
پۇت-قولنىڭ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك گېن بارماق ئىزى سىزىقچىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە يېتەكچى رول ئوينايدۇ
ئۇزاقتىن بۇيان، كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا بارماق ئىزى پەقەت تېرە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر خىل ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكى دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى، 2018-يىلى دۆلىتىمىز «ئىنسانلار فېنوتىپ گۇرۇپپىسى» خەلقئارا چوڭ ئىلىم-پەن پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل ھاياتلىق ئالاھىدىلىكىگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقاتى ئېلىپ باردى.
فۇدەن داشۆسى بىلەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالاقىدار كوللېكتىپلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئون نەچچە پەن تەتقىقات ئاپپاراتى بىلەن بىرلىشىپ، كۆپ خىل ئىرقتىكىلەرنىڭ بارماق ئىزى سىزىقچىلىرىنى توپلاپ، مىليونغا يېقىن ئىرسىيەت ئورنىنى تەھلىل قىلىپ، ئاخىرىدا پۇت-قولنىڭ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك گېن بارماق ئىزى سىزىقچىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە يېتەكچى رول ئوينايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. بۇ زور نەتىجە 7-يانۋار خەلقئارادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىيولوگىيە ئىلىمى ژۇرنىلى بولغان «ھۈجەيرە» ژۇرنىلىنىڭ 2022-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىندى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ سىجيا مۇنداق دېدى: مەسىلەن بارماقنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەھەتتە، كۈرە شەكىللىك سىزىقچىلىرى كۆپ بولغان كىشىلەرنىڭ بارمىقى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ، بىز پۇت-قولنىڭ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك گېنلارنىڭ بارماق ئىزى پەرقىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم بايقىدۇق.
تۇغما كېسەلنى بالدۇر بايقاش، ئادەم بەدىنىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم قىممەتكە ئىگە
بارماق ئىزىنىڭ گېن شىفىرىنى تۇنجى قېتىم يېشىش نەزەرىيە نەتىجىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنسانلارنىڭ فېنوتىپ گۇرۇپپىسى تەتقىقاتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئادەم بەدىنىنىڭ تاشقى ئالاھىدىلىكى ۋە ئىرسىيەت گېنىنى تەتقىق قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى تۇغما كېسەللىكنى بالدۇر بايقاش، ئادەم بەدىنىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەسپىي بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە زور قىممەتكە ئىگە، نۆۋەتتە پەن تەتقىقات كوللېكتىپى داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قوللىنىش ساھەسىدىكى ئەمەلىي تەتقىقاتنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.
ۋاڭ سىجيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دوۋن يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنى مىسالغا ئالساق، ئەگەر بىر بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تېرىسىدىكى سىزىقچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرگەندە، بۇ بوۋاقنىڭ دوۋن يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىغا %98 ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. نۆل ياش ۋاقتىدا بايقاش بىلەن ئىككى ياش ۋاقتىدا بايقاشنىڭ ئارىلىشىش ئۈنۈمىگە بولغان تەسىرىدە چوڭ پەرق مەۋجۇت بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق بىمارنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىدا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدىغان-چىقالمايدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ.
2021-09-13
2021-09-04
2021-09-03
2021-09-02
2020-12-23
2020-12-23
2020-12-21
2020-12-20
2020-12-19
2020-12-26
2021-08-13
2021-08-13
2021-08-28
2021-09-08
2021-09-11
2021-09-17
2021-09-18
2021-09-19
2021-09-20
2021-09-21
2021-09-23
2021-09-24
2021-09-25
2021-09-26
2021-09-28
2021-09-29
2021-10-03
2021-10-03
2021-10-04
2021-10-06
2021-10-09
2021-10-09
2021-10-10
2021-10-11
2021-10-13
2021-10-13
2021-10-14
2021-10-15
2021-10-16
2021-10-16
2021-10-17
2021-10-20
2021-10-21
2021-10-21
2021-10-23
2021-10-24
2021-10-26
2021-10-26
2021-10-27
2021-10-30
2021-10-31
2021-11-01
2021-11-03
2021-11-06
2021-11-07
2021-11-10
2021-11-11
2021-11-18
2021-11-22
2021-12-04
2021-12-06
2021-12-06
2021-12-26
2021-12-25
2022-01-04



