大数跨境

جۇڭگونىڭ 2022-يىلىدىكى «مۇقىم ئېشىش» جېڭى باشلاندى!

جۇڭگونىڭ 2022-يىلىدىكى «مۇقىم ئېشىش» جېڭى باشلاندى! Nepkar
2022-01-22
1
导读:بۇ قېتىملىق ئۆسۈمنى چۈشۈرۈش «پوزىتسىيە ئېنىق، سۆز ئىشلىتىشتە دادىل، مەنىسى چوڭقۇر بولۇش» دەپ ئاتالدى


ھەقىقەتەن بەك مۇھىم مۇھىم خەۋەر، ھەتتا كەمىنىگە ئوخشاش ئادەتتە پۇل مۇئامىلىگە قىزىقمايدىغان، پاي چېكى ئوينىمايدىغان كىشىلەرنىمۇ شۇنداق ھاياجانغا سالىدۇ. مەركىزىي بانكا 18-چېسلا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ: «پۇل سىياسىتى قورال ساندۇقىنى يەنىمۇ چوڭراق ئېچىلىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېتەرلىك كۈچ چىقىرىش، دەل جايىدا كۈچ چىقىرىش، ئالدىنى ئاساس قىلىپ كۈچ چىقىرىش كېرەك.» دېدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «جۇڭگونىڭ ئامېرىكا دوللىرى پۇل سىياسىتىگە قارىتا قارىمۇ-قارىشى تىركىشىش دانالىقى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
بۇ قېتىملىق ئۆسۈمنى چۈشۈرۈش مالىيە ئىقتىساد ساھەسىنىڭ ئوبزورىدا «پوزىتسىيە ئېنىق، سۆز ئىشلىتىشتە دادىل، مەنىسى چوڭقۇر بولۇش» دەپ ئاتالدى. مەركىزىي بانكا 17-چېسلا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى، 18-چېسلا بۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئىپادە بىلدۈردى، بۇلار دۆلەتنىڭ ئىقتىسادنىڭ پەسكويغا چۈشۈشىگە يول قويمايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىرادىسى بولۇپ، بۇ يىللىق« مۇقىم ئېشىش» ئۇرۇشىنىڭ بۇيرۇقى.


بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى جۇڭگو ئىقتىسادىغا دو تىكىپ بۇ يىل «ئەھۋال بەك ناچارلىشىدۇ» دېگەن كىشىلەر ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى بىر كاچات سالىدىغان بولدى.
پۇل سىياسىتىنىڭ قىسىلىش دەۋرى ئاخىرلاشتى، جۇڭگونىڭ قورال ساندۇقى ئېچىلدى، ئۇ ناھايىتى مول. گەرچە يەنىلا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %5 تىن %5.5 كىچە ئېشىشىدىن ئۈمىد بار. ئېشىش نىسبىتىنىڭ ساقلىنىشى يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ خىزمەت قىلىش ۋە پۇل تېپىش پۇرسىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدۇ، مەسىلىنىڭ يامرىشىغا يول قويمايدۇ. مەركىزىي بانكىنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى دەل ۋاقتىدا بولدى، بۇ ئىقتىساد ساھەسىگە ئىلھام بېرىشتە چوقۇم ئىشەنچ رولى ئوينايدۇ، ئىقتىساد ساھەسىگە بولغان ئىشەنچ ئاشسا، پۈتۈن جەمئىيەتكە يەتكۈزۈلىدۇ.
مەركىزىي بانكىنىڭ 17-چېسلا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ (بۇ يەرنى بېسىپ «سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىدى! ماھىيەتلىك تەسىرى بارمۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)، 18-چېسلا يەنە مۇنداق ئىپادە بىلدۈرۈشى ھەرىكەتلەر ھەرگىز مۇنداقلا بولغان ئاددىي ئىش ئەمەس، چوقۇم باشقا تەدبىرلەر بىلەن ماسلىشىدۇ. بۇنىڭ پاي چېكى بازىرىغىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 18-چېسلا پاي چېكى بازىرى ئۆرلەۋاتىدۇ، داۋاملىق ئۆرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن پاي چېكى بازىرىدا ئۆزىگە خاس قانۇنىيەتنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن، كەمىنە پاي چېكى ئوينىمايمەن، لېكىن پايچىكلارنىڭ كۆپرەك پۇل تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: خۇ شىجىننىڭ كۆزىتىشى ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0