搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
قېيىن ئانا بىلەن بالىدىن كىم ئۆي سېتىۋېلىشقا تۈرتكە بولىدۇ؟
>
قېيىن ئانا بىلەن بالىدىن كىم ئۆي سېتىۋېلىشقا تۈرتكە بولىدۇ؟
Nepkar
2022-02-22
1
导读:ئەمەلىيەتتە، قېيىن ئانىنىڭ ياخشى كۈيئوغۇل تېپىشى، بىر يۈرۈش ئۆيى بولغاندىنمۇ مۇھىم...
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئۆي باھاسى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆي باھاسى تۆت ھەسسىدىن كۆپرەك ئۆسكەن، بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى تېخىمۇ تېز ئۆسكەن، بەزى يادرولۇق رايونلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆي باھاسى ھەتتا 20 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. بۇ مەزگىلدە، ئىككى خىل ئالاھىدە نۇقتا بارلىققا كېلىپ، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش-چۈشۈشىگە ھۆكۈم قىلىندى.
بىرىنچى خىلى، «قېيىن ئانا ئېففېكتى»
پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېيىن ئانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆي ئۇنىڭ قىزىنىڭ كەلگۈسىدە بەختلىك بولۇش-بولماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر بەلگە، ئىلگىرى توردا: «توي قىلغاندا ئۆي سېتىۋالمىساڭ، مېنى قېيىن ئانا دەپ خام خىيال قىلما!» دېگەن گەپ بار ئىدى. گەرچە گەپ قىسقا بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدا قېيىنئانىنىڭ قىزى توي قىلغاندا ئۆيى بار-يوقلۇقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بىر يۈرۈش ئۆيىنىڭ بار-يوقلۇقى ياش ئوغۇل-قىزلارنىڭ توي قىلىشىدىكى زۆرۈر شەرت بولۇپ قالدى. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، مەملىكەت بويىچە ئاران %18 قېيىن ئانا قىزى بىلەن كۈيئوغلىنىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىپ توي قىلىشىنى قوبۇل قىلالايدىكەن. نۇرغۇن قېيىنئانا كۈيئوغلىنىڭ چوقۇم بىر يۈرۈش ئۆيى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا «ئۆي باھاسىنى قېيىنئانىلار ئۆستۈرۈپ قويىدۇ.» دېگەن گەپ كېلىپ چىقتى.
ئىككىنچى خىلى، «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نەزەرىيەسى»
بۇ نەزەرىيەدە، مەلۇم شەھەردىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشتا بۇ شەھەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سانىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراش كېرەك. نېمە ئۈچۈن قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ئەمەس، بەلكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارايمىز؟
سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي: قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئېقىشچانلىقى چوڭ، مەسىلەن، ھەر يىلى يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن نۇرغۇن ياشلار بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىدۇ، چۈنكى ئۆي ئىجارىسى يۇقىرى بولۇش، نوپۇسقا ئېلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر نۇرغۇن ياشلارنى مەجبۇرىي قايتۇرغۇزۇۋېتىدۇ. لېكىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوخشىمايدۇ.
بىر كىچىك دوست، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئالتە يىل، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالتە يىل، ئاز دېگەندە 12 يىل، ئاساسىي جەھەتتىن بىر شەھەردە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ كەينىدە بىر ئائىلە بولىدۇ، ئائىلە بولسا ئۆي سېتىۋېلىشتىكى ئاساسىي كۈچ. بولۇپمۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇشى، ياخشى تەربىيە ئېلىشى، ئۆي سېتىۋېلىپ نوپۇسقا ئالدۇرۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ياكى ئەسلىدە ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن كىچىك ئۆيدە ئولتۇرسىلا بولاتتى، ھازىر بالا بېقىش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ ئۆي سېتىۋېلىشنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قارىغاندا، «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نەزەرىيەسى»نىڭ يەنىلا ئاساسى بار.
مەيلى قېيىن ئانا بولسۇن ياكى بالا بولسۇن، ئۆي باھاسى نېمىشقا ئۆسىدۇ؟ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بىرىنچىدىن، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، شەھەرگە ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كىرىدىغان نوپۇس ئۆي باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئېچىشقا بولىدىغان يەر بارغانسېرى ئازلاپ، ئېچىش تەننەرخى ئېشىپ، ئۆي باھاسىمۇ تەبىئىي ھالدا شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە، قېيىن ئانىنىڭ ياخشى كۈيئوغۇل تېپىشى، بىر يۈرۈش ئۆيى بولغاندىنمۇ مۇھىم، چۈنكى كۈيئوغۇل كەلگۈسىدە تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولىدۇ. ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى ياشلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى. جۇڭگومۇ بۇنىڭدىن يىراق ئەمەس. بالىلىق بولغاندىن كېيىنمۇ ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرىدىغان ئائىلىلەر دۇنيادا ناھايىتى كۆپ. شۇڭا، بىر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى بولغاندا ئاندىن ئۆي سېتىۋالسىمۇ كېچىكمەيدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
مەنبە: «خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ» ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0