大数跨境

ئالتە تىرىليون دوللار ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكمەتلەر

ئالتە تىرىليون دوللار ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكمەتلەر Nepkar
2022-01-17
1
导读:جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.


دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى، جۇڭگونىڭ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى تۇنجى قېتىم 6 تىرىليون دوللاردىن ئاشقان. بۇ بىر جۇڭگو رېكورتى بولۇپلا قالماي، يەنە بىر دۇنيا رېكورتى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئېكسپورت سودا كۆلىمى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى رېكورت ياراتتى.


جۇڭگونىڭ بۇ نەتىجىگە ئېرىشىشى جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى مۇنەۋۋەر ئىپادىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو كوللېكتىپ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈنلا، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە كەڭ تارقىلىشىنى توسۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن نىسبەتەن مۇقىم مۇھىت يارىتىپ بەرگەن.
جۇڭگو گەرچە دۇنيانىڭ زاۋۇتى بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئىزچىل ياسىمىچىلىق كەسپىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى ئويلاپ كەلدى. ۋېيتنام، ھىندىستاننى ئامېرىكا جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ مۇھىم ئورۇنباسارى دەپ قارايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ۋېيتنام بىلەن ھىندىستاننى يېڭى تاجىسىمان يۇقۇمى ئىشغال قىلغاچقا، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنى تارقاقلاشتۇرۇۋېتىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى، ئەكسىچە نۇرغۇن چەتئەل زاكازلىرى جۇڭگوغا قايتىپ كەلدى.


ۋېيتنام ۋە ھىندىستاننىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن جۇڭگو ياسىمىچىلىقىغا نۇرغۇن نومۇر قوشتى.
6 تىرىليون دوللارلىق بۇ نەتىجە نەتىجىسىدە، جۇڭگو-ئامېرىكا سودىسىنىڭ سالمىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئېكسپورتى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئىستېمالىنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىدۇ. ئامېرىكا ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ بىرىنچى چوڭ تاشقى سودا ئېكسپورت دۆلىتى بولۇش ئورنىنى ئىگىلەپ كەلگەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكا جۇڭگونى تېخنىكا جەھەتتىن قامال قىلغاچقا، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى ۋە يادرولۇق تېخنىكا مۈلكىنى سېتىۋالالمايدۇ. بۇ جۇڭگو ئامېرىكا سودىسىدا، جۇڭگونىڭ سودا ئاكتىپ بالانىسىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كۆپچىلىك سودا ئاكتىپ بالانىسنى چوڭ بولسىلا، جۇڭگو كۆپ پۇل تاپىدۇ، دەپ قارىماڭلار.
ئىككى تەرەپ سودىسىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ھالەت شۇكى، ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى غايەت زور، سودا پەرق سوممىسى بولسا تەڭپۇڭلۇققا چەكسىز يېقىنلىشىشىدۇر. لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا ئاكتىپ بالانىسى ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتىدۇ، جۇڭگو تاپقان ئامېرىكا دوللىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، سىرتقا چىقارغىنى بولسا ھەقىقىي تاۋار. بۇ جۇڭگونىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا ئۈزلۈكسىز «تارىخ» يارىتىپ بەردى. جۇڭگو شۇنچە كۆپ ئامېرىكا دوللىرى زاپىسىنى ئېلىپ خەجلىيەلمىدى، ئامال يوق، ئامېرىكا زايومى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدىغان گەپ، بۇ جۇڭگونىڭ ئامېرىكا دوللىرى زاپىسىنى ئامېرىكا قەرزى شەكلىدە ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ بەرگىنىگە باراۋەر.


بۇ بىر خىل ساغلام بولمىغان سودا ھالىتى. جۇڭگونىڭ تاپقىنى ئامېرىكا دوللىرى بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئامېرىكا قەرزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر ئامېرىكىنى سېتىۋالغۇچى دەپ قارىساق، جۇڭگونى ساتقۇچى دەپ قارايمىز. جۇڭگو ئامېرىكىنى مال بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئامېرىكا ئىزچىل نېسىگە مال ئالىدۇ، نېسى ھېساباتىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، بۇ نورمالمۇ؟
چوقۇم نورمال ئەمەس. جۇڭگونىڭ قولىدىكى ئامېرىكا قەرزى قانچە كۆپ بولسا، جۇڭگو ئامېرىكا قەرزىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن شۇنچە قورقىدۇ. شۇڭا، ھەر قېتىم ئامېرىكا ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كەلگەندە، بىر توپ كۆپچىلىك ئەربابلىرى ئامېرىكىنى قۇتقۇزۇش «تەكلىپى»نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلارنىڭ يادرولۇق كۆز قارىشى: «ئامېرىكىنى قۇتقۇزغانلىق جۇڭگونى قۇتقۇزغانلىق بولىدۇ.» دېگەندىن ئىبارەت.


بۇ نېمە دېگەنلىك؟ بۇ ئامېرىكا چوڭ، يىقىلىپ چۈشسە بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟
لېكىن، بۇ دۇنيادا ھېچقاچان چوڭ ھەم يىقىلسا بولمايدىغان كارخانا يوق، چوڭ ھەم يىقىلسا بولمايدىغان دۆلەتمۇ يوق. سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلغان يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە غۇلاپ چۈشتى.
جۇڭگونىڭ قىلىدىغىنى ئامېرىكىنى قۇتقۇزۇش ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ قەرزىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى قانداق قىسقارتىش، جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سوممىسىنىڭ سالمىقىنى قانداق تۆۋەنلىتىش، ئامېرىكىدىن باشقا تېخىمۇ چوڭ بازارنى قانداق تېپىشتىن ئىبارەت. تىجارەت قىلىشتا، تۇخۇمنى بىر سېۋەتكە سالماسلىق كېرەك، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودىمۇ شۇنداق.


بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا سۈركىلىشى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ئامېرىكىدىن باشقا سەپلىمە بازارلارنى ئېچىشقا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق.
2021-يىلىدىكى 6 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئېكسپورت سوممىسىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 1-ئورۇندىن 3-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. بىرىنچىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئىككىنچىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ئۈچىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

مەنبە: بايلىق يېڭى سانلىق مەلۇماتى

جۇڭگو يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئەمەلىي كۈچكە ئىگە. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نوپۇسى 600 مىليون، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نوپۇسى 448 مىليون بولۇپ، جەمئىي 1 مىليارد 48 مىليون، ئامېرىكىدا بولسا ئاران 330 مىليون نوپۇس بار. ئىستېمال كۈچىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىدىن قىلچە ئاجىز ئەمەس، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
كەسىپ قۇرۇلمىسىدا، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىمۇ غايەت زور ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىق بار. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قېزىلما بايلىقى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، بېلىقچىلىق قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى مول بولۇپ، جۇڭگونى يېتەرلىك خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆپ خىل ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئېلېكترون كەسپى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا ھازىرلانمىغان، جۇڭگونىڭ مول ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا چىقارغىلى بولىدۇ.


2021-يىلى، جۇڭگو ئېكسپورت قىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى دەل ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار بولۇپ، ئۇ يانفون، كومپيۇتېر، تىڭشىغۇچ، ياڭراتقۇ، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەلگۈسىدە، جۇڭگو يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كۆپلەپ ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىدۇ.
جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئوخشاشلا كۈچلۈك كەسىپ جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاش مەۋجۇت. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئارىلىقى يىراق، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر يېقىن بولغان ئەھۋالدا، زېمىن قاتارلىق بىخەتەرلىك تالاش-تارتىشلىرى مەۋجۇت ئەمەس. روسىيەگە ئوخشىمايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدۇ. جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى مەنپەئەت جەھەتتە ماھىيەتتە نېيترال بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ چوڭ توقۇنۇشى ئىدېئولوگىيەدىكى توقۇنۇشتا. بىراق، بۇ خىل ئىدېئولوگىيەنىڭ توقۇنۇشى پايدىنىڭ ئالدىدا نەرسە ئەمەس ئىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنىلا ناھايىتى ئەمەلىي ئىش قىلىدۇ.
قارىماققا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە كۆپچىلىك پىكرى جەھەتتە جۇڭگونى قىيىن ئەھۋالغا قالدۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئاستىرتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىدىن ھالقىپ، جۇڭگونىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى. سانلىق مەلۇماتلار ئەزەلدىن ئادەم ئالدىمايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاغزىدا ئالمايمەن دەيدۇ، لېكىن تېنى يەنىلا ناھايىتى سەمىمىي.
تاشقى سودىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنىڭ روشەن بىر پايدىسى بار. ئامېرىكا جۇڭگوغا سودا كالتىكىنى پۇلاڭلاتقاندا، جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ بازار تاللاشقا ئىگە بولدى. ئىقتىسادنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ئەڭ ئاخىرىدا پۇلنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە قاراپ ماڭىدۇ.


جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ئىلگىرى ئۆز پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا يېرىم يولدا ئۈزۈپ قويدى. كەلگۈسىدە، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ مىقدارلىق سودىمۇ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۆز پۇلىدا راسچوت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. بۇ خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا پايدىلىق.
2022-يىلى يىل بېشىدا، RCEP كېلىشىمى رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىقى بارغانسېرى قويۇقلىشىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى جەھەتتە، جۇڭگو-ياۋروپا سودا كېلىشىمى گەرچە بىر ئاز سەنتۈرۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ماقۇللىنىشى مۇقەررەر. بىرى قۇرۇقلۇق يولىدا مېڭىش، يەنى غەربكە مېڭىش، يەنە بىرى سۇ يولىدا مېڭىش، يەنى شەرققە مېڭىش كېرەك، جۇڭگو ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق دۆلەت ۋە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى»نى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.


جۇڭگونى مەركەز قىلغان دۇنيا سودىسىنىڭ يېڭى تەرتىپى ئورنىتىلىۋاتقان چاغدا، ئامېرىكا جۇڭگونى يېتىم قالدۇرماقچى بولدى، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئۆزىنى يېتىم قالدۇرىدۇ، خالاس.
جۇڭگونىڭ قىلماقچى بولغىنى كېيىنكى ئامېرىكا ئەمەس، بەلكى خەن، تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ شان-شەرىپىنى قايتۇرۇۋېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىش.
سوۋېت ئىتتىپاقى ئىقتىسادى ئەڭ گۈللەنگەن ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئاران %41 نى ئىگىلىگەن، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ئىقتىسادى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ %80 نى ئىگىلىدى.


6 تىرىليون دوللارلىق ئېكسپورت سوممىسى پەقەت بىر سان بولۇپلا قالماستىن، ئۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى يېڭى بىر قۇتۇپقا ئايلانغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ! جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو دۇنيادىكى زاۋۇتلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ موتورى.
مەنبە: كاپىتان سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0