大数跨境

نېفىت ئاتامانلىرىمۇ باج تۇلۇقلايدىغان بولدى!

نېفىت ئاتامانلىرىمۇ باج تۇلۇقلايدىغان بولدى! Nepkar
2022-01-21
3
导读:ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئەسلىدە ئېغىر باج ئېلىنىدىغان كەسىپلەر بەزى شەخسلەرنىڭ ھەميېنىغا ئايلىنىپ قالدى


تۈنۈگۈن، جۇڭگو نېفىتى گۇرۇھى شىركىتىدە چوڭ خەۋەر تارقالدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بايقىغان، 2006-يىلى 6-ئايدىن بۇيان، جۇڭگو نېفىتى تەبىئىي گاز، يېقىلغۇ شىركىتىنىڭ جەمئىي 115 جايدىكى نېفىت تاۋلاش كارخانىسى 180 مىليون توننىغا يېقىن نېفىتنى ھايىنىغا ساتقان، بۇ مەزگىلدە جۇڭگو نېفىت گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان.
گەرچە خەۋەر كاپىتال بازىرىنى قورقۇتۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما سالونىمىزنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەمەلىيەتتە نېفىتتىكى ئۈچ ماگناتقا پايدىلىق ئەھۋالدۇر.
مۇنتىزىم ئارمىيە مەيدانغا كىرگەندە دائىم ئالدى بىلەن باندىتلارنى يوقىتىدۇ.
خەۋەر ئېلان قىلىنىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئالتە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى جۇڭگونى كوللېكتىپ زىيارەت قىلدى، بىز پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىدىكى دۆلەتلەر ۋە ئىران بىلەن بىر قاتار ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق.
ئۇلار ئېلىپ كەلگەن تورتتىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا، ئوغرىلىقچە توخۇ تۇتۇپ، ئىت ئوۋلايدىغان كارخانىلارنى سەمرىتىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا، چوقۇم بىر نۆۋەت زەربە بېرىش كېرەك.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خەۋەرنىڭ تارقىلىشى نېفىتنىڭ پەقەت باشلىنىش ئىكەنلىكىدىن، بۇ يىل بايلىق مونوپول ئاپپاراتلىرىغا باج تۇلۇقلاش رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، تېخنىكا جەھەتتىن پەلەمپەيسىمان باج نىسبىتىنى يولغا قويۇش قىيىن بولغاچقا، كۆپىنچە تۇز، تۆمۈر بېجى ئەندىزىسى ئارقىلىق باجنى باھاغا يوشۇرۇپ، نۇرغۇن بايلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئىگە كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ باج تاپشۇرغۇزۇشقا ئادەتلەنگەن.
مەسىلەن، «تۆمۈر بېجى»دىكى بېنزىن ۋە «تۇز بېجى»دىكى ماۋتەينىڭ ئۇنىۋېرسال باج نىسبىتى %45 ئەتراپىدا بولۇپ، شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ يۇقىرى چېكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، لايىھەدىكى دەسلەپكى مەقسەت بايلارنى كەمبەغەللەرگە يۆتكەپ چىقىم قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
لېكىن، بەزىلەر ھامان پۇرسەتپەرەسلىك قىلماقچى بولىدۇ.
بۇ مونوپول ساھەلەرنىڭ تىزگىنلىگۈچىلىرى خۇددى يۇقىرى ئېقىمدىكى بىۋاسىتە تارقىتىش تور سودىگەرلىرىگە ئوخشاش، بىر دۆۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى قۇرۇپ، ئەسلىدە ئېغىر باج ئېلىشقا تېگىشلىك باشلامچى كارخانىلارنى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك بۆلۈپ سېتىش توختامى ئارقىلىق پارچىلاپ يەرلىك باج ياردىمىدىن بەھرىمەن بولىدىغان «كىچىك، مىكرو كارخانىلار»، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان «يەر ئايرىش زاۋۇتى» ۋە «سېتىش دۇكىنى» ئارقىلىق، ھۆكۈمەتنىڭ باج ئېلىش مېخانىزمىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ بېجىنى تالان-تاراج قىلىدۇ.
نەتىجىدە، بازاردا ئۈچ مىڭ يۈەندىن سېتىلغان ماۋتەي ھارىقى، ماۋتەي زاۋۇتىنىڭ سودىگەرلەرگە سېتىپ بەرگەن باھاسى مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ، بازاردا يەتتە يۈەندىن سېتىلغان بېنزىن، تۆت يۈەنلىك باھادا توپ سېتىلىدۇ.


بۇنىڭ ئىچىدىكى غايەت زور باھا پەرقى، ئېقىپ كەتكەن باج مەنبەسىدۇر.
ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئەسلىدە ئېغىر باج ئېلىنىدىغان كەسىپلەر بەزى شەخسلەرنىڭ ھەميېنىغا ئايلىنىپ قالدى، ئەسلىدە قاتتىق باشقۇرۇشقا تېگىشلىك «نورما»لار ئاز ساندىكى مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتتى.


بۈگۈن ئۆيگە قايتىش يولىدا، «ئوغلىنى ئىزدەۋاتقان ئىشلەمچى» دېگەن خەۋەرنى كۆرۈپ، ماشىنىدا يىغلىۋەتتىم.
تەسىرلىنىش ۋە غەزەپلىنىشتىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ كۆپچىلىك مۇلازىمىتى كەمچىل بولۇش ئۈستىدە ئويلىنىشنىڭ كەينىدە، كاللامدا پەيدا بولغىنى بولسا تۈنۈگۈنكى نېفىتكە زەربە بېرىلگەن خەۋەر ئىدى.
«ئەڭ ئالدىراش ئىشلەمچى»لەردىن دالىدا ماي تاۋلىغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولۇپلا قالماي، يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ بولسا ماۋتەي سودىگەرلىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكىلەرنىڭ بىرى ئىدى. (بىرىنچىسى، گۇيجۇ ئۆلكىسى.)
بۇ مەنپەئەت گۇرۇھلىرى توپلىغان غايەت زور بايلىق گەرچە ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەرنى پايدىغا ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەتكە تەۋە باج مەنبەسى بارغانسېرى ئازلاپ، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىغا تەمىنلەيدىغان كۆپچىلىك مۇلازىمىتىمۇ بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ، ئاخىرىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ «ئوغلىنى تاپالماسلىق»تەك تىراگېدىيە پەيدا قىلىدۇ.
ھەتتا يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا بىر تەرەپ قىلىش ۋە تاقابىل تۇرۇشىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، قارىماققا ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى بىلەن بەسلەشكەندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن يىلتىزىدىن ئېلىپ ئېيقاندا، ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە كۈچى سەۋىيەسىنىڭ بەسلىشىشىدۇر، سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق نۇرغۇن شەھەرلەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇياتچان لاتىسىنى ئېچىپ تاشلىدى، ھەقىقىي 1-، 2-، 3-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پەرقى چوڭايدى.
تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى كۆپچىلىك مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ كۆپ باج مەنبەسىنى ئېچىش، ھۆكۈمەتنىڭ باج مەنبەسىنى ئىگىلىۋالغان مەنپەئەت گۇرۇھىنى كۆچۈرىۋېتىش كېرەك.
شۇڭا، ماۋتەينىڭ ئەڭ مۇھىم بالا شىركىتى ماۋتەي سېتىش شىركىتى يەر تەۋرەشنى كۈتۈۋالدى، 2006-يىلىدىن بۇيان جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى «باج ئىشلىرى پىلانى»غا تايىنىپ 115 جايدىكى تاۋلاش شىركىتىمۇ سۆرەپ چىقىلدى. 
ئوتتۇرا شەرقتىكىلەر كېلىپ باج تاپشۇردى، دۆلىتىمىزدىكى ئاشۇ پۇرسەتپەرەس ماي زومىگەرلىرى قېچىپ كېتىشنى تېخىمۇ ئويلاشمىغاي، ھەتتا كۆمۈر، ئاليۇمىن، پولاتتىن تارتىپ ئېغىر، يېنىك، سىيرەك يەر قاتارلىق تۈرلۈك بايلىقلارغىچە، بىۋاستە كۆرسىتىش چوڭ V لار بىلەن بىرلىكتە باج تولۇقلاش ۋە جەرىمانە تۆلەش، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قەرز (تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج)نىڭ ھەممىسىنى قۇسۇپ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. 
ئۇلار (يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان باج تولۇقلاش ئوبيېكتلىرى) يىغلىسا، ئىشلەمچىلەر يىغلىمايدىغان بولىدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى. 
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408