搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
مىكرو سودا يوقىلامدۇ؟ ئۈندىدار يېڭى ئىقتىدارىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ
>
مىكرو سودا يوقىلامدۇ؟ ئۈندىدار يېڭى ئىقتىدارىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ
Nepkar
2022-01-13
2
导读:ئۈندىدار يېڭى ئىقتىدارنى سىناق قىلىۋاتقان بولۇپ، دوستلار چەمبىرىكىدىكى بىر قىسىم مەزمۇن ۋە سۈرەتلەر
12-يانۋار خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۈندىدار بىر تۈرلۈك يېڭى ئىقتىدارنى سىناق قىلىۋاتقان بولۇپ، دوستلار چەمبىرىكىدىكى بىر قىسىم مەزمۇن ۋە سۈرەتلەر قاتلىنىپ قالىدىكەن، بىر ئادەم يوللىغان نۇرغۇن ئېلانلار يەنە بىر توپلام بەتكە قاتلىنىدىكەن. كەمىنە تېخى بۇ خىل ئىقتىدارنى بايقىمىدىم. بۇ ئىقتىدار كىچىك دائىرىدە ك
ۈل رەڭ سىناق قىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە ئىگىلىگەن ئەھۋال بولسا، مىكرو تور سودىگىرى ياكى ۋاكالىتەن ساتقۇچىلار رەسىمدىكىگە ئوخشاش نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۇلاپ يوللىسا، بەلكىم يىغىلىپ قاتلىنىشى مۇمكىن، پەقەت «XXX قاتارلىق كۆپ مەزمۇن» دەپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىر قىسىم كۆپ سۈرەتلىك مەزمۇنلارمۇ قاتلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، پەقەت يازما نۇسخىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى خەتنىلا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كونكرېت قانداق ئەھۋاللارنىڭ قاتلىنىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، بۇ ئىقتىدار ئۇمۇملاشسا مىكرو تور سودىگەرلىرىنىڭ ئېكراننى بىر ئېلىشىغا ئامالى يوقتۇر.
كەمىنىنىڭ ئىگىلىشىمچە، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئىلگىرى بەزى مەزمۇنلار قاتلىنىپ كۆرسىتىلەتتى، مەسىلەن، كۆپ مەزمۇنلۇق يېزىق ۋە ئوخشاش تۈردىكى مەزمۇنلار دېگەندەك، يەنە كۆپچىلىك بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان «تولۇق تېكىستىنى يىغىۋېتىش»مۇ بار ئىدى. يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت يېزىق قىسمىنى قاتلاپ قويىدۇ، رەسىم يەنىلا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدۇ.
ئۈندىدارنىڭ بۇ يېڭى ئىقتىدارىدا، رەسىممۇ بىۋاسىتە قاتلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا دوستلار چەمبىرىكى قارىماققا تېخىمۇ پاكىز كۆرۈنىدۇ، رەسىمنى يۈكلەشتە سەرپ بولىدىغان ئېقىم مىقدارى تېجىلىپ قالىدۇ، شۇنداقلا كۆپ مىقداردىكى سۈرەتنىڭ يانفوننىڭ بوشلۇقىنى ئىگىلىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. ئادەتتىكى ئابۇنىچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنىڭدىن كېيىن دوستلار چەمبىرىكىنى بۇرۇنقىدەك ئېلانلار بىر ئالمايدۇ، ئەمما ئۈندىدار سودىگەرلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، ئېلان قىلىنغان مەزمۇن بىۋاستە توسۇلۇپ قالىدۇ، دوستلار چەمبىرىكىدە ئېلان بېرىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئۈندىدار سودىگەرلىرى، ۋاكالىتەن ساتقۇچىلار بار. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ئىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئىلگىرى كۆپچىلىكنىڭ پەقەت «دوستلار چەمبىرىكىنى چەكلەش»تەك بىر خىل تاللىشى بار ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ دوستانە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بارلىققا كەلدى. بۇ قاتلانغان ئېلانلار، كۆپ سۈرەتلىك مەزمۇنلارغا قارىتا، كۆپچىلىك ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ كۆرسە ياكى كۆرمىسە بولىدۇ. دوستىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0