大数跨境

يۇقۇمنىڭ تەسىرى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

يۇقۇمنىڭ تەسىرى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىلەر Nepkar
2022-02-14
2
导读:460 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا تاقىلىپ قالغان، ئۈچ مىليون 100 مىڭ يەككە تىجارەتچى شىركەت رويخەتتىن ئۆچۈرۈ

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
ئىككى يىل ئىچىدە 460 مىڭ كارخانا تاقىلىپ، 3 مىليون 100 مىڭ يەككە تىجارەتچى تىزىمدىن ئۆچۈرۈلۈپ، %30 تىن ئارتۇق كارخانىنىڭ خادىم قىسقارتىش نىسبىتى %5 كە يېقىنلاشتى. 
ئۆتكەن ئىككى يىلدا، دۆلەت ئىچىدە تاقىلىپ قالغان كارخانىلار بىر مىليوندىن ئاشتى، بولۇپمۇ بەزى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلغان ۋاقتى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، بەش يىلدىن ئارتۇق بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كارخانىلارمۇ كۆپ ئەمەس، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 460 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا تاقىلىپ قالغان، ئۈچ مىليون 100 مىڭ يەككە تىجارەتچى شىركەت رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارلا ئەمەس، چوڭ كارخانىلارنىڭ سانىمۇ بىر قەدەر كۆپ، 30 دىن ئارتۇق كارخانىدا مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا خادىم قىسقارتىش نىسبىتى %5 كە يەتكەن. ئۇنداقتا ئۇلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى؟ 

ئىش كۈتۈش ھالىتى 
يۇقۇمنىڭ يېتىپ كېلىشىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئويلاپمۇ باقمىغان، نۇرغۇن كارخانىلار بىۋاستە ئىش توختىتىپ، ئىش كۈتۈپ تۇردى، نۇرغۇن خىزمەتلەر ۋاقىتلىق توختۇتۇش ھالىتىگە كىردى، نۇرغۇن كىشىلەر قايتا ئىشلەشكە ئامالسىز قالدى، يۇقۇم ئەھۋالى يېرىم يىلدەك داۋاملىشىپ، نۇرغۇن رايونلار ئىش توختىتىش ھالىتىگە كىردى. گەرچە ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئېلىمىزدە يۇقۇم ئەھۋالى قاتتىق كونترول قىلىنىشقا باشلىغان، نۇرغۇن كارخانىلار ئاستا-ئاستا نورمال ھالەتكە كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى روشەنكى، يۇقۇم ئەھۋالى تا ھازىرغىچە پۈتۈنلەي تارقىلىپ كېتەلمىدى، بۇ ئېغىر ھالەت مەملىكىتىمىز بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، باشقا دۆلەتلەرمۇ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكا، ھەتتا نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن. بۇ ئىككى يىل ئىچىدە، نۇرغۇن چەت ئەل رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى دۆلىتىمىزنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولدى. 

ناچار ئايلىنىش
دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى بۇ ئىككى يىلدا مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلاندى، بىراق يەنىلا خېلى كۆپ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مەبلەغ ئوبوروتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى بېرىش، ئىجارە ھەققى، مەبلەغ سېلىش مەغلۇپ بولۇش قاتارلىق بىر قاتار ئىچكى-تاشقى ئامىللار سەۋەبلىك بۇ كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولدى. ھەتتا نۇرغۇن كارخانىلار داۋاملىق خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، خادىم قىسقارتىش ياكى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ئازايتىشنى تاللىدى. بۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى بولمىسا، ئىستېمال قىلىدىغان پۇلى بولمايدۇ، باشقا كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن تاۋارلار بېسىلىپ قېلىپ، سېتىشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن، بەزى ئەمەلىي ئىگىلىكلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىدى. 


ﺋﯩﻤﭙﻮرت-ئېكىسپورت
يەر شارىدا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يامراپ كېتىشى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىمپورت، ئېكىسپورت سودىسىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى، نۇرغۇن يېڭى ئېكىسپورت كارخانىلىرى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئانچە نامى چىقمىغان، يەنە كېلىپ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە زاكاز قوبۇل قىلالمىغان. كىرىم بولمىسا ئەلۋەتتە شىركەتنىڭ تىجارىتى داۋاملىشىشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كارخانا بىلەن كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت بېسىمىمۇ بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ، ئەسلىدە ئىقتىساد چېكىنىۋاتقان مەزگىلدە، كەسىپداشلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت بېسىمى قوشۇلۇپ، بىر كارخانىنىڭ مۇشۇنداق ناچار مۇھىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەقىقەتەن ئىنتايىن قىيىن ئىشتۇر.

ئېلېكترونلۇق سودا كەسپى 
دەل مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلار مۇشۇنداق شامال ئېغىزىدا چوقۇم بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشى كېرەك، ھازىرقى بىۋاستە كۆرسىتىپ مال سېتىش دەل نۇرغۇن ئەمەلىي دۇكانلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئۇسۇلىدۇر. بۇمۇ دەل ھازىرقى بىر كارخانىنىڭ يېڭى تەرەققىيات چىقىش يولى. بىۋاستە كۆرسىتىپ مال سېتىشنىڭ ئەنئەنىۋى ئەمەلىي شىركەتلىرىگە بولغان زەربىسى ئەسلىدىنلا بىر قەدەر چوڭ. ئۇنداقتا ئۇلار بۇ خىل ھالەتنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟ ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇش. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت تاپقىلى بولىدۇ. 
توردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ئاستا-ئاستا ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىشقا باشلىدى، شاللىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشكە، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى نامايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر چوڭ سانلىق مەلۇمات دەۋرى بولۇپ قالدى، بۇنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئېقىم مىقدارىنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ، بۇمۇ ئىنتايىن مۇھىم. 
مەنبە: باشخەۋەر تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0