搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئەگەر ئالىپاي «ۋەيران» بولسا، ئىشلەتكۈچىلەر پۇلىنى ئالالامدۇ؟
>
ئەگەر ئالىپاي «ۋەيران» بولسا، ئىشلەتكۈچىلەر پۇلىنى ئالالامدۇ؟
Nepkar
2022-01-27
1
导读:ھازىر ما يۈن ئەلى بابانىڭ پەردە ئارقىسىدا ئەمەس، ئۇ ھازىر ئەلى بابانىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا
ما يۈن ئاللىقاچان جاھانكەشتىلىكتىن چېك
ىنىپ چىقتى، لېكىن جاھانكەشتىلىكتە ما يۈننىڭ رىۋايىتى ئىزچىل تارقالماقتا، ما يۈننىڭ ئۆتمۈشى توغرىسىدا يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر مۇنازىرە قىلشىماقتا. ما يۈن ئېيتقان بەزى تىللالىق جۈملىلەرنى كىشىلەر دائىم نەقىل كەلتۈرىدۇ، ما يۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسىنى ياشلار ماكاك دەپ قارايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا ما يۈن قۇرغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، مەسىلەن چىقىمدان (ئالىپاي). مەيلى توردا مال سېتىۋېلىش ياكى تور سىرتىدا پۇل تۆلەش بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك چىقىمدان ئىشلىتىدۇ. ئەمما، چۈمۈلە گۇرۇھى دۇچ كەلگەن بەزى ئەھۋاللار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر چىقىمدان «ۋەيران» بولسا، ئىشلەتكۈچىلەر پۇلىنى ئالالامدۇ؟ پۇلنى چىقىمدانغا قويۇپ قويساق كاپالەتكە ئىگە بولامدۇ-يوق؟
ما يۈننىڭ چىقىمدانى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان كۆچمە چىقىم قىلىش قورالىغا ئايلاندى، يەنە كېلىپ چىقىمداندىن نۇرغۇن تۇرمۇش مۇلازىمەتلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئابونتلار ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېلەت سېتىۋېلىش، قىممەت تولۇقلاش، سودىلىشىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلسا بولىدۇ.
چىقىمداننىڭ قوللىشى بىلەن، دۆلەت ئىچىدىكى كۆچمە ھەق تۆلەش بازىرى تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈردى، بىراق چىقىمدانغا نىسبەتەن، نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئۇنى ئەلى بابا بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەلى بابا بايرىقى ئاستىدىكى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات دەپ قارايدۇ.
مۇنداقچە ئېيتقاندا ئانچە توغرا ئەمەس، دەسلەپتە چىقىمدان ھەقىقەتەن ئەلى بابانىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، ما يۈننىڭ بىر قوللۇق بەرپا قىلىشى بىلەن كۆچمە ھەق تۆلەش بازىرىنىڭ شامال ئېغىزىغا چىقىپ، ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان ۋە ئومۇملاشقان ئىدى. ما يۈن ئالىپاينىڭ ئىستىقبالىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئەلى بابانىڭ كۆپ قىسىم پايچىكلىرىنىڭ ھەممىسى چەتئەل كاپىتالى ئىدى. ئەگەر چىقىمدان داۋاملىق ئەلى بابانىڭ ئىلكىدە بولسا، كەلگۈسىدە چەت ئەل كاپىتالىمۇ ئەلى چىقىمدانىغا قول تىقىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ما يۈن ئالىپاينى چۈمۈلە گۇرۇھىغا ئايرىپ، ئۇنى چۈمۈلە گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرغان.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە خۇابېي، جېبېي قاتارلىق يادرولۇق كرېدىت كەسپى چىقىمدانغا جەملىنىپ، چىقىمداننى دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە ماگناتىغا ئايلاندۇردى، شۇنداقلا چۈمۈلە گۇرۇھىغا 2 تىرىليون يۈەن خەلق پۇلى مۆلچەر قىممىتى يارىتىپ بەردى.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ما يۈننىڭ چىقىمدانىدىن كەلگەن، ما يۈن چۈمۈلە گۇرۇھى ئۈچۈن غايەت زور قىممەت ياراتقاندىن كېيىن، پېيىنى بازارغا سېلىشنى قارار قىلدى. كېيىنكى ئەھۋاللارنى كۆپچىلىك بىلىدۇ، چۈمۈلە گۇرۇھىنىڭ 2 تىرىليون يۈەنلىك مۆلچەر قىممىتىنىڭ ئارقىسىدا پۇل مۇئامىلە پىشاڭى خەتىرى چوڭ بولۇپ، پىشاڭنىڭ كېلىش مەنبەسى خۇابېي، جېبېي ئىدى.
خېرىدار خۇابېي ئارقىلىق پۇل قەرز ئېلىپ، ئاندىن خۇابېي ئارقىلىق ئۆسۈمىنى قايتۇرىدۇ، يېتەرلىك ئاساسىي سان بولغاندىن كېيىن، ئۆسۈم پەيدا قىلغان ئىستېمال كرېدىت سوممىسى چوڭ پايدا يارىتىدۇ. مۇھىمى چۈمۈلە گۇرۇھى خېرىدارنىڭ خۇابېيدىكى قەرز ئېلىش خاتىرىسىگە ئاساسەن بانكىدىن قەرز ئالىدۇ، خېرىدار پۇلنى خۇابېي تەمىنلىگەن، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ پۇللار بانكىدىن كەلگەن.
ئەگەر بىرەر ئىش يۈز بېرىپ قالسا، بانكا چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، چۈمۈلە گۇرۇھى ۋاسىتىچى سودىگەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېكىنىۋالسا چېكىنسە بولىدۇ. بۇ ئىشلار ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، سىرتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.
ھازىر چۈمۈلە گۇرۇھى ئۆزگەرتىشكە دۇچ كەلدى، ما يۈن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا 43 مىليارد يۈەن نەقلەشتۈرۈپ چېكىنگەن ئىدى. خۇابېي، جېبېينىڭ ئاستا-ئاستا چۈمۈلە گۇرۇھىنىڭ ئىستېمال پۇلى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، خېرىدارلار چىقىمداندىن سەل ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئەگەر چىقىمدان «ۋەيران» بولسا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پۇلىنى ئالغىلى بولامدۇ يوق؟ بۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.
ئەگەر چىقىمدان «ۋەيران» بولسا، ئابونىتلارنىڭ پۇلىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ چوڭ ھەم يىقىلمايدىغان كارخانا يوق، شۇڭا چىقىمدانغا ئوخشاش داڭلىق مەھسۇلاتلارنىڭ كەينىدە چۈمۈلە گۇرۇھى يۆلەنچۈك بولغان تەقدىردىمۇ ئابونىتلارنىڭ نەزىرىدە ئېنىقسىزلىق بولۇشى مۇمكىن.
قانداقلا بولمىسۇن كۆپ ساندىكى كىشىلەر پۇلنى چىقىمدانغا ئامانەت قويىدۇ، ياكى قالدۇق ئىسچوتقا قويىدۇ، ياكى قالدۇقدانغا سالىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پۇلنى قالدۇقدانغا ساقلاپ، ھەر كۈنى پايدا ئالالايدۇ.
چۈنكى قالدۇقدان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پۇلىنى مەبلەغ سېلىپ مالىيە باشقۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ، مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولسا، ئابۇنىچىلارنىڭ قالدۇقداقدىكى كىرىمىمۇ ئاشىدۇ. لېكىن بۇ مۇقىم ئەمەس، ھەر كۈنى يۇقىرى-تۆۋەن تەۋرىنىش ناھايىتى نورمال.
بۇنى كۆرۈپ بەزىلەردە گۇمان پەيدا بولدى، قالدۇقداندا ئىشلەتكۈچىنىڭ پۇلى مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىلگەن ئىكەن، ناۋادا بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، ئىشلەتكۈچىنىڭ ھېسابىدىكى قالدۇققا تەسىر يېتەمدۇ؟ بەلكىم چىقىمدان «ۋەيران» بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەمەلىيەتتە بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، گەرچە ئابۇنىچى پۇلنى قالدۇقدانغا ئامانەت قويغان بولسىمۇ، لېكىن تەلەپكە ئاساسەن، چىقىم قىلىش سۇپىسى ئابۇنىچىنىڭ پۇلىنى قوبۇل قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولسا، مەركىزىي بانكىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، بۇ ئارقىلىق ئابۇنىچىغا بېرىلىدىغان پۇل كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر راستتىنلا بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پۇلىنىمۇ مەركىزىي بانكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداق بولغانىكەن، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پۇلىنىمۇ تەبىئىي ھالدا ئالغىلى بولىدۇ.
راستىنلا «ۋەيران» بولۇش باسقۇچىغا كېلىپ قالسا، سۇپا ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان فوندتىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قالدۇق سوممىسى ھېساب قىلىنمايدۇ. چىقىمداندىن ئىبارەت بۇ خىل مەھسۇلاتقا يېڭى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىنى تېپىش ئانچە تەس ئەمەس، باشتىن-ئاخىر ئابونتلارنىڭ پۇلى ئىسچوتتا ساقلىنىدۇ.
ئەگەر پۇل قالدۇقدانغا قويۇلماي، پەقەت چىقىمدان ھېسابىدىكى قالدۇققىلا قويۇلسا، ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ، ھېساباتنىڭ ئوغرىلىنىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
چۈنكى چىقىمداننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچىنىڭ ھېسابىدىكى قالدۇق سومما ئوغۇرلانسا، ئۇنداقتا چىقىمدان تولۇق تۆلەم بېرىدۇ. چىقىمدانىنىڭ بۇنچىلىك زورىيالىشىنىڭ سەۋەبى يوق ئەمەس، 2003-يىلى ئەلى چىقىمدانى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ھېسابات ئوغۇرلاش قاتارلىق خەتەرلىك ۋەقەلەر ئاساسىي جەھەتتىن يۈز بېرىپ باقمىدى. ئەلى چىقىمدانى ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭ قېتىملىق سودىغا تىرەك بولىدىغان بولغاچقا، مۇقەررەر ھالدا سىستېما مۇقىملىقىنى يۈكسەك دەرىجىگە يەتكۈزگەن، بىخەتەرلىكنى كونترول قىلىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. شۇڭا مەيلى ئالىپاي «ۋەيران» بولسا پۇلىنى ئالغىلى بولامدۇ بولمامدۇ؟ دېگەن مەسىلە بولسۇن ياكى ئالىپاي ئىچىگە قويۇپ قويساق بىخەتەر بولماي قالارمۇ؟ دېگەن مەسىلە بولسۇن، قىلچە ئەنسىرەش ھاجەتسىز.
ئاخىرقى سۆز
ھازىر ما يۈن ئەلى بابانىڭ پەردە ئارقىسىدا ئەمەس، ئۇ ھازىر ئەلى بابانىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتناشمايدۇ، لېكىن ما يۈن يەنىلا چىقىمدان قاتارلىق مۇھىم مەھسۇلاتلارنى ئايرىپ چىققان بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ما يۈننىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن زور، چىقىمدان بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ قولايلاشتى.
ما يۈنمۇ «بانكا ئۆزگەرمىسە، بانكىنى ئۆزگەرتىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. ئالىپاينىڭ داۋاملىق ئابونتلارغا قولايلىق، ياخشى بولغان سۇپا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇنىڭغا سىلەر قانداق قارايسىلەر؟
مەنبە: ئىشگاھ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0