搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئۇنىڭ ھېكايىسىنى بىلىپ قويۇڭ
>
ئۇنىڭ ھېكايىسىنى بىلىپ قويۇڭ
Nepkar
2021-10-20
1
导读:بىرىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيەدە تاش تولۇق ئېلىۋېتىلمىدى، كېيىن دوختۇر ئۇنىڭ بۆرىكىگە بىر نەيچە سېلىپ
1998-يىلى 14 نەپەر ئۇچقۇچى قاتلاممۇقاتلام تاللىنىش ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا تاللاندى. 23 يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ 14 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئىچىدىكى بىرى ئالەمگە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بۇ خىزمەتنى ئىشلىمەكتە، ئۇ بولسىمۇ دېڭ چىڭمىڭ.
20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ بۇ ئارزۇغا يېتىشتە چىڭ تۇردى
1998-يىلى 5-يانۋار جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتى قۇرۇلدى، دېڭ چىڭمىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 14 ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ بىرى بولدى. شۇ كۈنى ئۇ: «باتۇرانە، خالىس تۆھپە قوشىدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، ۋەتەننىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلىشقا رازى» دەپ تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.
بۇ قەسەم ئالەم قاتنىشى خادىملىرىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس ئېتىقادى. دېڭ چىڭمىڭ ئىزچىل بۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، بۇنىڭغا توپتوغرا 23 يىل بولدى.
جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 14 ئالەم ئۇچقۇچىسى
ئىنتايىن كىچىك پەرق، ئۇ كۆپ قېتىم ئارزۇسى بىلەن ئۆتۈشۈپ كەتتى
2010-يىلى، دېڭ چىڭمىڭ كۈچەيتىش مەشىق ئەترىتىگە تاللىنىپ، «شېنجۇ 9-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىسىغا ئايلاندى.
ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زاپاس ئۇچقۇچى بىلەن ئاساسلىق ئۇچقۇچىنىڭ مەشىق تۈرى، ۋاقتى، مەزمۇنى، سىجىللىقى ۋە سىناش ئۆلچىمى ئوخشاش بولاتتى. ئادەملىك ئالەمگە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى مۇستەقىل ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش ئۈچۈن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سەككىز چوڭ تۈر، يۈزدىن ئارتۇق تۈر بويىچە قاتتىق سىناقتىن ئۆتۈشى كېرەك. دېڭ چىڭمىڭ مۇنداق دېدى: «مەشىق جەريانىدا چوقۇم باشتىن-ئاخىر ئەلا نەتىجە، ياخشى ھالەتنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان سەپكە كىرگىلى بولىدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، دېڭ چىڭمىڭ تاللىنالماي قالدى. «شېنجۇ 9-نومۇرلۇق» قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، دېڭ چىڭمىڭ يەر يۈزىدە قوللانما بويىچە، ئاسماندىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بارلىق پىروگراممىلارنى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ، تاماملانغان ئىشقا بەلگە قويدى. ئۇ: «زاپاس ئۇچقۇچىغا نىسبەتەن، بازىدىن قايتقانلىق ۋەزىپە ئاخىرلاشتى دېگەنلىك ئەمەس. مېنىڭ سەپدىشىم بىخەتەر قايتىپ كەلگەندىلا، مېنىڭ ۋەزىپەم ئاخىرلاشتى دېگەنلىك بولىدۇ» دېدى.
دېڭ چىڭمىڭ «شېنجۇ 9-نومۇرلۇق» دىكى تاللاشتا تاللىنالمىغان بولسىمۇ، كېلەر قېتىمدا يەنە پۇرسەت بارلىقىغا ئىشەندى. ئۇ «شېنجۇ 9-نومۇرلۇق»دا يۈز بەرگەن بۇ كەچۈرمىشنى بىر قېتىملىق تەجرىبە دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ ئالەمگە ئۇچۇش ئارزۇسىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى.
ھالبۇكى، «شېنجۇ 10-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسىنىڭ ۋەزىپىسىدە، دېڭ چىڭمىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئىنتايىن كىچىك پەرق سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم ئارزۇسى بىلەن ئۆتۈشۈپ كەتتى. «مانا مۇشۇنداق ناھايىتى كىچىك پەرق، ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىش مۇنارىنىڭ ئالدىدا توختىتىپ قويدى» دېدى ئۇ.
شۇ يىلى دېڭ چىڭمىڭ 47 ياشتا بولۇپ، «شېنجۇ 11-نومۇرلۇق» كېمىنىڭ قاچان بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
ئالەمگە ئۇچۇش يولىنىڭ قانچىلىك قىيىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،
ئۇ ئەزەلدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدى
دېڭ چىڭمىڭ 2013-يىلى سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، بەدىنىدە ئىنتايىن ئۇششاق تاش بارلىقى بايقالدى. ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل كىچىك تاشقا پەرۋا قىلمىسىمۇ بولاتتى، ئەمما ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇنداق قىلالمايتتى. دېڭ چىڭمىڭ ئالەم قاتنىشى ئارزۇسى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش ئۈچۈن، كەسكىن ھالدا ئوپېراتسىيە قىلىشنى تاللىدى.
ئويلىمىغان يەردىن بىرىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيەدە تاش تولۇق ئېلىۋېتىلمىدى، كېيىن دوختۇر ئۇنىڭ بۆرىكىگە بىر نەيچە سېلىپ قويغان. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، دېڭ چىڭمىڭ ئىزچىل نەيچە تاقاپ يۈرگەن، نەيچىدىن قان توختىماي چىققان. ئىككىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيەدە دېڭ چىڭمىڭنىڭ تېشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىۋېتىلىگەن. ئۇ «ئارزۇيۇم قايتىدىن باشلاندى» دېگەن.
2014-يىلى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتىدىكى بەش ئالەم ئۇچقۇچىسى ياش سەۋەبىدىن ئۇچۇشتىن توختىدى. ئۇچۇشنى توختىتىش، مەشىقنى توختىتىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئوخشاشلا «شېنجۇ 9-نومۇرلۇق» ۋە «شېنجۇ 10-نومۇرلۇق» كېمىنىڭ زاپاس ئۇچقۇچىسى چېن چۈەن دېڭ چىڭمىڭغا مۇنداق دېدى: «مەيلى ئاساسلىق ئۇچقۇچى ياكى زاپاس ئۇچقۇچى بولايلى، بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز. لاۋدېڭ، سىز تىرىشىڭ، ۋاز كەچمەڭ».
دېڭ چىڭمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئۆمرۈمدە، بۇ گەپنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.
ئالەمگە ئۇچۇش يولىنىڭ قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئەزەلدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدى. ھەر قېتىملىق ۋەزىپە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ چوقۇم ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنى «نۆلگە تەڭ» قىلىپ، ئۆتمۈشنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئاكتىپ روھىي ھالىتى بىلەن يېڭى خىرىسنى كۈتۈۋالدى.
زاپاس بولسىمۇ كېرەكسىز بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك
2016-يىلى «شېنجۇ 11-نومۇرلۇق» ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ۋەزىپىسىدە، دېڭ چىڭمىڭ زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىسى سۈپىتىدە يەنە بىر قېتىم جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىگە كەلدى. بۇ قېتىم، ئۇ ئالەمگە ئۇچۇش ئارزۇسىغا ئەڭ يېقىنلاشتى.
دېڭ چىڭمىڭ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن باشلاپ، تەييارلىق قىلغان ئۈچ يىلدا، ئاساسلىق ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن ئوخشاش ساندىكى، ئوخشاش ئۆلچەمدىكى مەشىقنى تاماملىدى. «شېنجۇ 11-نومۇرلۇق» كېمىنىڭ ئەڭ كەسكىن 33 كۈنلۈك تەقلىدىي تەكشۈرۈش تەجرىبىسىدە، ئۇ يەنە بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى چېن دۇڭ بىلەن 10 كىۋادرات مېتىرمۇ كەلمەيدىغان ھىم يېپىلغان بۆلمىگە كىرىپ، سىرتقى دۇنيا بىلەن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلدى. چىراغ ئىزچىل يېنىق تۇراتتى، ماشىنىنىڭ تەۋرىنىشى ۋە شاۋقۇن-سۈرىنى توختىمايتتى. سىرتقا چىققىلى، يۇيۇنغىلى بولمايتتى، زېرىكىپ قالغاندا پەقەت چېن دۇڭ بىلەن پاراڭلىشىپ قوياتتى.
قويۇپ بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، باش قوماندانلىق ئىشتابى يىغىن ئېچىپ، جىڭ خەيپېڭ، چېن دۇڭنىڭ «شېنجۇ 11-نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. دېڭ چىڭمىڭ ئەينى چاغدا نەتىجىنى ئاڭلىغاندا ھەقىقەتەن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى ھېس قىلدى. دېڭ چىڭمىڭ «شۇ چاغدا ھېچنېمە دېيەلمىدىم، بىر ئاز توختىۋالغاندىن كېيىن، بۇرۇلۇپ خەيپېڭغا قاراپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدىم، ۋە خەيپېڭ، سىزنى تەبرىكلەيمەن! دېدىم، خەيپېڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن، رەھمەت سىزگە، قېرىندىشىم! دېدى».
ئىككى مىنۇتقا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن زال ئىچى جىمجىتلىققا چۆمدى. بۇ كۆرۈنۈش نەق مەيداندىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى ئاققۇزدى.
بۈگۈنكى كۈندە، 55 ياشلىق دېڭ چىڭمىڭ يەنىلا مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر ۋاقىت تەييارلىق قىلماقتا. «ۋەزىپىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى مېنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىم، مەن ئۈن-تىنسىز ئۇل تېشى بولۇشقا رازىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ بۇرغا ساداسى چېلىنىپمۇ جەڭگە ئاتلىنالماسلىقىمغا، تېخى تەييارلىق قىلىپ بولالماسلىقىمغا يول قويمايمەن» دېدى ئۇ.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دېڭ چىڭمىڭنىڭ قىزى دېڭ مەنچىمۇ دادىسىنىڭ تەسىرىدە، ئالەم ئۇچقۇچىسى بولدى. ئاتا-بالا ئىككىيلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ۋەتەننىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. دېڭ مەنچى ئىلگىرى دېڭ چىڭمىڭغا بىر پارچە خەت يازغان بولۇپ، خېتىدە: «دادا سىز مەن كۆرگەن كەسىپنى ئەڭ قەدىرلەيدىغان ئادەم، ئەڭ شەخسىيەتسىز ئادەم، سىز مەڭگۈ مېنىڭ قەلبىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمان!» دېگەن.
دېڭ مەنچى دادىسى بىلەن بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئۇچۇش كونترول قىلىش زالىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى/ ماتېرىيال سۈرەت
ئارزۇسى ئۈچۈن كۆرۈش قىلىۋاتقان سانسىزلىغان «دېڭ چىڭمىڭ» بار، ئۇلار گەرچە ساۋۇت-دۇبۇلغا كىيىپ جەڭ قىلمىسىمۇ، پۈتۈن كۈچىنى ئايىمىغان. ئۇلار ياش ۋاقتىدىن تارتىپ چېچىغا ئاق كىرگىچە، نەچچە ئون يىل باشتىن-ئاخىر ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئۈن-تىنسىز چىڭ تۇرغان ۋە جان تىكىپ تىرىشقان، دەل ئۇلارنىڭ بەدەل تۆلىشى بىلەن، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئارزۇسىغا بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا.
جۇڭگو ئالەم قاتنىشىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!
جۇڭگو ئالەم قاتنىشى خادىملىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408