大数跨境

نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى ئېنىق تونۇش 2-بۆلەك

نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى ئېنىق تونۇش 2-بۆلەك Nepkar
2021-11-30
2
导读:ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەشكە قانداق قاراش كېرەك؟
ئىككىنچى بۆلەك: ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەشكە قانداق قاراش كېرەك؟ 
بۈگۈنكى بەزى كەسىپلەرگە قارىتىلغان سىياسەتنى تەڭشەش-تىزگىنلەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىگە قانداق قاراش كېرەك؟ مەسىلەن ئىنتېرنېت تورى، تەلىم-تەربىيە، ئۆي-مۈلۈك، ئويۇن، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسى. ئەگەر بۇ ساھەلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە سىياسەتلەرنى تەڭشەشنى كۈچەيتىش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چېكىندۈرگەنلىك دەپ قارالسا، ھەتتا قىسمەن تاراتقۇلاردا مۇبالىغە قىلىنغان «جۇڭگو كاپىتالىستلارنى ئېنىقلاشقا باشلىدى.» دېگەندەك، روشەنكى، بۇ ئوبيېكتىپ ئەمەس، بۇنىڭدا كونكرېت مەسىلىلەرنى كونكرېت تەھلىل قىلىش، كونكرېت سىياسەت يۆنىلىشىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تەھلىل قىلىش كەمچىل. 

ھازىرقى دەۋر ئىدراكىي روھ، ئىدراكىي كۆپچىلىك پىكرى كەيپىياتى ۋە ئىدراكىي ئويلىنىشقا ئىنتايىن موھتاج. ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى مىسالغا ئالساق، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ خەلق ئىگىلىكىگە قوشقان تۆھپىسى، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور بولدى، بۇ ھەممىگە ئايان. لېكىن ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىشى، ھەتتا تەرتىپسىز كېڭىيىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرمۇ ئېغىر، ئوخشاشلا ھەممىگە ئايان. 
بىز غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن، بىزدىنمۇ ئىلغار دۆلەتلەردىن ئۆگىنىشىمىز، ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئىشلىتىشىمىز، تەرەققىياتىمىزغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. لېكىن، غەرب ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات ئەندىزىسى، كەسىپ سىياسىتى قاتارلىقلاردا ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە ناھايىتى زور پەرق بار. 
ئەگەر شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، دانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ چوڭقۇر تەكشۈرسەك، ئىككى يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆيى بار كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى، جۈملىدىن بايلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. بۇ قىممەت قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن تېخىمۇ مۇھىمى تۈزۈم چەكلىمىسى، مەسىلەن، ئۆي-جاينى قۇرۇق قويۇش بېجى، بەزى دۆلەتلەردە ئۆي-جاينى قۇرۇق قويۇش بېجى يۇقىرى بولۇپ، سىزنىڭ ئارتۇق ئۆي-جاي سېتىۋېلىش پۇرسىتىڭىزنى يوق قىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپادىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە ئۆي-مۈلۈك باھاسىدا شىددەت بىلەن ئۆرلەش ۋە تۆۋەنلەش ئەھۋالى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ، ئۆي-مۈلۈكتىن پايدىلىنىپ ھايانكەشلىك قىلىش بوشلۇقى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ. 
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ئەركىنلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا ئۆي-مۈلۈك كەسپى ئۆتكەن 100 يىل ئەتراپىدا، پۇل پاخاللىقى ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئۆي-مۈلۈك باھاسىدىمۇ «جۇڭگوچە شىددەت بىلەن ئۆرلەش» كۆرۈلۈپ باقمىغان. 
«جۇڭگوچە شىددەت بىلەن ئۆرلەش» دېگەن بۇ سۆزنى ۋال كوچىسىدىكى بىر مەبلەغ سالغۇچى ئېيتقان بولۇپ، ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى، جۇڭگونىڭ ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆي-مۈلۈك باھاسى خۇددى راكېتاغا ئوخشاش يۇقىرى ئۆرلىدى، ھەتتا شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، ناھايىتى ئاز تۆۋەنلىدى، بۇنداق ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە قارشى ھادىسە نۇرغۇن نوپۇزلۇق مەبلەغ سېلىش ئانالىزچىلىرىنى ھەيران قالدۇردى. 
2000-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە باشلانغان، كۆپ يىل داۋاملاشقان «ئۆي-مۈلۈك چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» جۇڭگو ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىساد تارىخىدا ئاز ئۇچرايدۇ، ھەممىلا يەردە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، ھەممىلا يەردە يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇ بىنالىرى ۋە سودا ئىشخانا بىنالىرى سېلنىۋاتقان. ئۆي خۇددى بامبۇك نوتىسىدەك ئىشلەپچىقىرىلىپ، تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالمىدى، لېكىن ئۆي باھاسى يىلدىن-يىلغا ئۆرلەپ، بىر جەمئىيەتتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىگە يېتىشەلمىدى. 
بۇ ئومۇميۈزلۈك ئىجتىمائىي ئەندىشىنى پەيدا قىلىپلا قالماي، يەنە ئەمەلىي گەۋدە كارخانىلىرىغا غايەت زور زىيان ئېلىپ كەلدى، بۇ ھەم يەر تەننەرخى ۋە ئەمگەك كۈچى تەننەرخى، مەبلەغ تەننەرخىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەم ئىشەنچنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە تەۋرىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسىدىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بىر يىللىق پايدىسى بىر يۈرۈش ئۆي ھايانكەشلىكىنىڭ باھا پەرقىگە يەتمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىچىلار ئۆي سېلىپ، زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى ياكى زاۋۇتلارنى تاقاپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە ئاتلاندى، كۆپ ساندىكى ئاتالمىش كۆپ مەنبەلەشتۈرۈلۈش دەپ ئاتالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەزىلەر بىراقلا كارخانىنى سېتىپ، كەسپىي «ئۆي ھايانكەشلىرى»گە ئايلاندى. ئەجەبا، بۇ خىل ئەھۋالدىن تولۇق ھوشيار بولۇش ۋە ئۇنى تەڭشەپ كونترول قىلىش كېرەك ئەمەسمۇ؟ 
يەنە دۇنيا مىقياسىدا سېلىشتۇرساق، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆي-جاي ئومۇمىي بوش قېلىش نىسبىتى يۇقىرىمۇ ياكى تۆۋەنمۇ؟ دۆلىتىمىزدە قانچە ئائىلىنىڭ ئىككى يۈرۈش ئۆيى بار؟ قانچە ئائىلىنىڭ ئۈچ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆيى بار؟ قانچە ئائىلىنىڭ بەش يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆيى بار؟ بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش پۇلىنىڭ قانچىلىك نىسبىتى بانكا قەرزىدىن كەلگەن؟ بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆيگە كىرىش نىسبىتى، ئىشلىتىلىش نىسبىتى قانداق؟ قاتارلىقلار. 

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن مەسىلە شۇكى: ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنىڭ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە بايلىق مەنبەلىرىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى زادى قانچىلىك؟ تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەتكە ئىشلىتىدىغان مۈلكى، مەسىلەن بانكىنىڭ ئۆي-مۈلۈككە ئالاقىدار ساھەلەرگە قەرز بېرىش نىسبىتى بىلەن ئەمەلىي كارخانىلارغا قەرز بېرىش نىسبىتى قانداق؟ دۆلىتىمىزدىكى كۆپ ساندىكى بانكىلارنىڭ تىجارەت مۈلۈك سەپلىمىسى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى بانكىلارغا سېلىشتۇرغاندا، قانداق ھالەتتە تۇرىدۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق پۇل مۇئامىلە مۈلكىنى تەقسىملەش دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە قىممىتى ئەڭ چوڭ بولۇش، خەۋپ ـ خەتىرى ئەڭ ئاز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردىمۇ-يوق؟ 

بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: ئۆي-مۈلۈك سىياسىتىنى تەڭشەش بەك تۇيۇقسىز بولۇپ قالسا، كارخانىچىلاردا سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا «خەتەر تۇيغۇسى» پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل قاراش ئوبيېكتىپ پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. «ئۆينى تۇرالغۇغا ئىشلىتىپ، ھايانكەشلىك قىلماسلىق» ئىنتايىن ئېنىق سىياسىي بايانات بولۇپ، مەركەزنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە قارىتا تۈپ خاراكتېرلىك ئورۇن بەلگىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ سۆز ئەڭ بۇرۇن 2016-يىللىق مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى خەۋىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھەم 2017-يىلىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق سىياسىي دوكلاتىدا يېزىلغان. 
بەش يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، بۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولمىدى. بەش يىل ئىچىدە، مەيلى بىر قىسىم ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى بولسۇن ياكى بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەشكە يېتەرلىك ۋاقتى ۋە بوشلۇقى بار ئىدى. 
لېكىن، ئاز ساندىكى ئۆي-مۈلۈك خوجايىنلىرىدا خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، سىياسەت چوقۇم ئۆزگىرىدۇ، دەپ قارىغان، چۈنكى 20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆي-مۈلۈك تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ ھەممىسىدە ھەر قېتىملىق تەڭشەش-تىزگىنلەشتىن كېيىن، ئۆي-مۈلۈك باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتكەن. ئۇلار يەنىلا ئىنېرتسىيەلىك تەپەككۇر بويىچە «كونا يولدا مېڭىش»تا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق تىركىشىش شەكلىدىكى رادىكال كېڭىيىشنى داۋاملاشتۇردى. (بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

بەزى ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاكتىپ-پاسسىپلىق نىسبىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئېھتىيات سىزىقىغا يېقىنلاشتى، ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان ياخشىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە كۆپ قەرزگە بوغۇلۇپ، يىغىشتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. 
يەنە بىر يوشۇرۇن مەسىلە شۇكى، بىزنىڭ ئاز ساندىكى ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىمىز كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ: «مەن سالغان ئۆينىڭ 30 يىللىق سۈپىتىدە مەسىلە يوق.» دەپ جارسالدى. 
بىزنىڭ ئايرىم مەركىزىي شەھەرلىرىمىزنىڭ ئالتۇن يول بۆلەكلىرىدە سېلىنغان تۇرالغۇ بىنالىرى، خىزمەت بىنالىرىغا قاراڭ، چوڭ بىر پارچە «سەرەڭگە قاپسىمان ئۆي» CBD نىڭ يادرولۇق كوچىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، سىرتقى كۆرۈنۈشى نېپىز ھەم سەت، ئۆينىڭ سۈپىتىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، ئەمما باھاسى يۇقىرى، بۇ مۇۋاپىقمۇ؟ 
بىزنىڭ ئايرىم ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىمىزنىڭ خوجايىنلىرى مۇنبەر ۋە تاراتقۇلاردا ئامېرىكىنىڭ قانداق ئىلغار ئىكەنلىكىنى كەڭ كۆلەمدە تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بازار سۇبيېكتى بولغان كارخانا ۋە كارخانىچىلار نېمە ئۈچۈن ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ يەر مۈلۈك سودىگەرلىرى، بىناكارلىق سودىگەرلىرىگە ئوخشاش ئىستېمالچىلارنى 50 يىل، 70 يىل، ھەتتا 100 يىلدىن يۇقىرى سۈپەتلىك كاپالەتلىك تۇرالغۇ ۋە خىزمەت بىناسى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ؟ 
بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ئويلىنىشقا موھتاج، بۇ ئەلۋەتتە ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىدە ئەڭ جانلىق بولغان ئۆي-مۈلۈك كارخانىچىلىرى، ئالاقە تورى كارخانىچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

داۋامى ئەتىدىكى مەزمۇندا يوللىنىدۇ.

ئاپتورى: ما جى

مەنبە: جېڭخې ئارىلى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى. 

-----

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408