大数跨境

شيامېننىڭ ئۆي-مۈلۈك بېجىنىڭ قانچىلىك ۋەزىنى بار؟

شيامېننىڭ ئۆي-مۈلۈك بېجىنىڭ قانچىلىك ۋەزىنى بار؟ Nepkar
2022-01-29
2
导读:ئىش مۇشۇنداق، لېكىن بۇنداق چوڭ ئىشنى، بۇنداق سورۇن ۋە ۋاقىتنى، مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئېلان قىلىش توغر

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، پۈتۈن ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ئۆي-مۈلۈك بېجىدىن قورقۇپ كەتتى.
شيامېن شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى «2021-يىللىق شيامېن شەھىرىنىڭ ئۆي-مۈلۈك تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتى ئانالىزى»نى ئېلان قىلىپ، «ئۆي-مۈلۈك بېجى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ شيامېنغا ماكانلىشىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كەچقۇرۇن بولغاندا، بۇ خەۋەر ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدىن ئېلىپ تاشلاندى. كونا ئوقۇرمەنلەرگە ئايان، شيامېن بۇلتۇر 9-ئايدىن بۇرۇن، تەخمىنەن ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يۇقۇرىغا ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىلتىماسىنى سۇنغان.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 10-ئايدا گوۋۇيۈەنگە ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ھوقۇقى بەردى.
مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، مۇددەتتىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرغان شيامېن چوڭ ئېھتىماللىقتا جۇڭگودىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆي-مۈلۈك بېجى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان شەھەر بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى قەدەمدە، پۈتكۈل فۇجيەننىڭ ئۆي-مۈلۈك بېجى باشقا ئۆلكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ئىش مۇشۇنداق، لېكىن بۇنداق چوڭ ئىشنى، بۇنداق سورۇن ۋە ۋاقىتنى، مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئېلان قىلىش توغرا ئەمەس.
شۇ سەۋەبتىن ھۆججەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.


بۇ خۇددى بۈگۈنكى تاماشا چەمبىرىكىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەرگە ئوخشايدۇ، خۇاڭ شياۋمىڭ بىلەن ياڭ يىڭنىڭ ئاجرىشىش توغرىسىدىكى سۆز-چۆچەكلەر تارقالغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، قىزىق نۇقتا ئىزدەشلىرىمۇ بىر نەچچە قېتىم ئېلىپ تاشلىنىپ تاكى ئىچكى قىسىمدىكى مال-مۈلۈك ھېساباتى ئېنىقلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي ئېلان قىلىندى.
گەرچە ئامما نەچچە يىل ئىلگىرىلا، بۇ ئىشنىڭ باش-ئايىغىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېسابات ئېنىق بولۇشتىن ئىلگىرى، دەۋالاشقۇچىلار بۇنى پەقەت ئىنكار قىلىپلا كەلگەن ئىدى.
قانداقلا بولمىسۇن، تاماشا چەمبىرىكىدىكى باشلامچى ئېقىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى ئادەمنىڭ 50 نەچچە شىركىتى بار، ئۆي-مۈلۈك سانىمۇ ئاز ئەمەس، ئاجرىشىش كېلىشىمى ئىككى شىركەتنىڭ مۈلۈكنى قايتا تەشكىللىشىدىن قېلىشمايدۇ.
ئوخشاشلا، ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىش پىلانچانلىقى ئالاھىدە كۈچلۈك خىزمەت بولۇپ، ئۆي-مۈلۈك ئەھۋالىنى ئېنىق تەكشۈرۈپ، ھەربىر ئادەم، ھەربىر ئائىلىدە زادى قانچىلىك ئۆي-جاي بارلىقىنى ھەمدە ھەربىر كورپۇس ئۆي-مۈلۈكنىڭ باھاسى ۋە كۆلىمىنى بىلگەندىلا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، مۇۋاپىق باج ئېلىش دائىرىسى ۋە قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.
باج ئېلىش دائىرىسى ياخشى تەڭشەلمىسە، كېلىپ چىققان داۋالغۇش مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
بۇمۇ نېمە ئۈچۈن بۇ خەۋەرنى ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىدىكى سەۋەب.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، باجنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن دائىم بەلگىلىك كۆپچىلىك پىكرى مۇھىتى بولۇشى كېرەك، مەسىلەن، كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن فەن بىڭبىڭ، جېڭ شۇاڭ بولۇشى كېرەك، بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسپىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن شۆ لى، ۋېي يا بولۇشى كېرەك، ھەتتا ئاپپارات مەغلۇپ بولسا ۋە ئەرلەر پۇتبولچىلىقى ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولسا، خۇاڭ شياۋمىڭ بايرامدىن بۇرۇن ئاجرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەك....
بۇ چاغدا ئىككى يىغىن تېخى باشلانمىغان، كۆپچىلىك پىكرى قىزغىنلىقى تېخى كۆتۈرۈلمىگەن بولۇپ، شيامېننىڭ بۇ ۋاقىتتا C ئورۇننى تالىشىشغا ماس كەلمەيتتى.
ئەڭ ئاخىرىدا ئەل ئارىسىدا ئومۇمەن بۇنىڭ ئىقتىسادقا تەسىرى بولىدىغانلىقى ئاساسى پىكىر ئېقىمى بولغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئارتۇقچە، ئۆي-مۈلۈك بېجى ئالدى بىلەن ئېلىنىدىغان شەھەرلەر باشقا شەھەرلەردىكى ئۆي-مۈلۈكلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بولىدۇ.
شيامېن ئارىلىدىكى 50 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى ئۆي باھاسىغا ئاساسەن، سېتىۋالالايدىغان ئاساسىي كۈچ، بىر بولسا خۇاڭ شىياۋمىڭغا ئوخشاش كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان، ياكى ياڭ يىڭغا ئوخشاش چىرايلىق بولۇپ، ئىككى مىڭ دوللار خەجلەپ ئۆي سېتىۋېلىشنى خالايدىغان ئۆي ئىگىلىرى، يەنە ئىككى مىڭ يۈەننى ئارتۇق خەجلەشكە پەرۋا قىلمايدۇ.


خۇددى روللىس رويىس بىلەن مېرسىدىس ھەيدەپ ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇش جەھەتتە مازىدا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەقىقەتەن ئەقىل بۆلۈنمىسى بېجى تاپشۇرغانغا ئوخشايدۇ. لېكىن پۇلدارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مازىدانىڭ كەسىپداشلىرى ئىچىدىن ئۈزۈپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئۇلار ھەمىشە بۇ خىل ئابرۇيغا مۇناسىۋەتلىك ئەقىل بۆلۈنمىسى بېجىنى تۆلەشنى خالايدۇ.


ياكى باشقىچە نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۆي-مۈلۈك بېجىنىڭ كەلگۈسىدە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاقما ھېساباتقا تايىنىپ تاڭ چېننىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ بېجىنى كۆتۈرەلەيدىغان شاڭخەيلىك تاغىنىڭ چوقۇم پۇل قەرز ئېلىپ بېنز لوخۇغا ماي قاچىلاپ ھەيدەيدىغان شەرقىي شىمال ئاتامىنىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەمەلىي كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچى بار. (ئەگەر بۇ بۆلەكنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز، توردىن مۇناسىۋەتلىك 汤臣一品豪宅税 ۋە 借钱给奔驰路虎加油的东北大哥 غا مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى ئىزدەپ كۆرۈڭ.--نەپكاردىن.)
گەرچە قىسقا مۇددەتلىك ئۆي-مۈلۈك بېجى ئۆي باھاسىغا تەسىر كۆرسەتسىمۇ، ئەمما ئۆي-مۈلۈك بېجىنىڭ مەملىكەت بويىچە پەلەمپەيسىمان يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئالدى بىلەن يولغا قويۇلغان شەھەرلەر ھەمىشە باھا بېكىتىش ھوقۇقى ۋە سىفون ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ، مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇلسا نۇرغۇن ئۆي-مۈلۈك ئىگىلىرى قالاق رايونلاردىكى ئۆيلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆكمە قىلىپ سېتىپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ بازار قىممىتىنىڭ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
تېخىمۇ مۇھىمى، شيامېننىڭ نېمە ئۈچۈن ئاۋۋال نۇقتىدا سىناق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندىلا، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شيامېن بىلەن فۇجيەن بەش، ئالتە يىل ئىلگىرىكى خاڭجۇغا ئوخشاش بىر قاتار سىياسەت جەھەتتىكى قوللاشلارنى كۈتۈۋالىدۇ، دېگەننى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييالاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408