搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
جۇڭگو نېمە ئۈچۈن يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدۇ؟
>
جۇڭگو نېمە ئۈچۈن يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدۇ؟
Nepkar
2022-02-13
2
导读:«يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش» ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى...
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن كاپىتال بازىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىشىگىچە، «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش» يېڭى تور قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى. نۇرغۇن كىشىلەر: «ئاساسىي قۇرۇلۇشنى بىز بىلىمىز، 2008-يىلىدىكى 4 تىرىليون يۇەننى كۆردۇق، ئۇنداقتا يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش دېگەن نېمە؟» دېيىشتى.
«يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش» ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، چېتىلىدىغان ساھەلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈك بولۇپ، ئاساسلىقى 5G ئاساسىي قۇرۇلۇشى، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىم، شەھەرلەر ئارا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋە شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش پونكىتى، چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سانائەت ئالاقە تورى قاتارلىق يەتتە چوڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جۇڭگو نېمە ئۈچۈن ھازىر «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش» ئېلىپ بارىدۇ؟
چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش بۇ يىل تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس، 2018-يىلى 12-ئايدىلا يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 2019-يىللىق ھۆكۈمەت دوكلاتىغا كىرگۈزۈلگەن. 2020-يىلى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە چەتئەلدىكى چوڭ مۇھىتنىڭ تەسىرىدە، تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولدى. بۇنىڭ پايدىسى نەدە؟
قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پايدىلىق. 2020-يىلى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى زور تەسىرگە ئۇچرىدى. 2020-يىلى 1-پەسىلدە GDP ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 تۆۋەنلىگەن. ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمى 5082 يۈەن بولۇپ، ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.5 تۆۋەنلىگەن. ئېكسپورت ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4، ئىمپورت ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.7 تۆۋەنلىگەن. ئىستېمال، مەبلەغ ۋە ئېكسپورت قاتارلىق ئۈچ جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلدى، ئىقتىساد توختاپ قالسا، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۆرلەپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمى تېخىمۇ ئازىيىپ، ئىستېمال سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ، مەھسۇلاتلار سېتىلماي، ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋەيران بولۇپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنىمۇ ئۆرلەپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش شەكىللىنىدۇ.
ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىشنىڭ بىر خىل شەكلى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئىقتىسادقا بىۋاسىتە تۈرتكە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، بۇمۇ «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش»نىڭ تېز سۈرئەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بىرى.
ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ئىلگىرى ئاساسىي قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش ئىزچىل تۈردە دۆلىتىمىز GDP سىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن، لېكىن تۆمۈر يول، تاشيول، كۆۋرۈك قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى كونا ئاساسىي قۇرۇلۇش ئېھتىياجى چەكلىك ئىدى، خۇددى ئادەمنىڭ بويى چەكسىز ئۆسۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىغانغا ئوخشاش، ئۇنىڭ ئۈستىگە «قۇۋۋەت دورىسى»نى قىسقا ۋاقىت كۆپ يېسە، كېسەل ئاسارىتى قالىدۇ: كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش، ئۆي باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىش قاتارلىقلار، ھېچكىم بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ يەنە بىر قېتىم كۆرۈلۈشىنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھازىر 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىگە قەدەم قويدۇق، 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تېخنىكا يادروسى كومپيۇتېر، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان كەسىپلەر 5G، چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سانائەت ئالاقە تورى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بۇ چاغدا «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش» مەيدانغا چىقتى.
5G نى مىسالغا ئالساق، بەزى ئاپپاراتلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2025-يىلىغا بارغاندا 5G قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ جەمئىي 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنى ۋە ھەر قايسى كەسىپلەردە قوللىنىش سېلىنمىسىغا تۈرتكە بولۇپ، 3 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن، 5G قۇرۇلۇشى يەنە ئون نەچچە تىرىليون يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتىنىڭ يېڭى كەسىپلىرىگە تۈرتكە بولىدىكەن، مەسىلەن، 3D سىن، تور مائارىپى، يىراق مۇساپىلىك ئىش بېجىرىش، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش، ئەقلىي شەھەر، سانائەتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئاپتوماتىك ھەيدەش قاتارلىقلار. بۇ 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش»نىڭ غايەت زور ئېھتىياجىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر تېما ئۆزەكتە كېكىرتەك بوغۇلۇپ قېلىش مەسىلىسى، ئامېرىكا ھە دېسىلا جۇڭگو كارخانىلىرىنى جازالاۋاتىدۇ. پەقەت مۇستەقىل يادرولۇق تېخنىكىغا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن رىقابەتتە ئۇتۇپ چىققىلى بولىدۇ. شۇڭا «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش» جۇڭگونىڭ كەسىپ ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سېلىنغان ئاساس بولىدۇ.
بەزى تورداشلار: «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش»نىڭ ھەممىسى بىر قىسىم يۇقىرى پەن-تېخنىكا بولۇپ، بىز ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، دېيىشتى. «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش»نىڭ ئۆزى سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش» ئېلىپ كەلگەن ئىقتىساد، سودا ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى چوقۇم ھەممىمىزگە مۇناسىۋەتلىك.
مەسىلەن، «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش»قا مەبلەغ سېلىش پىلانى نۇرغۇن يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسى تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ئېھتىياجلىق. كومپيۇتېر ئۆگىنىۋاتقانلار ئەگەر بۇ ساھەدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى چۈشەنسە، خىزمەت تېپىشقا ياردىمى بولىدۇ. يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر مەزگىلدە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆيىدە قاپسىلىپ قالدى، تۈرلۈك «بۇلۇت دەرسى»، «بۇلۇت خىزمىتى» قاتارلىق «بۇلۇت مۇلازىمىتى» يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ بىر ئەمەلىي ئىپادىسى بولۇپ، بۇ كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
توك قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىدۇ. يەر شارىدىكى ھەرقايسى چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىلىرى كەلگۈسى بەش يىلدا يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىلىنى سېتىش، ئىشلەپچىقىرىش پىلانىدىن تەدرىجىي ۋاز كېچىدۇ. ھازىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پەقەت بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردىلا بولۇپ، كىچىك كۆلەملىك كىشىلەر توپى ئارىسىدا مەۋجۇت، كەلگۈسىدە توك قاچىلاش مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، توك ئاپتوموبىللىرى ھەرقايسى لىنىيەلىك شەھەرلەردە پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە توك باھاسى ئەرزانلايدۇ، بىر ئاپتوموبىلنىڭ ھەر يىللىق ماي قاچىلاش ھەققى 10 مىڭ يۈەن بولىدۇ، لېكىن ئوخشاش مۇساپىگە توك ئىشلىتىلسە كۆپ پۇل تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
خۇلاسىلەپ باقايلى: «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش» يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى سىياسەت ۋاسىتىسى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھالقىلىق گىردە، جۇڭگو مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇرسەت ۋە تەرەققىياتنى كۈتۈۋالىدۇ، «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش» ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، بىز ياخشى تەييارلىق قىلىپ، ئۆزىمىزگە تەۋە سەھنىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.
مەنبە: خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408