大数跨境

ئالاھىدە دىققەت: ئۈندىدار، چىقىمدان رەقەملىك خەلق پۇلىنى ئۇلىدى!

ئالاھىدە دىققەت: ئۈندىدار، چىقىمدان رەقەملىك خەلق پۇلىنى ئۇلىدى! Nepkar
2022-01-07
2
导读:قەغەز پۇل بىلەن تەڭ قىممەتكە ئىگە، ئاساسلىقى ئاممىنىڭ رەقەملىك شەكىلدىكى نەق پۇلغا بولغان ئېھتىياجىغ
سىز «رەقەملىك خەلق پۇلى»نى ئاڭلاپ باققانمۇ يوق بىلمەيمەن. (بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياجانلىق دەقىقىلەر: خەلق پۇلىنىڭ دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆستى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)


ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، رەقەملىك خەلق پۇلى ئېلىمىز خەلق بانكىسى تارقاتقان رەقەملىك شەكىلدىكى قانۇنىي پۇل بولۇپ، قەغەز پۇل بىلەن تەڭ قىممەتكە ئىگە، ئاساسلىقى ئاممىنىڭ رەقەملىك شەكىلدىكى نەق پۇلغا بولغان ئېھتىياجىغا ئىشلىتىلىدۇ.


بۈگۈن بىر چوڭ خەۋەر چىقتى: ھازىر، رەقەملىك خەلق پۇلىنى ئۈندىدار ۋە چىقىمداندىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
رەقەملىك خەلق پۇلى App يەنە بىر قېتىم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلىدى، مىكرو ئاۋام بانكىسى (ئۈندىدار چىقىمدانى ۋە تور سودا بانكىسى (چىقىمدان)نىڭ رەقەملىك خەلق پۇلى ھەميانى رەسمىي تورغا چىقىرىلدى.


رەقەملىك خەلق پۇلى App دىن «مېنىڭ» دېگەننى تېپىپ «رەقەملىك ھەميان ئېچىش ياكى قوشۇش (开通或添加数字钱包)»، يەنى ئالىپاي ۋە ئۈندىداردا رەقەملىك خەلق پۇلى ئىقتىدارىنى ئېچىشقا بولىدۇ.


ئابونتلار ئۆز نامىدا ئۈندىدار (ئۈندىدار ئارقىلىق چىقىم قىلىش) رەقەملىك خەلق پۇلى ھەميانىنى ئاچقاندىن كېيىن، رەقەملىك خەلق پۇلى App ئارقىلىق ئۈندىدار ئىچىدە چىقىم قىلسا بولىدۇ.


ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈندىدارىڭىز نۆۋەتتە رەقەملىك خەلق پۇلى كىرىش ئېغىزىنى بىۋاستە كۆرسىتەلمەيدۇ، سىز رەقەملىك خەلق پۇلى App ئىچىدە ھەميانىڭىزنى ئىككىنچى تۈردىكى ھەميان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشىڭىز كېرەك. (سۈكۈتتىكى تۆتىنچى تۈر)


ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئېچىلغان ئابۇنىچىلارنىڭ ئۈندىدار پۇل تۆلەش «ھەميان» بېتىگە يېڭىدىن «رەقەملىك خەلق پۇلى» كىرىش ئېغىزى قوشۇلىدۇ، ئۈندىدار «پۇل تاپشۇرۇش» بېتىگە يېڭىدىن «رەقەملىك خەلق پۇلى ئىشلىتىپ پۇل تۆلەش» تۈرى قوشۇلىدۇ.


ئۈندىدار ئارقىلىق رەقەملىك خەلق پۇلى كىرىم قىلىش كودىنى سىكاننېرلاپ ياكى سودىگەرلەرگە ئۈندىدارنىڭ رەقەملىك خەلق پۇلى چىقىم قىلىش كودىنى كۆرسەتكەندە، كۆپچىلىك قولايلىق ھالدا رەقەملىك خەلق پۇلى ئارقىلىق پۇل تۆلىگىلى بولىدۇ.
تېخىمۇ تەپسىلىي ئېچىش كۆرسەتمىسىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ:


ئەلى چىقىمدانى ئەمەلىيەتتە بۇلتۇر 5-ئايدىلا رەقەملىك خەلق پۇلىنى ئىشلەتكەن، بىراق ئەينى چاغدا رەقەملىك خەلق پۇلى APP سى پەقەت ئاز ساندىكى رايونلاردىلا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلگەچكە، كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمىگەن.
ئالىپاينىڭ ئىچىلىش شەكلى ئۈندىدار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، رەقەملىك خەلق پۇلى App دا مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كىيىن ئالىپايدا بىر رەقەملىك خەلق پۇلىنىڭ Logo سى پەيدا بولىدۇ.


پۇل چىقىم قىلغاندا، پۇل چىقىم قىلىش يولىدا «رەقەملىك خەلق پۇلى ھەميانى»نى تاللاشقا بولىدۇ:


نۆۋەتتە رەقەملىك خەلق پۇلى App نى قوللايدىغان تور سودىگەرلىرى يەنىلا ناھايىتى كۆپ، كۆپچىلىك «مۇلازىمەت»تىكى تارماق ھەميانىنى چەكسەك، سودىگەرلەر تىزىملىكىدىن جىڭدۇڭ، مېيتۇەن، ئېلېما، تيەنماۋ تاللا بازىرى، شيېچېڭ، B پونكىت، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى قاتارلىق نۇرغۇن سودىگەرلەرنىڭ رەقەملىك خەلق پۇلىنى ئىشلىتىش ۋە پۇل تۆلەشنى قوللىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.


رەقەملىك خەلق پۇلىنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنىڭ پايدىسى كۆپ:
بىر تەرەپتىن، رەقەملىك خەلق پۇلى نەق پۇل بىلەن تەڭ قىممەتتە بولۇپ، ئۇ ھەرقايسى ئوخشاش بولمىغان رەقەملىك ھەميان ئارىسىدا ئوبوروت قىلىنىپ، بىردەك قەغەز پۇل ئارقىلىق چىقىم قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەرقانداق رەسمىيەت ھەققى يوق بولۇپ، نەق پۇل چىقىم قىلىش ۋە نەق پۇل ئېلىش تەننەرخى تۆۋەنلەيدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، رەقەملىك خەلق پۇلى قەغەز پۇلغا ئوخشاش بىردىنبىر «تەرتىپ نومۇرى»غا ئىگە بولۇپ، ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىمۇ، كېلىش مەنبەسى ۋە يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىز قوغلاشقىمۇ بولىدۇ، پۇل ئوبوروت تىرايېكتورىيەسىنى تېخىمۇ ئاسان ئىستاتىستىكىلاپ چىققىلى بولىدۇ. پۇل يۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرماسلىق قاتارلىق پۇل مۇئامىلە جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئاخىرىدا، رەقەملىك خەلق پۇلى قوش تورسىز ئىشلىتىشنى قوللايدۇ، بۇ دەۋر ھالقىغان تېخنىكا، پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى تەرەپ ۋە پۇل تۆلىگۈچى تەرەپنىڭ تورى بولمىسىمۇ سودىنى تاماملىغىلى بولىدۇ.


ئەگەر ئالاھىدە مۇھىتتا، مەسىلەن، تاغلىق رايون، يەر ئاستى ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ھەتتا بەزى تەبىئىي ئاپەتلەر كۆچمە خەۋەرلىشىشنى ۋەيران قىلغان ئەھۋالدا، بۇ خىل قوش تورسىز ھالەتتە ھەق تۆلەش ئىقتىدارى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
بەلكىم بەزى دوستلار «قوش تورسىز ئىقتىدارىنى قوللىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر بىر قەدەر ئۇزۇن مەزگىللىك تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچراپ، كۆپ مىقداردىكى يانفون ئۈسكۈنىلىرىدە توك بولمىسا، ئۇنداقتا يەنىلا رەقەملىك خەلق پۇلى ئارقىلىق پۇل تۆلەشكە ئامالسىز قالىمىز.» دېيىشى مۇمكىن.
گەرچە ھەقىقەتەن شۇنداق بولسىمۇ، لېكىن يىراقنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ مەسىلىنى خەلق پۇلىنىڭ ھەل قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، مەسىلەن، ھازىر ئىنتايىن تۆۋەن ئېنېرگىيە سەرپىياتىلىق NFT تېخنىكىسى بار، گەرچە يانفوننىڭ توكى قالماي ئېتىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ، يانفوننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى NFT ئۆزىكى يەنىلا خېلى ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت قىلالايدۇ.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، رەقەملىك خەلق پۇلى چوقۇم مۇكەممەللىككە بارغانسېرى يېقىنلىشىدۇ.
بەلكىم بەزى دوستلار «رەقەملىك خەلق پۇلى ئۈندىدار ۋە چىقىمدانغا كىرىپ، توردا چىقىم قىلىش سودا بازىرىنى ئاغدۇرۇۋېتەمدۇ؟» دېگەن مەسىلىگە  قىزىقىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.
رەقەملىك خەلق پۇلى بىلەن ئۈندىدار، چىقىمدان ئوتتۇرىسىدا رىقابەت مۇناسىۋىتى يوق، چۈنكى رەقەملىك خەلق پۇلى ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئەمەلىي گەۋدىسى يوق قەغەز پۇل بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى قەغەز خەلق پۇلى يەنى نەق پۇل ئالىدۇ.
ئۈندىدار چىقىمدانى، چىقىمدان قاتارلىقلارنىڭ ماھىيىتى چىقىم قىلىش ئاپپاراتى بولۇپ، نەق پۇل توشۇغۇچى دەپ قاراشقا بولىدۇ.


ئەگەر نەق پۇلنى سۇغا ئوخشاتساق، مەيلى مىنېرال سۇ (قەغەز پۇل) ياكى ساپ سۇ (رەقەملىك خەلق پۇلى) بولسۇن، ھەممىسى سۇ تۇرۇبىسى ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ.

ھازىر،  سالونىمىزغا «数字人民币» دەپ قايتۇرسىڭىز چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىغا ئېرىشەلەيسىز.
مەنبە: IT ئائىلىسى ئۈندىدار سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ئۆي-مۈلۈك بېجى: كىم شادىمان؟ كىم پەرىشان؟

2021-10-31

دۇنيا ئىقتىسادى بارغانسېرى 1970-يىللارغا ئوخشاپ قېلىۋاتامدۇ؟

2021-10-31

ئۆي-مۈلۈك بېجى نوقتا سىنىقى: كىم تۇنجى ئاتاكىغا ئۆتەلەيدۇ؟

2021-10-24

ئۆي مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى!

2021-10-23

چولپانلارنىڭ پاھىشىۋازلىق قىلىش «تەننەرخى» قانچىلىك؟

2021-10-23

دۇنيا بىر قېتىملىق پۇل پاخاللىقىغا مۇھتاجمۇ؟

2021-10-22

جاننى قۇتقۇزۇش پەيتى: خېڭدانىڭ سودىنى «بۇزۇۋېتىش»ىدىكى ھەقىقەت

2021-10-21

ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟

2021-10-19

يېڭى سەپەر: ئورتاق بېيىش

2021-10-16

قايمۇقتۇرۇلغان شۈ جايىن ۋە خېڭدا كىرىزىسى

2021-10-14

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟

2021-10-13

خېڭدا ۋە ئۆي-مۈلۈكچىلىكنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟

2021-10-11

شياڭگاڭدىكى جۇ شىڭچى ۋە ئۆي-زېمىن

2021-10-10

ياۋرۇپا ئېنىرگىيە كىرزىسىنى كىم پەيدا قىلغان؟

2021-10-10

تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش

2021-10-09

دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى

2021-10-03

قەرز كىرىزىسىدا قالغان خېڭدا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى

2021-10-03

لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى

2021-09-29

جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كېكىرتىكىنى قىسالامدۇ؟

2021-09-28

يېشىل «قالپاق» كەيگۈزۈلگەن فىرانسىيە

2021-09-22

خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر

2021-09-20

يېڭى «قالايمىقانچىلىق» بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆرلەش شوتىسىدۇر

2021-09-19

بايلارنىڭ ھالاكىتى

2021-09-18

خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟

2021-09-17

ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتنىڭ ئىچكى يادروسى

2021-09-14

«ۋېن جېڭ» ۋە «ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات»

2021-09-13

سوۋىتنىڭ خاتالىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دانالىقى

2021-09-09

مائارىپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالاش: ئۈچ چوڭ ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشى

2021-09-05

خەير-خوش خېڭدا، جۇڭگو يەر مۈلكىنىڭ يېڭى دەۋرى

2021-09-04

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

2021-09-03


------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0