大数跨境

8000 يۈەندىن 2 مىليارد يۈەنگىچە: ئۇنىڭ پاي چېكى سودىسى كەچمىشى

8000 يۈەندىن 2 مىليارد يۈەنگىچە: ئۇنىڭ پاي چېكى سودىسى كەچمىشى Nepkar
2022-02-17
1
导读:ئۇ قەرز ئالغان 8000 يۈەنگە تايىنىپ پاي چېكى بازىرىغا مەبلەغ سېلىپ، 18 يىلدىن كېيىن مۈلىكى 2 مىليارد

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
----
ئۇ قەرز ئالغان 8000 يۈەنگە تايىنىپ پاي چېكى بازىرىغا مەبلەغ سېلىپ، 18 يىلدىن كېيىن مۈلىكى 2 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، ماۋتەينىڭ %2 پېيىغا ئىگە بولغان، ھەتتا ئۇنىڭ ئائىلە خىزمەتچىسى ۋە شوپۇرىنىڭ مۈلىكىمۇ 100 مىليوندىن ئاشقان. ئۇ دەل لىن يۈەن. 

بۇ ئىسىمنى نۇرغۇن كىشىلەر ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ خۇسۇسىي فوند مەبلەغ سېلىش چەمبىرىكىدە نامى چىققان، پىشىۋا كەبى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. 
ما يۈندىنمۇ پۇلدار دەپ نام ئالغان، «جۇڭگولۇق باففېت» دەپ نام ئالغان، لىن يۈەن قانداق كەچۈرمىشلەرگە ئىگە؟ 
لىن يۈەن 1963-يىلى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خەنجۇڭ شەھىرىدىكى بىر ئادەتتىكى دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلىنىش نۇقتىسى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، لىن يۈەن خەنجۇڭدىكى بىر سەھىيە تېخنىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. 
ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، لىن يۈەن يەنە ناھايىتى تەلەيلىك ھالدا شېنجېن شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ يەنە شېنجېن شەھەرلىك مۇزېيغا يۆتكەپ كېلىنىدۇ. 
ئەينى چاغ 80-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى بولۇپ، بازار ئىگىلىكى ئېلىمىزدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشقا باشلىغان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتقان شېنجېن تەبىئىي ھالدا بازار ئىگىلىكى ئەڭ جانلانغان جاي ئىدى. 
ئېنىق بىر نىشانى يوق لىن يۈەن دوستلىرىنىڭ بەس-بەستە سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، ناھايىتى كۆپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ھەر ئايدا ئالىدىغان ئاشۇ ئازغىنە ئۆلۈك ئىش ھەققىگە قاراپ، كۆڭلى تولىمۇ بىئارام بولاتتى.
1989-يىلى جۇڭگو شېنجېن شەھىرىدە پاي چېكى سودا بازىرى نۇقتىدا سىناق قىلىندى. لىن يۈەن ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئۇياقتىن-بۇياققا يىغىپ، 8000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل غەملەپ، كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق، ھاياتىدىكى تۇنجى پاي چېكى -- شېنجىن تەرەققىياتى (深圳发展) نى سېتىۋالىدۇ. 

ئۇ سېتىۋېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، بۇ پاي چېكى زور دەرىجىدە ئۆسۈشكە باشلايدۇ، ئىككىنچى يىلى بىراقلا نەچچە ئون ھەسسە قاتلىنىدۇ، قولدىن چىقىرىپ سېتىپ 120 مىڭ يۈەن پۇل تېپىپ، بارلىق قەرزنى بىراقلا قايتۇرىدۇ.
ھاياتىدىكى تۇنجى پايدىنى ئالغان لىن يۈەن پاي چېكى بازىرىدا پۇل تېپىشنىڭ شۇنچە ئاسانلىقىنى كۆرۈپ، بىراقلا ئىدارىدىن ئىستىپا بېرىپ، مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ پاي چېكى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئىككىنچى يىلى لىن يۈەن يەنە خەينەن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئانا پاي چېكىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، كۆپ مىقداردا سېتىۋالىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ يەنە توغرا تاللىغان ئىدى، 1990-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شېنجېن، شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قۇرۇلىدۇ، بۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەر پېيى ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىپ، دەرھال يەنە ئون نەچچە ھەسسە قاتلىنىدۇ.

1992-يىلىغا كەلگەندە، پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىپ ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، لىن يۈەننىڭ مۈلكى دەسلەپكى 8000 يۈەندىن ئېشىپ، 10 مىليون يۈەنگە يېتىپ ئەينى ۋاقىتتا ئۇ دەۋردە چوڭ باي ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، لىن يۈەن ناھايىتى تەلەيلىك، ئەلۋەتتە بۇ ئۇنىڭ كۆزقارىشىنىڭ ئۆزگىچە بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 
لېكىن، بۇ چاغدا لىن يۈەن بۇنىڭلىق بىلەن مەغرۇرلىنىپ كەتمەيدۇ، ئۇ پاي چېكى بازىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدەك ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ كۆپ پۇل تېپىشىنىڭ پەقەت بىرىنچى قېتىملىق چوڭ دولقۇنغا يېتىشىۋالغانلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنچە مۇنەۋۋەر ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقىنىدا نۇرغۇن پۇرسەتپەرەسلىك تەركىبلەرنىڭ بارلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىدۇ. 
ئەمما كېيىنكى پاي چېكى بازىرى يولىدا تەلىيىگىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايتتى، سەللا ئېھتىيات قىلمىسا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بايلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. 

بۇ چاغدا ئۇ مۈلكىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، بىر قىسىم پۇلىنى شىئەن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا سالىدۇ. 
لىن يۈەننىڭ بۇ ھەرىكىتى شۈبھىسىزكى سەگەك ھەم ئاقىلانە ھەرىكەت ئىدى. 
1993-يىلى جۇڭگو پاي چېكى بازىرى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق پاي چېكى ئاپىتىگە ئۇچراپ، نۇرغۇن پاي چېكى بازىرىغا كىرىپ پۇل تېپىشقا ئالدىراپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ بىساتى پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، لىن يۈەنمۇ بەلگىلىك زەربىگە ئۇچرايدۇ. 
لېكىن ئۇ ئىلگىرى كۆپ قىسىم مەبلىغىنى پاي چېكى بازىرىدىن يۆتكەپ كەتكەچكە، ھېچقانچە زىيان تارتمايدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئۇ بىر نەچچە يىل ئۆي باھاسىمۇ كۈندىن كۈنگە ئۆسۈۋاتقان مەزگىل ئىدى، گەرچە پاي چېكى بازىرىدەك ئۇنچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن لىن يۈەن خېلى كۆپ پۇل تاپىدۇ. 
بەلكىم پاي چېكى بازىرىدا پۇل تېپىشنىڭ تېخىمۇ تېز بولغانلىقىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، 1995-يىلى پاي ئاپىتىنىڭ تەدرىجىي بېسىققانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ بازاردىن ئايرىلغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان لىن يۈەن قايتىدىن پاي چېكى بازىرىغا قايتىپ كېلىدۇ. 
لېكىن بۇ قېتىم ئۇ تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ «قىسقا سودا قىلماسلىق، شامالغا ئەگەشمەسلىك، ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەس»نى ئۆزىگە قائىدە قىلىپ بېكىتىدۇ.
ئۇ پەقەت نەتىجىسى ياخشى چوڭ كارخانىلارنىلا تاللايدۇ، پاي چېكىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولسىمۇ، پايدا نىسبىتى تۆۋەن بولسىمۇ بەرىبىر، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇقىملىقنى قوغلىشىدۇ. چۈنكى لىن يۈەن ئۆزىنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىن كېلىپ چىقمىغانلىقىنى، پاي چېكى بازىرىنىڭ كەسپىي بىلىملىرىگە ئانچە پىششىق ئەمەسلىكىنى، ئاشۇ كۈچلۈك ئورگانلاردەك تېخنىكا ئوينىيالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. 1995-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ساڭچاڭخۇڭ، تۇڭرېنتاڭ قاتارلىق كارخانىلارنىڭ پېيىنى سېتىۋالىدۇ، گەرچە دەسلەپكى چاغدىكىدەك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان پايدا بولمىسىمۇ، بايلىق يەنىلا مۇقىم، ساغلام ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ناھايىتى تېزلا تەلەي يەنە بىر قېتىم ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ. 
2003-يىلى، پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر لىن يۈەن يېمەكلىك كەسپىنىڭ پۇرسىتىنى كۆرۈپ يېتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇقرالارنىڭ ھەميانىمۇ بارغانسېرى توملىشىدۇ، بۇ مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ، بولۇپمۇ يەپ-ئىچىشكە تېخىمۇ كۆپ پۇل خەجلەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ. 

شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارلىق مەبلىغىنى ماۋتەي، ۋۇلياڭيې قاتارلىق ئاق ھاراق كارخانىلىرىغا سالىدۇ. دەل ئاق ھاراق ساھەسىنىڭ ئاشۇ بىر نەچچە يىللىق شىددەتلىك كېڭەيمىچىلىكىگە توغرا كەلگەچكە، لىن يۈەننىڭ مال-مۈلكىمۇ شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ. 2004-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە ئۇنىڭ ئومۇمىي مۈلكى 400 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، 2005-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ئىككى مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، بۇ سۈرئەت ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدۇ. 
بىر مەھەل لىن يۈەننىڭ رىۋايەتلىرى مەبلەغ سېلىش چەمبىرىكىدە تارقىلىشقا باشلايدۇ، شۇڭا ئۇ جۇڭگو خەلق ئىچىدىكى «پاي پىشىۋاسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 
بۇ چاغدا لىن يۈەن يېڭى پۇرسەتنى كۆرۈپ يېتىدۇ، 2006-يىلى لىن يۈەن ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش چەمبىرىكىدىكى نامىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتى--لىنيۈەن مەبلەغچىلىكىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ھەمدە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش فوندى قۇرۇپ، ئىلگىرىكى يالغۇز ئېلىشىش بىلەن خوشلىشىپ، پاي چېكى بازىرىنىڭ مەشغۇلاتچىسى بولىدۇ. 
لىن يۈەن ساھە ئىچىدىكى كاتتا باي بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەبىئىيلا نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىك فوندىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، باشقۇرۇش مەبلىغىمۇ نەچچە ئون مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. گەرچە بىر قىسىم فوندنىڭ پايدىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئاق ھاراق كەسپى ئۇنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
بولۇپمۇ ماۋتەينىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان پاي چېكى باھاسى شىددەت بىلەن ئۆستى، 2016-يىلىدىكى 200 يۈەنلىك بىر پايدىن بۇ يىلقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىققاندا 2600 يۈەنلىك بىر پايغا ئۆرلىدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى ئىككى ھەسسە ئۆرلەش سۈرئىتى A پاي چېكى بازىرىدا مۆجىزە ياراتتى دېيىشكە بولىدۇ. لىن يۈەننىڭ نامى تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ چىقىشقا باشلىدى. 
لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىن يۈەنگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. 
بۇ يىل 8-ئايدا لىن يۈەن بىر قېتىملىق مەبلەغ سېلىش ئويۇنىغا قاتناشقاندا تۇيۇقسىز بىر توپ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئەسلىدە لىن يۈەن يېقىنقى ئىككى يىلدا مەبلەغ سالغان جىنلۇڭ بېلىقىنىڭ پاي چېكى كەينى-كەينىدىن چۈشۈپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتقان. ئەگەر باشقا فوند دىرېكتورلىرى بولسا، تەبىئىيلا ئۇلارنىڭ چىشىغا تىگىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى، ئادەتتە ھەممىسى كەچۈرۈم سورايتتى.
بىراق لىن يۈەن كەچۈرۈم سوراش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە نەق مەيداندا مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەيىبلىدى: «مەن سىلەرنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىمىدىم، مېنىڭ خېرىدارلىرىمنىڭ ھەممىسى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى كىشىلەر، ئۇلارنىڭ ئىلكىدە نەچچە يىل تۇرىدۇ، سىلەرگە ئوخشاش ئازراقلا زىيان تارتسا يېنىۋالمايدۇ، زىيان تارتساڭلار مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مېنى كەچۈرۈم سوراشقا قىستىماڭلار، مەن ئەزەلدىن كەمبەغەللەردىن كەچۈرۈم سورىمايمەن.» 
بۇ گەپ ئۇنى دەرھال جامائەت پىكرى قاينىمىغا سۆرەپ كىردى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى كۆرەڭلەپ خۇدىنى بىلمەي قالدى، ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالدى، دېيىشتى. 
شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قايسىسىنىڭ مۈلىكى نەچچە ئون مىليون يۈەنلىك مال-مۈلۈك ئەمەس، لېكىن ئۇلار لىن يۈەننىڭ ئاغزىدا بولسا كەمبەغەللەرگە ئايلىنىپ قالدى. زىيان تارتقاندا، باشقىلار تەرىپىدىن بۇرنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ تىللانسا، ھېچكىم قوبۇل قىلالمايدۇ. 

شۇنىڭدىن كېيىن، لىن يۈەن فوندىنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى، لىن يۈەنمۇ چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدى: «مېنىڭ ھېلىقى گېپىم ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىشنىڭ خەتىرى بار دېمەكچى، ھە دېسىلا پۇل تېپىشنىلا ئويلىسا بولمايدۇ، زىيان تارتقاندىمۇ زىيان تارتىدىغان پىسخىكىلىق تەييارلىق بولۇشى كېرەك. 
مەن قىلغان ھەرقانداق ئىشتا مەبلەغ سالغۇچىلارغا يۈز كىلەلەيمەن، مەن باشقۇرۇۋاتقان فوندتا كونكېرت سېتىۋېلىش-سېتىش ئىشلىرىنى ئۆزۈم قىلىمەن، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى قالايمىقان قىلدۇرمايمەن. 
كونا خېرىدارلاردىن كىم ماڭا ئەگىشىپ پۇل تاپالمىدى؟ كۆزى بار ئادەمنىڭ مېنى تاللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، يەنىلا شۇ گەپ، مەن يېمەكلىك كەسپىنىڭ ئۇزاق مۇددەت پايدا ئالىدىغانلىقىغا، كىمنىڭ ساتىدىغانلىقىغا، كىمنىڭ ئەخمەق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.» 
بۇ گەپنى باھانە دېگەندىن كۆرە، ئېلان بېرىش دېگەن تۈزۈك، لىن يۈەننىڭ بۇ خىل ماھارىتى ھەقىقەتەن قالتىس، كۆپتۈرمىچىلىك قىلغاندىن كېيىن، ئۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى تارتتى. 
بۇ لىن يۈەننىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق قىلىشى ئەمەس، فوند دىرېكتورى بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان گەپلەرنى قىلدى. 
مەسىلەن، بەزىلەر ئۇنى جۇڭگولۇق باففېت دېسە، باشقىلار ئۇنىڭدىن بۇ ئاتالغۇغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «مەن بۇ ئاتالغۇنى ئېتىراپ قىلمايمەن، مېنى باففېت بىلەن سېلىشتۇرماڭ، مەن ئۇنىڭغا ئوخشىمايمەن، مېنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىم پۈتۈنلەي ئۆز تىرىشچانلىقىمغا تايىنىپ كەلگەن، مېڭىۋاتقىنىم ئۆز يولۇم، باففېت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.» دېگەن.
تېخىمۇ مۇبالىغە بولغىنى شۇكى، لىن يۈەن بىر قېتىملىق زىيارەتتە كۆرەڭلىگەن ھالدا مۇنداق دېگەن: «ما يۈننىڭ مەندەك پۇلى يوق، ئەينى يىلى ئۇ تېخى ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان چاغدا مەن جۇڭگودىكى ئەڭ پۇلدار ئادەم ئىدىم، مەن بىر ئۆمۈر باشقىلارغا ئىشلەپ باقمىغان.» 
ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغىنى، ئۇ: «نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزىنى قالتىس ھېس قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ شوپۇر، بالا باققۇچىلىرىمنىڭچىلىك پۇلى يوق، ئەينى يىلى ئۇلار مەن بىلەن پاي چېكى سودىسى قىلاتتى، ھازىر شوپۇرۇمنىڭ مۈلىكى 800 مىليون يۈەن، بالا باققۇچۇمنىڭ مۈلىكى 200 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.» دېگەن ئىدى.
ئۇنداقتا، لىن يۈەننىڭ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكى قانچىلىك؟ 2020-يىللىق ماۋتەينىڭ پايچىكلار يىغىنىدىن بىز بەزى تەپسىلاتلارنى كۆرۈۋالالايمىز. 
ئەينى چاغدا ماۋتەينىڭ پايچىكى لىن يۈەننىڭ سۆزى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇ يىغىندا ماۋتەينىڭ سېتىلىشىغا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ماۋتەيدە %2 پاي چېكىم بار، بۇنى ماۋتەينىڭ چوڭ پايچىكى دېيىشكە بولىدۇ، ئەينى يىلى ماۋتەي مېنىڭ ئۇلارغا پاي چېكى سېتىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلغان، لېكىن ھازىر مەن ئازراق ماۋتەي سېتىۋالماقچى بولسام، تىلەمچىگە ئوخشاش ھەممە يەردە ماۋتەي ساتقۇچىلارغا يالۋۇرۇۋاتىمەن، ماۋتەي ئۆزى ئەستايىدىل ئويلىنىشى كېرەك، قاچان مۇشۇنداق يۇقىرى بولۇپ قالىدى؟
بۇ سۆزلەر رەئىس سەھنىسىدىكى ماۋتەي زاۋۇت تەرەپنى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. %2 ماۋتەي پاي چېكىنىڭ قىممىتى قانچە پۇل بولىدۇ؟ ماۋتەينىڭ بازار قىممىتى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، شۇ بويىچە دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا 30 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، شۇڭا ئۇنى ھەقىقەتەن دەرىجىدىن تاشقىرى باي دېيىشكە بولىدۇ، گەپ قىلغاندا ۋە ئىش قىلغاندا مۇشۇنداق چەكتىن ئاشۇرۇپ سۆزلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. پەقەت بۇ يىل ماۋتەينىڭ پاي چېكىنىڭ باھاسى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى، ئېنىقكى، لىن يۈەننىڭ مۈلكىمۇ ئازلاپ كەتتى، لېكىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ پەقەت سان خالاس. 
لىن يۈەن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ پاي چېكى بازىرىدا 20 نەچچە يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەنلىكىم، كۆپ قېتىم كاسات بازارغا دۇچ كەلگەندىمۇ يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىغانلىقىمنىڭ ئاچقۇچى روھىي ھالەت دېگەن سۆزدە. پاي چېكى سودىسىدا قىمار ئوينىغاندەك، ئۇتسا ساراڭلارچە دو تىكىدىغان، ئۇتتۇرسا دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىق كېرەك، پەقەت چىڭ تۇرۇشلا ئاساس. مەن زىيان تارتساممۇ، ئۇتساممۇ، خاتىرجەم قوبۇل قىلالايمەن. ھازىر پاي چېكى بازىرىدا بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىشنى ئويلىماسلىق كېرەك.»

لىن يۈەندىكى ئاجايىپ كەچۈرمىشلەردىن، بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئەڭ دەسلەپتە ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن تەلەيلىك تەركىبلەر بار ئىدى، خۇددى لاتارىيە بېلىتىگە ئوخشاش، بۇ خىل پۇرسەتكە ھەممە ئادەم ئېرىشەلمەيتتى. 
يۈرەكلىك بولۇش ھەقىقەتەن ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ بىر تەرىپى، لېكىن پاي چېكى بازىرىنىڭ خەتىرى بار، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ قارىغۇلارچە ئۆزىنىڭ بىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن باشقا پۇلنى تېپىشنى ئويلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. 
بىز شۇنى تېخىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، بىر كېچىدىلا بېيىپ كەتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەردە لىن يۈەندىكى تەمكىنلىك ۋە ئەقىل-پاراسەت ھازىرلانمىغان بولىدۇ.

پاي بازىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ئالدىدا، ئۇ قارىغۇلارچە ئەگەشمەي، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلىغاندىلا، ئاندىن كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بۇنىڭغا سىزنىڭ قانداق پىكىرىڭىز بار؟ باھالاش رايونىدا سۆز قالدۇرۇپ مۇزاكىرە قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
مەنبە: توۋتىياۋ تورىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى. 
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!

-----

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»

ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0