搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
خېڭدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا تايىنىپ قەد كۆتۈرەلەمدۇ؟
>
خېڭدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا تايىنىپ قەد كۆتۈرەلەمدۇ؟
Nepkar
2022-02-15
1
导读:يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسى ھازىر ئوت بازار دەۋرىدە تۇرماقتا، رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن.
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
كىرىش سۆز
بۇلتۇر خېڭدا گۇرۇھى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ جاپالىق بىر يىل بولدى، تۈرلۈك سەلبىي ۋەقەلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى، مەسىلەن، تەمىنلەش سودىگەرلىرىنىڭ قەرز سۈيلىشى، تۈرلەرنىڭ ئىشتىن توختىشى، ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى قاتارلىقلار، بۈگۈنكى كۈندە بانكىلاردا پۇل قىس بولۇش، كارخانىلار پۇل قەرز ئالالماسلىقتەك ئەھۋال ئاستىدا، خېڭدانىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى قىيىنلاشتى.
ھازىرقى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، شۈ جيايىن مۈلۈكنى سېتىۋېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولدى، لېكىن ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي مۇھىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشى بولمىغاچقا، مۈلۈكنى سېتىۋېتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش جەريانى ئوڭۇشلۇق بولمىدى.
خېڭدادا كىرىزىس ئەۋج ئالغاندىن كېيىن، بۇ كارخانىغا نىسبەتەن بىردىنبىر خوش خەۋەر شۇكى، بۇلتۇر 12-ئايدا 39 مىڭ يۈرۈش ئۆي تاپشۇرۇلدى. ھازىرقى خېڭدا گۇرۇھى شىركىتى ۋە شۈ جيايىنغا نىسبەتەن ئىلگىرىكى شانلىق نەتىجىلەرنى قايتا نامايەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
شۈ جيايىن ئاللىبۇرۇن بۇنىڭغا كۆڭلىدە تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئىدى، شۇڭا ئۇ بۇلتۇر 10-ئايدا كەلگۈسى 10 يىلدا خېڭدا گۇرۇھىنىڭ ئىچكىرىدە يەر ئالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، كەلگۈسىدە خېڭدا گۇرۇھى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ.
بۇ نۇقتىدىن شۈ جيايىننىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى قارىمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇ خېڭدانىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىنى، پەقەت مۇشۇ كەسىپنىڭلا خېڭدانى يەنە بىر قېتىم شانلىق مەنزىلگە يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەمما خېڭدا ئەسلىدە ئۆي-مۈلۈك كارخانىسى بولۇپ، ئۆي-مۈلۈك ساھەسىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىنى پىششىق بىلىدۇ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياساش يۇقىرى پەن-تېخنىكىغا تەۋە، خېڭدا گۇرۇھىنىڭ بۇ جەھەتتە ھېچقانداق ئاساسى يوق.
شۇڭا بۇ كەسىپكە كىرىش ئۈچۈن شۈ جيايىن كۆپ باش قاتۇردى، ئۇ باشقا ئاپتوموبىل كارخانىلىرىدىن يادرولۇق تېخنىكا سېتىۋالدى، ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، خېڭدا گۇرۇھىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىگە سالغان مەبلەغ سوممىسى 47 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە يادرولۇق تېخنىكىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 24 مىليارد 900 مىليون يۈەن سەرپ قىلىنغان، قۇرۇلۇش ۋە ئۈسكۈنە، زاپچاس قاتارلىقلارغا 22 مىليارد 500 مىليون يۈەن سەرپ قىلىنغان.
گەرچە خېڭدا گۇرۇھىنىڭ تېخنىكىسى بولمىسىمۇ، پۇل خەجلەشنى خالىسىلا ھېچقانداق مەسىلە يوق، غايەت زور مەبلەغ سېلىنمىسى بۇ كارخانىنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىدە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ.
ئالدىنقى مەزگىلدە خېلى ۋاقىتقىچە، خېڭدا ئاپتوموبىلچىلىقى تېخى بىرەر ئاپتوموبىلمۇ ياساپ چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پېيى بازارغا سېلىندى، 2021-يىلى 19-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، خېڭدا توققۇز خىل ئاپتوموبىل تىپىنى چىقاردى، كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى دېيىشكە بولىدۇ.
لېكىن، كېيىن بۇ ئاپتوموبىل تىپلىرىنى بەزى كىشىلەر مودېل دەپ قاراشقان، يەنى بۇ ئاپتوموبىللار ھەقىقىي ئاپتوموبىل ئەمەس. ئەلۋەتتە، ھەقىقىي ئاپتوموبىلمۇ ئەمەسمۇ، پەقەت شۈ جيايىنلا ئەڭ ئېنىق بىلىدۇ، لېكىن كىشىلەر خېڭدا گۇرۇھىنىڭ خېڭدانىڭ ماشىنىسىغا زور مىقداردا مەبلەغ سالغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ھەرگىزمۇ بەزى مودېللار ئارقىلىق كۆپچىلىكنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئېلان قىلغان «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ۋە مەھسۇلاتلىرى»نىڭ ئىجازەت ئۇقتۇرۇشىدا، خېڭدا گۇرۇھىنىڭ ئىككى خىل ئاپتوموبىل تىپى كۆرسىتىلگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خېڭدا ماشىنىسى پات ئارىدا ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
كۆپچىلىك خېڭدا گۇرۇھىنىڭ يېڭى ئاپتوموبىل تىپىدىن زور ئۈمىد كۈتۈۋاتقان ۋاقىتتا، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ئالاقىدار تارماقلار يەنە يېڭى ئىجازەت ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى، بۇ قېتىملىق ئۇقتۇرۇشتا، خېڭدا ئاپتوموبىلىنىڭ ئىككى خىل تىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، بۇمۇ نۇرغۇن كىشىلەردە گۇمان پەيدا قىلدى، كىشىلەر بەس-بەستە خېڭدانىڭ ئاپتوموبىل ياساش يولى مۇشۇ سەۋەبلىك ئۈزۈلۈپ قالارمۇ؟ دەپ ئەنسىرىمەكتە.
بىراق كىشىلەر ئانچە ئەنسىرەپ كەتمىگەن ئىدى، بۇلتۇر 12-ئايدا خېڭدا تەرەپتىن يەنە بىر قېتىم خېڭدا ئاپتوموبىلىنىڭ تۇنجى ئاپتوموبىلى خېڭچى 5 ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىق خەۋىرى كەلدى، بۇ خەۋەرگە قارىتا، خېڭدا تەرەپ ئىجابىي جاۋاب بەرمىدى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، 2022-يىلى چاغاننىڭ ئالدىدا، خېڭدا تەرەپتىن ئاخىرى خۇش خەۋەر كەلدى، خەۋەردە خېڭدا ئاپتوموبىلىنىڭ 1-يۈرۈش ئاپتوموبىلى، يەنى خېڭچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقى، بۇ ماشىنىنىڭ دەل خېڭچى 5 ئىكەنلىكى جاكارلاندى.
خېڭدانىڭ ئۇچۇر ئېلان قىلغان ۋاقتى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بولۇپ، بۇ ئەسلىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن 12 كۈن بۇرۇن ئىدى، قائىدە بويىچە يېڭى ئاپتوموبىل تىپى پۈتگەندە، ئورگان تەرەپ تور سىرتىدا بىر مەيدان مۇراسىم ئۆتكۈزەتتى.
ئەمما نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن، خېڭدا ئاپتوموبىل شىركىتى سىن شەكلىدە ئېلان قىلىشنى تاللىدى، بۇ سىن كۆرۈنۈشىدە خېڭچى 5 نىڭ رەسمىي زاۋۇتتىن چىققانلىقىنى جاكارلاندى ھەمدە بۇ ساپ توكلۇق SUV نىڭ پۈتكۈل قۇرۇلۇش جەريانىنى ئاشكارىلىدى، ئۇنداقتا خېڭدا گۇرۇھى خېڭدا ئاپتوموبىلىغا تايىنىپ قەد كۆتۈرەلەمدۇ؟
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، نۆۋەتتە خېڭدادا پەقەت بىرلا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلدى، يالغۇز بۇ بىرلا ئاپتوموبىلغا تايىنىپلا قەد كۆتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئاساسىي جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى خېڭدانىڭ ئاپتوموبىل قەرزىنىڭ سوممىسى 2 تىرىليون يۈەنگە يېتىدۇ.
خېڭدا ئاپتوموبىلىنىڭ بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئاران نەچچە يۈز مىليارد يۈەن ئىدى، ھازىرقى ئەھۋالنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، خېڭدا ئاپتوموبىلىنىڭ بازار قىممىتى نەچچە ئون مىليارد يۈەنگە چۈشۈپ كەتتى، شۇڭا بىر خىل ئاپتوموبىلغا تايىنىپ قەد كۆتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسى ھازىر ئوت بازار دەۋرىدە تۇرماقتا، رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن، دۆلەت ئىچىدە ناھايىتى كۆپ مۇنەۋۋەر ئاپتوموبىل كارخانىلىرى بار، مەسىلەن، ۋېيلەي، غايە، تېسلا ۋە شياۋپېڭ، بىيادى قاتارلىقلار.
يەنە ئىنتېرنېت ماگناتى شياۋمىنىڭ يېقىندا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىگە كىرىش پىلانىمۇ ئاشكارىلاندى. شۇڭا خېڭدا ئاپتوموبىل شىركىتى رىقابەت شۇنچە كەسكىن بولغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىدا پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئۈچۈن، يەنە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
خاتىمە
ئەلۋەتتە، نېمىلا دېگەن بىلەن، خېڭدا ئاپتوموبىلىنىڭ تۇنجى تىپى رەسمىي پۈتتى، خېڭدا گۇرۇھىغا نىسبەتەن بۇ بىر خۇش خەۋەر، بۇ خەۋەر خېڭدانىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا تېخىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ، شۇڭا بۇ يىل خېڭدا گۇرۇھىغا نىسبەتەن ھالقىلىق بىر يىل بولىدۇ، خېڭدا گۇرۇھىنىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مۇشۇنداق قىلغاندىلا كۆپچىلىكنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ.
مەنبە: بەيدۇ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0