大数跨境

چاغانلىق كېچىلىكتىكى تېخنىكىلاردىن ئىقتىسادىي يۈزلىنىشكە نەزەر!

چاغانلىق كېچىلىكتىكى تېخنىكىلاردىن ئىقتىسادىي يۈزلىنىشكە نەزەر! Nepkar
2022-02-21
1
导读:چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مەقسىتى كۆپچىلىككە بىر مەيدان مەدەنىيەت زىياپىتى تەغدىم قىلىش ئىدى....

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسلىقى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. 
بىرىنچى باسقۇچ: 2015-يىلىدىن بۇرۇن، ئاساسلىقى تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئۇلاپ تارقىتىش ۋە سەھنە تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بولدى. مەسىلەن: 1996-يىلى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شۆبە سەھنە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شىئەن شۆبە سەھنىسىدە بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى ئىشلىتىلدى؛ 1999-يىلى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە «راست گەپ قىلىش» ناملىق ئىتوت ئالاھىدە قىزىدى، بۇ بىر يىلدا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى توردا بىۋاستە كۆرسىتىلدى؛ يەنە 2012-يىلى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە، ياڭ لىپىڭ ئورۇنلىغان «توز ئۇسسۇلى»دا ھولوگرافىيەلىك پىرويېكسىيە تېخنىكىسى بىلەن ئورۇنلىغۇچىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. ئۇسسۇلچىلار ئېكراننىڭ ئالدى تەرىپىگە، پىرويېكسىيە رەسىملىرى ئېكراننىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، سۈرەت بىلەن پېرسوناژلارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى توغرا ماسلىشىشقا موھتاج. 
ئىككىنچى باسقۇچ: 2015-يىلىدىن كېيىن، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاددىي پۇقرالارغا كۈچلۈك پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى ھېس قىلدۇرۇلدى. چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى بىلەن پەن-تېخنىكا ئالاقە تورىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغاندا، كۆپچىلىككە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى 2015-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئۈندىدار قىزىل بولىقى بولۇشى مۇمكىن. ئۈندىدار پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە 500 مىليون يۈەن قىزىل بولاق تارقىتىشقا تايىنىپ، بىر كېچىدىلا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ چىقىم قىلىش بازار ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى. شۇ كۈنى كەچتە جەمئىي 20 مىليون ئامما قىزىل بولاق ئېتىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، قىزىل بولاق قوبۇل قىلىش، تارقىتىش ئومۇمىي مىقدارى 1 مىليارد قېتىمدىن ئاشتى، ئۈندىدارنىڭ سىلكىنىش سانى 11 مىليارد قېتىمدىن ئاشتى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا مىنۇتىغا 1 مىليارد 100 مىليون قېتىمغا يەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، نۇرغۇن ئالاقە تورى سۇپىلىرى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى سەھنىسى ئارقىلىق غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش، قىزىل بولاق تالىشىشقا قاتنىشىشمۇ يېڭى ئادەتكە ئايلاندى. 
چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مەقسىتى كۆپچىلىككە بىر مەيدان مەدەنىيەت زىياپىتى تەغدىم قىلىش ئىدى، ئەمما ھازىر چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئاممىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش شەكلى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى پەن-تېخنىكا، يېڭى تېخنىكىنىڭ «مەشىق مەيدانى»دۇر. مەسىلەن، 2016-يىلى، 540 ماشىنا ئادەم چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە سان-ساناقسىز كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، جىنىس دۇنيا رېكورتىغا ئېرىشتى، كۆپچىلىككە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى؛ 2019-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ بىر شۆبە سەھنىسى شېنجېندا تەسىس قىلىنىپ، 5G سىگنالى ئارقىلىق بېيجىڭغا يەتكۈزۈلدى، بۇ، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق 5G تورى ئارقىلىق يەتكۈزۈلۈشىدۇر. 
2020-يىلىغا بارغاندا، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ كۆپلىگەن نومۇرلىرىدا، نۇرغۇن سەنئەتكارلار نەق مەيداندا بولماستىن، بەلكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار+3D ئاڭلىتىش زالى تېخنىكىسى ئارقىلىق زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ سەھنىدە مەيدانغا چىقىش ئىمكانىيىتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2021-يىلى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم 8K لىق دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ قالتىس پەن-تېخنىكا ياشلارنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى، كونا ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى. 
مەنبە: خەن شيۇيۈن ئىقىساد سۆزلەيدۇ ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408