大数跨境

تور قەرزلىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ۋە قەرز ئېلىش تەننەرخى

تور قەرزلىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ۋە قەرز ئېلىش تەننەرخى Nepkar
2022-02-13
1
导读:شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، توردىن قەرز ئالمىسىڭىز، سىزنىڭ مالىيە باشقۇرۇشىڭىزنىڭ يېرىمى مۇۋەپپەقىيەتلى

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
بۇلتۇر 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، مەركىزىي بانكا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قەرز پۇل بازىرىنىڭ رىقابەت تەرتىپىنى قوغداش، پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، بارلىق قەرز مەھسۇلاتلىرىدا يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئېنىق كۆرسىتىش ھەمدە ئەلئارا ئېلىم-بېرىمدا پايدىلىنىش ئېلانى بويىچە ئىجرا قىلىشقا ئىلھام بېرىش كېرەك، دەپ بەلگىلىگەن ئىدى.
ئۇنداقتا، بىر قانچە چوڭ ئالاقە تورى سۇپىسى مەركىزىي بانكىنىڭ تەلىپى بويىچە قەرز ئالغان مەھسۇلاتنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئېنىق كۆرسىتەمدۇ؟ بىز تېلېفوننى ئېچىپ، ئىزدەپ باقايلى! 

خۇابېينىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %12.68
بارلىق ئالاقە تورى كىرېدىت مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە، خۇابېينىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، نۇرغۇن ياشلار خېلى بۇرۇنلا كىرېدىت كارتىسى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىپ، خۇابېينى ئىشلىتىشكە باشلىغان. 
يانفوندىكى كۆرسەتمىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر خۇابېينى ئىشلىتىپ مۇددەتكە بۆلسە، ئومۇمىي ھەق نىسبىتى %7 بولىدۇ، بۇ ھەق نىسبىتى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟ كىم بىلىدۇ؟ ياخشى يېرى خۇابېي يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن، يەنى %12.68، بۇ سېلىشتۇرما ئومۇمىي ھەق نىسبىتى %7 تىن كۆپ يۇقىرى. 

جېبېينىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، %14.6 بولغان. بىراق، جېبېي ئۆسۈم نىسبىتىنى ئېنىق كۆرسىتىش جەھەتتە خۇابېيدىن ياخشى بولۇپ، يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە كۈنلۈك ئۆسۈم نىسبىتىنى يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاش فورمۇلىسىنىمۇ تەمىنلىگەن. 


ۋېيشىن قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى يۇقىرى، خېتى ناھايىتى كىچىك
تېڭشۈن بايرىقى ئاستىدىكى ۋېيشىن قەرزىمۇ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %16.425 كە يەتكەن، كېيىن يەنە بىر جۈملە «1000 يۈەنگە بىر كۈندە پەقەت 0.45 يۈەن كېتىدۇ!» دېگەننى ئۇنتۇپ قالمىغان. 
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر سىز تەپسىلىي قارىمىسىڭىز، بۇ كىچىك خەت بەلكىم نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى مۇمكىن (ۋېيشىن قەرزى خېتى ئاستىدىكى كىچىك خەت)، كۆرسىتىلگىنى ئاساسلىقى قەرز پۇل سوممىسى ۋە «بىر يۈەن قەرز ئېلىپ سەككىز يۈەن قىزىل بولاق ئېلىش» ئېلانى. ھەممىسى بابلاش تاكتىكىلىرى.


بەيدۇ قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى نىسبەتەن تۆۋەن 
«خۇابېي»، «جېبېي» ۋە «ۋېيشىن قەرزى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بەيدۇ قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى «ۋىجدانلىق»راق، كۈندىلىك ئۆسۈم نىسبىتى %0.029، يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %10.44، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەدەر ئېنىق كۆرۈنىدۇ، بەلكىم بەيدۇ قەرزى «تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتى»نى ئاساس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. 



جىڭدۇڭ بەيتىياۋ جازانىخورلۇققىلا ئوخشايدۇ 
ئەڭ ئاخىرىدا، بىز يەنە جىڭدۇڭ بەيتىياۋنى كۆرۈپ باقايلى. جىڭدۇڭ بەيتىياۋ خۇابېي بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرىدىغان مەھسۇلات، بىراق، ئاساسلىق كۆرسىتىش بېتىدە، بەيتىياۋنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى كۆرسىتىلمىگەن، ھەتتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۈنلۈك ئۆسۈم نىسبىتىمۇ كۆرسىتىلمىگەن. 
پەقەت نەق پۇل ئېلىش سوممىسىنى چېكىپ، قەرز ئېلىش بېتىگە كىرگەندىلا، ئاندىن ئۆسۈم نىسبىتى سانلىق مەلۇماتى كۆرۈنىدۇ. يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %23.275 كە يېتىپ، LPR ئۆسۈم نىسبىتىدىن تۆت ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. 


چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، يۇقىرىقى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئالاقە تورى سۇپىسى شەخسنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن بېرىدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئوخشاش بولمىسا، ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيەسىدىمۇ خېلى چوڭ پەرق بولىدۇ. 

ئاسان قەرز ئالغىلى بولىدىغان پۇلنى ئىمكانبار ئالمىغان ياخشى
توردا قەرز ئېلىشنىڭ پايدىسى شۇكى، قەرز ئېلىش رەسمىيىتى قولايلىق، قەرز بېرىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ. ئىلگىرى، نۇرغۇن ياشلار قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى بىلمىگەچكە، خاتا ھالدا قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن دەپ قاراپ، قەرز قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتكەن. 
ھازىر، ھەرقايسى ئالاقە تورى سۇپىلىرى يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، كۆپچىلىك تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيدۇ، تور قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئاساسىي ئۆتكەن يىلدىكى ئۆسۈم نىسبىتى %10 تىن يۇقىرى. بۇنداق يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى كۆپ ساندىكى فوندنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پايدا نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتتى، قەرز قانچە كۆپ بولسا، مال-مۈلۈك زىيىنى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. 
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، توردىن قەرز ئالمىسىڭىز، سىزنىڭ مالىيە باشقۇرۇشىڭىزنىڭ يېرىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. پەقەت ئامالسىز قالمىسىڭىزلا، ئاسان قەرز ئالغىلى بولىدىغان پۇلنى ئىمكانبار كۆپ ئالماسلىق كېرەك. 
ئەگەر سىزنىڭ مالىيە جەھەتتىكى سوئالىڭىز بولسا، بىزنىڭ ئىقتىساد ئۆگىنىش مۇلاھىزە توپىمىغا كىرىپ بىزگە سۆز قالدۇرۇڭ، بىز سىزگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم قىلىمىز.

 مەنبە: مالىيە ئىشلىرى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0