搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
سىزدە 50 مىڭ نەق پۇل بارمۇ؟ ئۇنداقتا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ!
>
سىزدە 50 مىڭ نەق پۇل بارمۇ؟ ئۇنداقتا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ!
Nepkar
2022-02-01
1
导读:3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شەخسلەر 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل ئالسا ۋە قويسا بۇ ھەقتە يېڭى بەلگىل
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شەخسلەر 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل ئالسا ۋە قويسا بۇ ھەقتە يېڭى بەلگىلىمە چىقتى
سىزدە 50 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ياكى چەت ئەل پۇلى قىممىتى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى نەق پۇل بارمۇ؟ ئۇنداقتا دىققەت قىلىڭ.
مۇشۇنچىلىك پۇلغا، يەنە نېمىگە دىققەت قىلىسىز؟
بىر قانچە پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرى بىرلىشىپ بىر ھۆججەت تارقاتتى، بۇ ھۆججەتنىڭ ئىسمى «پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى مۇئامىلىدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالى ھەم سودا خاتىرىسىنى ساقلاشنى باشقۇرۇش چارىسى» بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت پۇل يۇيۇش ۋە تېررورلۇق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى مۇئامىلىدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەكشۈرۈش، مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالى ۋە سودا خاتىرىسىنى ساقلاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قوغداشتىن ئىبارەت.
بۇ ھۆججەت جەمئىي 52 ماددا، لېكىن ئادەتتىكى پۇقرالار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ ھالقىلىق بولغان قىسمى 10-ماددا بولۇشى مۇمكىن.
10-ماددىسىدا: «سودا بانكىسى، يېزا ھەمكارلىق بانكىسى، يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى، كەنت-بازار بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەبىئىي شەخس مۇئامىلىدارلىرى ئۈچۈن 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ياكى چەت ئەل پۇلى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغان نەق پۇل قويۇش-ئېلىش كەسپىنى بىجىرگەندە، چوقۇم خېرىدارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش، پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن.
ئونىنچى ماددىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز سىزنىڭ مەبلەغ مەنبەيىڭىز ۋە ئىشلىتىش ئورنىڭىزنى سۈرۈشتە قىلىش.
مەسىلەن، بېيجىڭدىكى ئالىم (ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىسىم) بېيجىڭ ئاكسىيە بېرژىسىدا يېڭى پاي چېكى سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولسا، مەبلەغ ھېساباتىدىكى پۇل 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن ئالىم سودا-سانائەت بانكىسىغا بېرىپ 100 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئالماقچى، بانكا خىزمەتچىلىرى ئالدىمدىن بۇ 100 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى ئېلىپ نېمە قىلىسىز؟ سىز بۇ پۇلنى قانداق تاپقان؟ دەپ سورايدۇ.
بېيجىڭلىق ئالىم 100 مىڭ يۈەن پۇلنى بېيجىڭ ئاكسىيە بېرژىسىنىڭ يېڭى پاي چېكىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، بانكا خىزمەتچىسى ئالىمدىن يەنە بۇ 100 مىڭ يۈەننى قانداق تاپقان؟ دەپ سورايدۇ.
ئالىم: «بۇ 100 مىڭ يۈەن 2008-يىلى بېيجىڭدىن بىر ئۆي سېتىۋالغان ئىدىم، كېيىن ئۆينىڭ باھاسى ئۆسۈپ سېتىۋەتتىم، شۇ ئۆينى ساتقاندا تاپقان پۇل.» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
بانكىغا بېرىپ نەق پۇل ئېلىشلا ئەمەس، ئاكسىيە شىركىتىدە پاي چېكى مەشغۇلاتى قىلغاندىمۇ ئاكسىيە شىركىتى مۇئامىلىدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ ھەم مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيىتىگە دائىر ئاساسىي ئۇچۇرلارنى تىزىملايدۇ.
سۇغۇرتا ھەققى سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ياكى چەت ئەل پۇلى قىممىتى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغان مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى توختامى ۋە ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى قاتارلىق جىسمانىي سۇغۇرتا توختاملىرىدا سۇغۇرتا شىركىتى خېرىدارلار بىلەن سۇغۇرتا توختامى تۈزگەندە، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى، مەنپەئەتدارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تىزىملايدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، مەيلى قايسى خىل پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق پۇلنى ئاغدۇرۇش بولسۇن، ھەممىسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ نازارەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، ئۆي-مۈلۈك رەنىلىك قەرزى، كەڭ كۆلەملىك نەق پۇل سودىسى، مەبلەغنى قائىدىگە خىلاپ ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ، بۇ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىقلاردا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408