون يىغىش ئاپپاراتلىرى ۋە ھېسابات ئېنىقلاش قۇرۇلمىسىغا قارىتا بىر قاتار باشقۇرۇش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىك سىزىقلىق نومۇر چىقىمىمۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، شەخسلەر پۇل ئېلىش تىك سىزىقلىق كودىنى ئىشلىتىش قائىدىسى توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلدى ھەم 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 
خەۋەر قىلىنىشىچە، مەركىزىي بانكىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى كونكرېت چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەخسلەرنىڭ پۇل كىرىم قىلىش تىك سىزىقلىق كودى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ، مەبلەغ كىرىم قىلىش-چىقىم قىلىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، لېكىن يەنە بەزى يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرلەر ساقلانغان. مەسىلەن، بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار «يۈگۈرۈش سۇپىسى (跑分平台)»دىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى سوممىلىق پايدا ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، شەخسىي تۇرغۇن ھالەتتىكى پۇل كىرىم قىلىش تىك سىزىقلىق كودى ۋە قىمارۋازلارنىڭ «نۇقتىدىن نۇقتىغا (点对点)» سىزىقتىكى يىراقتىن قىمار دەسمايىسىنى يۆتكەپ، قىمار دەسمايىسىنى پارچىلاش قىلمىشى نۇرغۇن نورمال سودا سورۇنلىرىغا يوشۇرۇنغان. خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پۇل كىرىم قىلىش تىك سىزىقلىق نومۇرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، قولايلىقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، «ئۇقتۇرۇش»تا بەزى قاراتمىلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 
بۇنىڭ ئىچىدە، «ئۇقتۇرۇش»تا پۇل كىرىم قىلغۇچى تىك سىزىقلىق نومۇرنى باشقۇرۇش توغرىسىدا ئىزاھات بېرىلىپ، شەخس ياكى كېلىشىملىك ۋاكالەتچى قاتارلىق پۇل كىرىم قىلغۇچى ھاسىل قىلغان، پۇل چىقىم قىلغۇچى ئوقۇپ چىقىپ چىقىم قىلىش بۇيرۇقى چىقارغان پۇل كىرىم قىلىش تىك سىزىقلىق كودىنى پەرقلەندۈرۈشتە، شەخسىي ۋە كېلىشىملىك ۋاكالەتچىنىڭ پۇل كىرىم قىلىش تىك سىزىقلىق كودىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنى پەرقلەندۈرۈلۈپ، پۇل كىرىم قىلىش تىك سىزىقلىق نومۇرنىڭ ئىجارىگە بېرىلىشى، ئارىيەتكە بېرىلىشى، سېتىلىشى ياكى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ پائالىيەتلەرگە ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئېنىق تىجارەت پائالىيىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە شەخسلەر تىك سىزىقلىق نومۇر ئارقىلىق پۇل كىرىم قىلىش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ شەخسلەر پۇل كىرىم قىلىش تىك سىزىقلىق نومۇرى ئارقىلىق تىجارەت پائالىيىتىگە ئالاقىدار پۇل كىرىم قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 
«ئۇقتۇرۇش»تا يەنە يىراق مۇساپىلىك پۇل تاپشۇرۇش توغرىسىدا ئىزاھات بېرىلدى. تىك سىزىقلىق نومۇرلۇق چىقىم-كىرىم قىلىش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شەخسلەرنىڭ تىك سىزىقلىق كودىنى يىراقتىن يۈز تۇرا بولمىغان پۇل ئېلىشقا ئىشلىتىشنى چەكلىشى كېرەك. رەسىم كېسىش، چۈشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ساقلانغان شەخسىي ھەرىكەت ھالىتىدە پۇل كىرىم قىلىش تىك سىزىقلىق نومۇرىغا قارىتا، شەخسىي تۇرغۇن ھالەتتە پۇل كىرىم قىلىش تىك سىزىقلىق كودىنى ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىش كېرەك. «تىك سىزىقلىق نومۇر چىقىمىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئىلگىرى پۇل يۇيۇش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر كۆپ بولغان تىك سىزىقلىق نومۇر چىقىم قىلىش يولىدىكى يوچۇقنى تولۇقلىدۇق.» بوتۇڭ مەسلىھەت بېرىش باش تەھلىلچىسى ۋاڭ پېڭبو تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ شەخسلەر پۇل كىرىم قىلىش كودىنى باشقۇرۇشتا، «ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپى شەخسلەر پۇل كىرىم قىلىش كودى يولىنىڭ سودا سۇپىسىدا ئىشلىتىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ. 
«ئۇقتۇرۇش»نىڭ ئىستېمالچىلار ۋە كىچىك، مىكرو تىجارەتچىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟ مەركىزىي بانكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇقتۇرۇش» ئومۇمىي جەھەتتىن ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشقا پايدىلىق بولۇپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ چىقىم قوبۇل قىلىش تېرمىنالىنى ئۆزگەرتىش، ساختا بولغان سودىگەرلەرگە ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئوغرىلىشى، ھەتتا ئىسچوت مەبلىغىنى ئوغرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بانكا، چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھېسابات سېلىشتۇرۇش تالونى، سودا ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، ئالاقىدار ماجىرا ۋە ئەرزلەرنى ئازايتىشقا پايدىلىق؛ يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، «ئۇقتۇرۇش»تىكى شەخسىي پۇل ئېلىش كودىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار تەلەپلەر شەخسىي تىجارەتچىلەر ۋە ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە بولغان مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى. 
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408