大数跨境

كۆپۈك ئىقتىساد دېگەن نېمە؟ ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى دېگەن نېمە؟

كۆپۈك ئىقتىساد دېگەن نېمە؟ ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى دېگەن نېمە؟ Nepkar
2022-02-03
2
导读:مۈلۈك باھاسى ئۆرلەپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە بەرداشلىق بېرەلمىسە كۆپۈك ئىقتىساد ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ..

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
كۆپۈك ئىقتىساد دېگەن نېمە؟
مەلۇم خىل مۈلۈكنىڭ ئۈزلۈكسىز سودىدا باھا ئېغىر ھالدا قىممەتتىن چەتنەپ، ئىقتىساد بايلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغان پۇل كۆپۈكچىلىرى بىلەن تولغان ۋاقىتتا، مۈلۈك باھاسى ئۆرلەپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە بەرداشلىق بېرەلمىسە كۆپۈك ئىقتىساد ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، بۇ خۇددى گاز كۆپۈكچىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپۈشى ياكى بۇزۇلۇشىغا ئوخشايدۇ، يەنى ئىقتىساد گۈللىنىشتىن خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، كىشىلەر بۇنى كۆپۈك ئىقتىساد دەپ ئاتايدۇ.
ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى دېگەن نېمە؟
ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى ئۆي باھاسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى، بوش (قۇرۇق) قېلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ئۆي باھاسىنىڭ بازار ۋە شەخسنىڭ ئېھتىياجىدىن يىراقلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۆي باھاسى بوش قېلىشنىڭ ئىقتىسادتىن ۋە جەمئىيەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن يىراقلاپ كېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە يالغۇز ئۆي باھاسىلا يۇقىرى بولماستىن، بەلكى ئۆي باھاسىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشى، ئاللىقاچان ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ ئۇنىڭ قىممىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتتى.
كۆپۈك ئىقتىساد ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە:
بىرىنچى، تاۋار بىلەن تەمىنلەشتە ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق مەۋجۇت، تەمىنلەش مىقدارى ئېھتىياج مىقدارىدىن ئىنتايىن كۆپ.
ئىككىنچى ھايانكەشلىك سودىسى كەيپىياتى بەك قويۇق بولۇپ كېتىدۇ.
ئۆي-مۈلۈك كۆپۈك ئىقتىسادى كۆپۈكنىڭ بىر خىلى، يەنى ئۆي-مۈلۈك بۇ كۆپۈك ئىقتىسادنىڭ ۋاسىتىسى، يەنى ئۆي-مۈلۈك ھايانكەشلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆي-مۈلۈك باھاسى ۋە ئىشلىتىش قىممىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ئاچلىقى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىدا ئايرىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولىدۇ.


ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكىنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1. ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى دېگىنىمىز ئۆي-مۈلۈك باھاسىدىكى بىر داۋالغۇش ھالىتى.
2. ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى ئۆي-مۈلۈك باھاسىدا جىددىي ئۆرلەش ھەم جىددىي تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى ھەمدە بۇنداق چاستوتىنىڭ بىر قەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
3. ئۆي-مۈلۈك باھاسىنىڭ داۋالغۇشى ئۈزلۈكسىز بولمايدۇ، ئۇنىڭ داۋالغۇشىنىڭ مۇقىم دەۋرى ھەم مۇقىم چاستوتىسى بولمايدۇ.
4. ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى پەيدا بولغان ۋاقىتتا ئاساسلىقى ھايانكەشلىك قىلمىشى، يەنى پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئۆي-مۈلۈك ئىقتىسادىي سىستېمىسىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆرلەش سۈرئىتىنىڭ زىيادە تېز بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!



【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0