大数跨境

ئىككى چاشقان تەجرىبىسى

ئىككى چاشقان تەجرىبىسى Nepkar
2022-01-19
2
导读:پەقەت ئەمگەكچىلەرگە ئۈمىدنى كۆرسەتكەندىلا، ئەمگەكچىلەر ئاندىن ھاياتلىق ۋە ئۈمىدكە ئېرىشىشنى خالايدۇ.


ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، خارۋارد داشۆسىدىكى Curt Richter چاشقانغا قارىتا بىر قېتىملىق رەھىمسىز «ئۈمىد» تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىپ، بىر توپ تەجرىبىخانىدا بېقىلغان چاشقاننى سۇغا تاشلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى سىنىغان.
ئىككى-ئۈچ مىنۇتتا، چاشقانلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغان.
ئارقىدىنلا، Curt يەنە بىر توپ بەدەن ساپاسى ياخشى ياۋا چاشقانلارنى تۇتۇپ ئوخشاش تەجرىبە قىلغان، نەتىجىدە تەجرىبىخانىدا بېقىلغان چاشقانلاردىن بىر مىنۇتمۇ ئارتۇق بەرداشلىق بېرەلمىگەن.


ئەمما، Curt نىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق تەجرىبىسىدە، چاشقان سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشكە ئاز قالغاندا، ئۇلارنى سۈزۈۋېلىپ يەنە تاشلىۋەتكەندىن كېيىن، بەرداشلىق بېرىش ۋاقتى Curt نى ھەيران قالدۇرغان.
چاشقاننىڭ بەرداشلىق بېرىش ۋاقتى بىر ھەسسە قاتلاندى؟ ئىككى ھەسسە؟ بەش ھەسسە؟
ياق! چاشقاننىڭ بەرداشلىق بېرىش ۋاقتى مىڭ ھەسسە قاتلىنىپ، سۇدا 60 سائەت، يەنى ئۈچ كۈنگە يېقىن تىركەشكەن.
ئۈمىدنى كۆرگەن چاشقان ۋاز كەچمەيدۇ، پەقەت بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكى بولسا، بەدىنىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ خوراپ تۈگىگەنلىكىدىن بولغان.
Curt تەجرىبە خاتىرىسىگە مۇنداق يازغان: «ئۈمىدسىزلىكنى تۈگەتكەندىن كېيىن، چاشقان ئۆلمەيدۇ.»


«ئۈمىد» ناملىق بۇ تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ئىشەنچ بولسىلا، ھايۋانلار ئۆزىنىڭ ئالاھىدە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ.
بۇ تەجرىبە دەل ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوكياننىڭ ئۇ قىرغىقىغا ئىزاھات بەردى.

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408