大数跨境

تور قەرزىنى 10 قېتىم چەكسىڭىز زىيىتى قارا تىزىملىكتىن چوڭ!

تور قەرزىنى 10 قېتىم چەكسىڭىز زىيىتى قارا تىزىملىكتىن چوڭ! Nepkar
2022-02-18
0
导读:كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپچىلىك ھەر قايسى چوڭ يۇمشاق دېتاللاردا دائىم مۇنداق ئېلانلارنى كۆرىدۇ...
يېقىندا بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇ تۈنۈگۈن مۇنداق بىر ئەھۋالغا يولۇقتۇم دەيدۇ: 
خېرىدار 30 ياشتىن ئاشقان، قەرز ئېلىپ ماشىنا سېتىۋالماقچى بولغان. خىزمىتى مۇقىم، بانكا ئوبورتىمۇ ياخشى، كرېدىت كارتىسىدىكى خاتىرىلەرنىڭ ھەممىسى نورمال، نامىدىمۇ قەرز يوق. 
بۇ خىل ئەھۋالدا ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا مەسىلە يوق، ئەمما ئىناۋەت دوكلاتىنى بېسىپ چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئىناۋىتىنىڭ ئىنتايىن نورمال ئەمەسلىكىنى بايقىغان. تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن قىسقىغىنە يېرىم يىلدا، سۈرۈشتۈرۈش خاتىرىسىدە 40 قېتىمدىن ئارتۇق ھەر خىل كىچىك قەرز شىركەتلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش خاتىرىسى بارلىقىنى بىلگەن. 

دوستۇم دەرھال بۇ خېرىدارغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇنىڭدىن بۇنىڭ قانداق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ تور قەرز شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈش خاتىرىسى بارلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن. 
ئەسلىدە بۇ خېرىدار ئادەتتە زېرىكىشلىك چاغلاردا دوۋيىن بىلەن ھېكايە ئەپلىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن، دائىم قەرز ئېلىش ئېلانلىرى چىقىۋالىدىكەن، گەرچە ئەينى چاغدا قەرز ئېلىش ئېھتىياجى بولمىسىمۇ، ئەمما قىزىقىش ئىچىدە ئۆزىنىڭ بۇ سۇپىلاردىن قانچە پۇل قەرز ئالالايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ، چېكىپ كىرىدىكەن. ئۇ سەبىيلىك بىلەن پەقەت تەكشۈرۈپ باقتىم، ماتېرىيال تولدۇرسام ھېچ ۋەقەسى بولماس، يا قەرز ئالمىسام دەپ ئويلاپتۇ. 
ئەمما، ھەر قېتىم چەككەندە، توردا قەرز بېرىدىغان شىركەتلەر ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى بىر قېتىم سۈرۈشتۈرگەن، مۇشۇ يېرىم يىلدا 40 نەچچە قېتىم ئىناۋەت تەكشۈرۈش خاتىرىسى خاتىرىلەنگەن.
ھازىر بۇ خېرىدار ناھايىتى پۇشايمان قىلغان، ئۆزى پەقەت يېڭىلىققا قىزىققان، ئەمما ئۆزىگە بۇنداق چوڭ ئاۋارىچىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن، ئاپتوموبىل قەرز پۇلى چۈشمىسە، ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش پىلانى توختاپ قالىدۇ. 
كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپچىلىك ھەر قايسى چوڭ يۇمشاق دېتاللاردا دائىم مۇنداق ئېلانلارنى كۆرىدۇ: 

«پەقەت كىملىك بولسىلا، 200 مىڭ يۈەن سېكۇنت ئىچىدە ھېساباتقا كىرىدۇ؛ 500 كۈنجۈت نومۇرى بولسا، 50 مىڭ يۈەن قەرز ئالغىلى بولىدۇ» ... 
بۇ خىل ئېلانلارنى جەلپ قىلىش كۈچى يوق دېيىشكە بولمايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ئېلانلارنى كۆرگەندە ئالدىنىپ كىرىپ كېتىدۇ، پەقەت سىناپ بېقىشنىلا ئويلايدۇ، لېكىن ماتېرىياللارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ. 
گەرچە بۇ سۇپىلار ئالدامچى بولمىسىمۇ، كۆپ قىسمى مۇنتىزىم سۇپىلار بولسىمۇ، ئەمما سىز بۇ سۇپىلاردىن قەرز ئالمىسىڭىزمۇ، لېكىن قەرز ئېلىشقا چېتىلسىلا، بۇ سۇپىلار سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىزنى سۈرۈشتۈرەلەيدۇ. 
شۇڭا ھەرگىز توردىكى قەرز بېرىش ئېلانلىرىنى قالايمىقان چەكمەڭ، بولمىسا سىزگە راستتىنلا جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قالغاندا بولسا، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىسىز. 
ئۇنداقتا چەككەندىن كېيىن قانداق زىيىنى بار؟ 

1. شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويۇش
ئادەتتە چېكىپ بولغاندىن كېيىن، تور قەرز سۇپىسى سىزدىن ھەر خىل شەخسىي ئۇچۇر، كىملىك، تېلېفون نومۇرى، ئىسىم-فامىلىسى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. كېيىن، سىزگە قىسقا ئۇچۇر كېلىدۇ، سىزنىڭ سوممىڭىز قانچىلىك؟ 
نۇرغۇن قەرز بېرىش شىركەتلىرى مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنى سېتىپ ئارىدىن پايدا ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ماتېرىيالنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دائىم ھەر خىل قەرز پۇل ئۇچۇرلىرى ۋە تېلېفونلارنى تاپشۇرۇۋالىسىز. 

2. شەخسىي ئىناۋەتكە تەسىر يەتكۈزۈش 
بەزىلەر «ئىناۋەتنى تەكشۈرسەم نېمە بوپتۇ؟ مەن پۇل قەرز ئالمىدىم، قەرزىممۇ يوق، نېمىشقا ئىناۋەتنى ياخشى قىلغىلى بولمايدۇ؟» دېيىشىدۇ. 
خۇددى ماقالىنىڭ بېشىدا دېيىلگەن خېرىدارغا ئوخشاش، يېرىم يىلدا 40 نەچچە قېتىم ئىناۋەت سۈرۈشتۈرگەن، گەرچە قەرز ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بانكا ئاپپاراتلىرى سىزنىڭ قەرز ئالمىغانلىقىڭىزنى ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ قەرز ئالالمايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىدۇ. 
ئىناۋەت دوكىلاتى سۈرۈشتۈرۈشتە كۆرسىتىلگىنىنىڭ ھەممىسى ئاز سوممىلىق قەرز شىركىتى بولۇپ، سىزدە پۇل بەك كەمچىل دەپ قاراپ، ئەڭ ئاخىرىدا يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولىسىز. 
تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، بۇ قەرز تەكشۈرۈش خاتىرىسى سىزگە يەنىلا قەرز بەرمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بانكا سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىزنى ئاشۇ كىچىك قەرز شىركەتلىرىنىڭمۇ قەرز بېرىشكە ئۇنىمىغانلىقى سەۋەبلىك، سىز تېخىمۇ پۇل ئالالمايسىز. 

3. چوڭ سانلىق مەلۇمات قالايمىقان بولۇش 
«ھەممە بانكا ئىناۋەت دەرىجىسى»نىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى قەرز بېرىش سۇپىلىرى ئىناۋەت دەرىجىسى، كۈنجۈت ئىناۋىتى ۋە باشقا قەرز ئېلىش سۇپىلىرىدىكى قەرز پۇل ئەھۋالىغا قارىتا ئۇنىۋېرسال باھالاش ئېلىپ بارىدۇ. 
مەسىلەن، سىز بۈگۈن بۇ سۇپىدىن ئازراق قەرز ئالسىڭىز، ئەتە يەنە بىر سۇپىدىن ئازراق قەرز ئالسىڭىز، ئاخىرىدا چوڭ سانلىق مەلۇماتىڭىز قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، كېيىن يەنە پۇل قەرز ئېلىش تەسكە توختايدۇ. 
شۇڭا، ئەگەر سىزدە پۇل كەمچىل بولسا ياكى جىددىي مەبلەغ لازىم بولسا، قەرز ئالماقچى بولغاندا بانكا ۋە مۇنتىزىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تېپىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتىنى ياخشى ساقلاڭ. 
ھەرگىز تور قەرز ئېلانىنى قالايمىقان چەكمەڭ! 
بىر-ئىككى قېتىمدا ھېچقانداق تەسىرى بولماسلىقى مۇمكىن؛ لېكىن قېتىم سانىنىڭ جۇغلىنىشىغا ئەگىشىپ، سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىز ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەرز ئالالمايسىز-دە، پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي قالىسىز. 
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408