大数跨境

ھاياجانلىق دەقىقىلەر: خەلق پۇلىنىڭ دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆستى

ھاياجانلىق دەقىقىلەر: خەلق پۇلىنىڭ دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆستى Nepkar
2022-01-05
0
导读:يىراقنى كۆزلىيەلمىگەنلەر پەيتنى كۆزلەشكە يارىمايدۇ، ئومۇمىيەتنى كۆزلىيەلمىگەنلەر بىر رايوننى كۆزلىيە
بىرىنچى،
تولا كۈتۈپ، ئىنتىزارلىقتا ئاخىرى شادلىق پەيتلىرىگە شاھىت بولدۇق.
رەقەملىك خەلق پۇلى App ھەر قايسى ئەپ بازارلىرىغا چىقتى!
ئاخىرى، خەلق پۇلىنىڭ دەرىجىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى!
بۈگۈن، رەقەملىك خەلق پۇلى ئەپ دېتالى تۇيۇقسىز ئالما App Store ۋە ھەر قايسى چوڭ ئېقىمدىكى ئاندرويد بازارلىرىغا چىقتى، پەقەت ئەپ بازىرىدىن «数字人民币» دەپ ئىزدىسىڭىزلا، بۇ App نى تاپالايسىز.


بەك قولايلىق بولدى! !
مەن سىناپ باقتىم، رەقەملىك خەلق پۇلى App نى چۈشۈرۈپ قاچىلاشمۇ ناھايىتى قولايلىق ئىكەن، مەن بىر مىنۇتتىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ تولۇق بىر تەرەپ قىلدىم.
ھازىر بېيجىڭ، شېنجېن، سۇجۇ، شيۇڭئەن، چېڭدۇ، شاڭخەي، خەينەن، چاڭشا، شىئەن، چىڭداۋ، داليەن... قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئەپنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى!
بەزىلەر، رەقەملىك خەلق پۇلىنىڭ شەكلى قانداق؟ دەپ سورىشىدۇ.
كېلىڭ، كېلىڭ، مەن يېڭىدىن چىقارغان خەلق پۇلىغا قاراپ بېقىڭ، يەنىلا ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدىغان يېتەكچىمىز بار.
ئىشلىتىشمۇ ناھايىتى قولايلىق، پەقەت ئەپلەرنى ئېچىپ بانكىدىن ئەپكە پۇل سالسىڭىزلا رەقەملىك خەلق پۇلىغا نەرسە سېتىۋالالايسىز.
ھازىر، جىڭدۇڭ، مېيتۇەن، ئېلېما، تيەنماۋ تاللا بازىرى، دى دى، شيېچېڭ، B پونكىتى، كۆپ نۇقتا، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلاردا رەقەملىك خەلق پۇلى بىلەن مال سېتىۋالغىلى بولىدىغان بولدى.
ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت بىر باشلىنىش، پىلان بويىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا، مەملىكەت بويىچە %30 تىن %50 كىچە بولغان M0 نىڭ ئورنىنى مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى ئالىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، ئادەتتىكى نەق پۇل ئىشلىتىشنىڭ كۆپ قىسىم تۈرلىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.
شۇنداق، سىز خاتا كۆرمىدىڭىز، جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپ رەقەملىك پۇل app ئاخىرى دۇنياغا كەلدى، بۇ دۇنيادىكى تۇنجى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق رەقەملىك پۇل app دۇر!
بۇ جۇڭگو خەلق پۇلى، دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئالاھىدە چوڭ تەدبىر!


ئىككىنچى،
مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى مەركەز تارقاتقان رەقەملىك پۇلنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ فۇنكسىيەلىك خۇسۇسىيىتى قەغەز پۇلنىڭكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇلغا تەۋە، قانۇنىي تۆلەم خاراكتېرىگە ئىگە، پەقەت رەقەملەشكەن شەكىلدىنلا ئىبارەت.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بارلىق خەلق رەقەملىك پۇلنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلالمايدۇ. ھوقۇقچىلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ كۈچى ۋە بىخەتەرلىكى ئەڭ يۇقىرى.
چىقىمدان، ئۈندىدار قاتارلىق 3-تەرەپ ئىنتېرنېتتا پۇل چىقىم قىلىشتا، سودا بانكىسىنىڭ ئامانەت پۇل، پۇل راسچوتىدا ماڭىدىغان بولۇپ، M1 ۋە M2 دەرىجىلىك رەقەملىشىشىگە تەۋە، M0 دەرىجىلىك قانۇنىي كۈچىگە ئىگە ئەمەس، M0 نىڭ ئورنىنى ئېلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.


بەزىلەر چوقۇم مۇنداق دەپ سورىشى مۇمكىن: نېمە ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش ۋاسىتىسى شۇنچە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، مەركىزىي بانكا يەنە مۇشۇنداق بىر رەقەملىك پۇل ئىشلىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈلۈشى كېرەك؟
تېخىمۇ بىخەتەر، ناچار شارائىتتىكى تەبىئىي ئاپەت، يەر تەۋرەش قاتارلىق تور بولمىغان ئەھۋالدا، يەنىلا قەغەز پۇلغا ئوخشاش ئىشلەتكىلى بولغان بولۇشتىن باشقا، رەقەملىك خەلق پۇلى ياكى ئۇنىڭ زور رولى بار، ئۇ بولسىمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن ساھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
خۇددى چىڭخۇا داشۆسى دۆلەت پۇل مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۈ جيەندۇڭ ئېيتقاندەك: رەقەملىك خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىپ راسچوت قىلىش يېڭى سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى بولسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە جازاسىغا ئۇچرىغان ئالاھىدە كەسىپ ۋە نۇقتىلىق كارخانىلارغا نۇقتىلىق مۇلازىمەت قىلىپ، «پۇل مۇئامىلىنى قامال قىلىش» ئەھۋالى ئاستىدىكى «زاپاس» پىلاننى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.
شۇنى بىلىش كېرەككى، بۈگۈنكى دۇنيادا پەقەت بىرلا ئامېرىكا ئەمەس، بەلكى ئىككى «ئامېرىكا» بار. بىرى، كىشىلەر كۆرەلەيدىغان ئامېرىكا، يەنە بىرى، يەر شارىغا كەڭ تارقالغان، يوشۇرۇن ئامېرىكا دوللىرى كاپىتالى ئىمپېرىيەسى.
ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زومىگەرلىكى، ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ جان تومۇرى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى چەكلەيدىغان قورالى، بۇ قورالنىڭ ئاساسلىق ئىككى تۇتقىسى بار، بىرى، ئامېرىكا دوللىرى، بىرى، ئۇنىڭ يەر شارى پۇل راسچوت سىستېمىسى SWIFT، بۇ ئىككى قورالنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ئامېرىكىنىڭ قولىدا.
SWIFT سىستېمىسىنى مىسالغا ئالساق، بۇ دۇنيادىكى 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان، 11 مىڭدىن ئارتۇق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى تۇتاشتۇرغان بانكىلار ئارا چېگرا ھالقىغان ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ۋە راسچوت قىلىش سىستېمىسى.
بۇنداق ئەھۋالدا، ئامېرىكا بىر دۆلەتنىڭ SWIFT يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇنى كۆپ ھاللاردا پۇل مۇئامىلە يېگانە ئارىلىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يوقىتىپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.


نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ئىراننى جازالىدى، يەنى ئىراننىڭ دوللار بىلەن سودا راسچوتى قىلىشى چەكلەندى، ئاندىن ئىران ياۋرو ياكى ياپونىيە يېنى بىلەن راسچوت قىلىپ، SWIFT خەلقئارا راسچوت سىستېمىسىغا كىردى، ئويلىمىغان يەردىن ئامېرىكا ئىراننىڭ SWIFT يولىنىمۇ ئۈزۈپ تاشلىدى.
ئىران بىلەن سودا قىلىشنى ئويلايدىغان ياۋروپامۇ باشقا يول تۇتۇشقا مەجبۇر بولۇپ، ياۋروپا-ئىران راسچوت مېخانىزمى INSTEX نى بەرپا قىلدى!
شۇنى ئېيتقاچ كېتەيكى، ئامېرىكا بۇلتۇر چەكسىز پۇل بېسىپ، سۇ قويۇپ بېرىپ، پۈتۈن دۇنيانى ئۇنىڭغا پۇل تۆلەتكۈزۈشتە دەل مۇشۇ دۇنياۋى چىقىم قىلىش سىستېمىسىغا تايانغان.
بۇنداق ئەھۋالدا، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئىلغار بولغان دۇنيا چېگرا ھالقىغان چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.
بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل پۇل مۇئامىلىنى چەكلەش ۋاسىتىسىدىنمۇ ئوخشاشلا ئېھتىيات قىلماي بولمايدۇ.
ئۇنداقتا، جۇڭگو قانداق قىلىپ ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟
مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تاللاش تۈرى.
بايا دەپ ئۆتكەندەك، ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم بىر تۇتقىسى SWIFT راسچوت سىستېمىسى، بۇ ئەسلىدىكى ئالتۇن راسچوت سىستېمىسىنىڭ مەركىزى.
رەقەملىك پۇلنىڭ ئارقىسىدىكى رايون بۆلىكى زەنجىرى تېخنىكىسى دەل مەركەزسىزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ راسچوت سىستېمىسىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ئامېرىكا پۇل مۇئامىلىسى تىزگىنلەيدىغان «بەشبارماق تېغى»دىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ.
ئويلاپ باقايلى، مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك خەلق پۇلىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، مەيلى خېرىدارلىرىمىز قەيەردە بولسۇن، مەيلى ئافرىقا، ياۋروپا ياكى لاتىن ئامېرىكىسى بولسۇن، ئۇلار مەركىزىي بانكىنىڭ تور بېكىتىدىن بىر رەقەملىك ھەمياننى چۈشۈرۈپلا، دۆلەت ئىچىدىكى سىزگە بىۋاستە پۇل تۆلىسە بولامدۇ؟
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، رەقەملىك خەلق پۇلى بولسا، سىزنىڭ دۆلىتىڭىزنىڭ زاپاس ساقلانمىسىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇشىنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق، SWIFT دىن ئىبارەت بۇ پۈتۈن يەر شارى راسچوت سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ھەر قېتىملىق سودا سوممىسىنىڭ سىرتىدا رەسمىيەت ھەققى تۆلەشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئەپنى ئېچىپ، مەخپىي نومۇر كىرگۈزسىلا ھەممىسى تاماملىنىدۇ. . .
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، رەقەملىك خەلق پۇلىنىڭ ياردىمىدە، بىز ئامېرىكىلىقلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنى چەكلەش ۋاسىتىسىنى يوقىتىپلا قالماي، يەنە رەقەملىك پۇلنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى مۇسابىقە يولىنى يارىتالايمىز.
بۇنداق ئىنقىلاب خاراكتېرلىك چوڭ ئۆزگىرىش كىشىنى نەقەدەر مەپتۇن قىلىدۇ-ھە!


ئۈچىنچى،
ئەلۋەتتە، بىر دۆلەتنىڭ پۇل كىرېدىتىنىڭ ئارقىسىدا شۇ دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى بولىدۇ.
سۇنىڭ بېشى ئېقىن سۇ بولسا، ئۆستەڭنىڭ سۈيى سۈزۈك بولىدۇ!
جۇڭگونىڭ رەقەملىك خەلق پۇلى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىشتە، ئەڭ ئاخىرىدا تايىنىدىغىنى يەنىلا دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى.
ھېلىمۇ ياخشى ھازىر، جۇڭگو ئاستا-ئاستا بۇ ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولدى، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە ئەڭ چوڭ سودا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلق پۇلى چوقۇم تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.
سىلەرگە بىر رەسىم كۆرسىتەي.
2000-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، دۇنيا سودىسىنىڭ 20 يىللىق سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسى! كۆك رەڭلىكى ئامېرىكا. قىزغۇچ سېرىق رەڭلىكى جۇڭگو.


2000-يىلى يەر شارىدىكى 200 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ دۆلەت ھالقىغان سودىسىدا ئامېرىكا %80 دۆلەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك سودا ھەمراھى بولغان.
جۇڭگو ئەينى ۋاقىتتا %20 كىمۇ يەتمەيدىغان دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ئىدى..
20 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە! !
جۇڭگو دۇنيادىكى %70 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى!
ھالبۇكى، ئامېرىكا بولسا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سودا ھەمكارلىق ھەمراھى بار دۆلەتلەرنىڭ سانى ئاران %25 تىن ئاشىدۇ. . .
يەنى، 20 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىپ، يەر شارى سودىسىدا قىلچە تالاش-تارتىش بولمىغان «يەر شارى سودىسىنىڭ كاتتىبېشى»غا ئايلاندى! دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ئىچىدە، ئەڭ چوڭ «ھېسابات تاپشۇرۇۋالغۇچى» بولۇپ قالدى! !
مانا بۇ رەقەملىك خەلق پۇلىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئىشەنچ مەنبەسى! ! !
شۇڭا، گەرچە ھازىرقى باسقۇچتىكى رەقەملىك خەلق پۇلىنى ۋاقتىنچە نەق پۇلنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، رەقەملىك خەلق پۇلى خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى تېزلىتىپ، خەلق پۇلىنى تېخىمۇ تېز ھالدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى دۇنيا پۇلىغا ئايلاندۇرالايدۇ.
بىزنىڭ خەلق پۇلىمىز ياۋرو، ئامېرىكا دوللىرى، ئۈچ تەرەپ تەڭ تۇرىدىغان مىسلىسىز چوڭ ۋەزىيەتكە يەتتى! ئۇنىڭ پۈتكۈل جۇڭگوغا بولغان تەسىرى مىسلىسىز بولدى!
بۇ يول ناھايىتى ئۇزۇن، ناھايىتى تەس، بىر كۈچەپلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئاقمايدىغان ئىش ئەمەس.
مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ!
بۈگۈنكى رەقەملىك خەلق پۇلى ئەپ دېتالى مانا بۇ نىشانغا قاراپ تاشلانغان پۇختا قەدەم.
شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، رەقەملىك پۇلنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ سودا شەكلى، پۇل مۇئامىلە شەكلىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولىدۇ.
ئالدىن پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان جۇڭگو جەزمەن ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە يانداپ ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ!


تۆتىنچى،
يىراقنى كۆزلىيەلمىگەنلەر پەيتنى كۆزلەشكە يارىمايدۇ، ئومۇمىيەتنى كۆزلىيەلمىگەنلەر بىر رايوننى كۆزلىيەلمەيدۇ.
بۇنىڭدىن 2200 يىل ئىلگىرى، چىن شىخۇاڭ ئالتە بەگلىكنى قوشۇۋېلىپ، ھارۋا چاق ئۆلچىمىنى، كىتاب يېزىقىنى، خەت-چەكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بولۇپمۇ چىن شىخۇاڭ يېرىم سەرلىك پۇلنى بىر تۇتاش يولغا قويۇپ، زېمىنى كەڭ دۆلەتتە بىرلىككە كەلگەن بىر خىل پۇلنى تۇنجى بولۇپ ئىشلەتكەن.
بۈگۈنكى جۇڭگو يەنە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت پۇلىنى لەڭگەر قىلغان رەقەملىك پۇل تارقاتتى، بۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، 2000 يىل ئىلگىرىكى ئەجدادلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش بولماستىن، بەلكى بىر قەدىمىي مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى نامايان قىلغانلىقتۇر.
يىراققا نەزەر سالغاندا بوران-چاپقۇننىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز سالماقلىق بىلەن تەمكىن بولۇپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، خىرىسقا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
بۇ يەرگە كەلگەندە، مەن تۇيۇقسىز يۈز يىل بۇرۇنقى لياڭ چىچاۋنىڭ جۇڭگوغا بولغان تىلىكىنى ئەسلەپ قالدىم. ئەينى چاغدا، ئۇ جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئاجايىپ مەنزىرىنى تېپىۋېلىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتى-ھە! بىز بۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان سۆزلەرنى بىرلىكتە دېكلاماتسىيە قىلىپ باقايلى:
قىزىل قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەندە،
ئۇنىڭ يولى نۇرلۇق بولىدۇ.
دەريا ئۆركەشلەپ ئېقىپ،
ھەممە يەرنى لەرزىگە سالىدۇ.
سۇ ئاستى ئەجدىھاسى ئۆركەشلەپ،
قاسراقلىرى ئۇچماقتا ئىدى.
سۈت ئېمىۋاتقان يولۋاسنىڭ ھەيۋىسىدىن،
جىلغىدىكى ھايۋانلار قاتتىق ساراسىمىگە چۈشىدۇ.
ۋەتىنىم جۇڭگو، ئاسمان كەبى قېرىمايدۇ!
جۇڭگو ئۆسمۈرلىرىنىڭ ۋەتەن چېگراسى بولمايدۇ!
مەنبە: مالىيە خەۋەرلىرى جەۋھەرلىرى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مۇلاھىزە: KTV غا باردىڭىزمۇ؟ KTV يەنە قانچىلىك دەۋر سۈرەلەيدۇ؟

2021-11-18

شۈ جيايىن ئۆي بىساتىنى سېتىۋەتسە، خېڭدانى قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ؟

2021-11-18

تۆۋەن باھا مونوپوللۇقى: ئۇلار نېمىشقا ئوۋلەييانى بايقۇت قىلىدۇ؟

2021-11-19

بايدېننىڭ غېمى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ پۇرسىتى

2021-11-20

دۇنيا تەرتىپىنىڭ ﻗﺎﻳﺘﺎ تۇرغۇزۇلۇشى

2021-11-20

ليۇ چۈەنجىنىڭ خاتالىقى قەيەردە؟

2021-11-22

نېمىشقا كورىيەدە ئۆي-مۈلۈك بېجى ئۆسكەنسېرى ئۆي باھاسىمۇ ئۆسىدۇ؟

2021-11-22

كەلگۈسىدىكى خىزمەتلەر قانداق بولىدۇ؟

2021-11-23

باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان شادلىق يېڭى دەۋرى

2021-11-23

ئىدېئولوگىيەلىك ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ئۇرۇشى

2021-11-24

زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىش ئاسانمۇ؟

2021-11-26

ئىپتىدائىي ئالەم پوپى ۋە كۈركە توخۇ

2021-11-26

ماشىنا تەپەككۇرىدا توختاپ قالماڭ

2021-11-28

بىر تىرىليون دوللارلىق ئاساسىي قۇرۇلۇش ئامېرىكىنى قۇتقۇزالمايدۇ

2021-11-27

نېفىتنىڭ باھاسىنى بېكىتىش ھوقۇقى بىرلەشمە جېڭى

2021-11-28

نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى ئېنىق تونۇش 1-بۆلەك

2021-11-29

نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى ئېنىق تونۇش 2-بۆلەك

2021-11-30

------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0