搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
2022-يىلى ئىشقا ئورۇنلىشىش قانچىلىك قىيىن؟
>
2022-يىلى ئىشقا ئورۇنلىشىش قانچىلىك قىيىن؟
Nepkar
2022-02-15
1
导读:ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركۈملەپ «ئىشلەپچىقىرىلىشى» ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتتى، ئىش ئونى يېتەرل
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
بىر تەرەپتىن، ئۇدا يېڭى يۇقىرى نۇقتا رېكورتى ياراتقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار: 2022-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆلىمى 10 مىليون 760 مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم 10 مىليون كىشىلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ. 2011-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئون يىلدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاران 1 مىليون 740 مىڭ ئاشقان، ھازىر بىر يىلدىلا 1 مىليون 670 مىڭ كۆپەيگەن. چەتئەل يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، 2021-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئوقۇغۇچىلار بىر مىليوندىن ئېشىشى مۇمكىن، 2022-يىلىدىكى چوڭ ئېھتىماللىقتا بۇ سان ئازايمىغان ئەھۋالدا، ئوخشاش مەزگىلدىكى دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بەلگىلىك زەربە بولىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىش ئورنىنىڭ ئازىيىشى: 2021-يىلى سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەلىم-تەربىيە كەسپىدە 10 مىليونغا يېقىن كىشى تىپ ئۆزگەرتىشكە دۇچ كەلدى، ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ ھالى خارابلاشتى، ئىلگىرى يۇقىرى سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئالاقە تورى چوڭ زاۋۇتلىرىمۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەملىك خادىم قىسقارتىش دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، بۇ جەزمەن 2022-يىلىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز «ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركۈملەپ «ئىشلەپچىقىرىلىشى» ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتتى، ئىش ئونى يېتەرلىك ئەمەس، بۇ، 2022-يىلى ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە بولغان تەلىپى تۆۋەنلىدى، بەزى ئاپپاراتلار دوكلات ئېلان قىلىپ، 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە، ئېلىمىزدىكى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %61 تىن %57 كە تۆۋەنلىگەنلىكىنى، يەنە داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇشنى تاللاش نىسبىتى %39 تىن %43 كە ئۆرلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كەسكىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، بارغانسېرى كۆپ كىشى «ئاستا ئىشقا ئورۇنلىشىش»نى تاللاپ، مۇناسىپ ھالدا ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى قىزغىنلىقى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەتنامە قىزغىنلىقى ۋە مەمۇرلۇق ئىمتىھانى قىزغىنلىقى قاتارلىقلارنى بارلىققا كەلتۈردى.
2022-يىلى، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 4 مىليون 570 مىڭدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن 800 مىڭ ئادەم كۆپەيدى؛ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 2 مىليوندىن ئاشتى؛ 2021-يىلى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەتنامىسى ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 10 مىليوندىن ئېشىشى مۇمكىن. ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى كەسكىن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، كەسىپ مۇقىملىقى كىشىلەرنىڭ بەسبەستە تالىشىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلاندى.
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇشنىڭ سەۋەبى، مېنىڭچە مۇنداق ئىككى نۇقتا بار:
مەكتەپ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئەمەلىي خىزمەتنىڭ ئايرىۋېتىلىشى، بۇنىڭدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىر مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ھەزىم قىلىشى ئەڭ كۆپ كەسىپ، 2019-يىلى ئېلىمىز ئالىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش دەۋرىگە كىردى، ئېلىمىز مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %54 كە يەتتى. ئامېرىكا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا مۇلازىمەتچىلىك قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %70 تىن ئېشىپ كەتكەن.
پەرقنىڭ تۈپ سەۋەبى، دۆلىتىمىزدە ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تۆھپىسى شۇكى، ئىجتىمائىي سىستېمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش، ھەرگىزمۇ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەس. مەسىلەن، ئېلېكتىرونلۇق سودا مال سېتىۋېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، توردا ئاپتوموبىل چاقىرىش كەسپى سەپەرگە چىقىش تۇيغۇسىنى ئەلالاشتۇردى، لېكىن بۇنداق ئەلالاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش چەكلىك، شۇڭا بىز ئەينى يىلى زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان ئالاقە تورى كەسپىنىڭ 2021-يىلى خېلىلا خۇنۈكلىشىپ ، «ئالاقە تورى كەسپىمۇ سوۋۇيدىغان بولدى» دېگەن سادانىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى كۆردۇق. بىزنىڭ مۇھتاج بولغىنىمىز كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش.
ئوقۇغۇچىلار نۇقتىسىدىن قارىغاندا: ئوقۇغۇچىلار ئومۇمەن ئۆزىنىڭ ئورنىنى بېكىتىشى ئېنىق ئەمەس، مەغرۇر. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگىچە خىزمەت ئىزدەيدۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ نېمە قىلغۇسى بارلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۆزى نېمە قىلىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، قارىغۇلارچە ئىمتىھانغا قاتنىشىش، مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىش ياكى ئايلىق مائاشى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشماسلىق، يىللىق مائاشى 50 مىڭ ھەتتا 1 مىليون يۈەنگە يەتمەسلىك سەۋەبىدىن، ئىشقا ئورۇنلاشماسلىققا قەسەم قىلىدۇ ياكى بىراقلا خىزمەت مەيدانىدىن يىراقلىشىپ، جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ، ئائىلىدە چوڭلارنى قاقشىتىدۇ.
ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇنداق ئويلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەم ئەلا سۈپەتلىك بايلىق ئىسراپ بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى دۆلەت ئەزەلدىن شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردىمى بېرىدۇ، مەسىلەن، بىر قىسىم خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئېنىق تەلەپ قويۇلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ناچار ئايلىنىش بولۇپ، بىر مەھەل يەڭگىللەپ قالغان ئوقۇغۇچىلار ئۆيدە ئىش كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئۇلار قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئاتلانغاندا بولسا، ئىنتايىن تېز ئۆزگىرىۋاتقان خىزمەت مۇھىتىغا يۈزلىنەلمەي، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن قورقۇش پىسخىكىسى كۈچىيىپ كېتىدۇ.
2022-يىلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، لېكىن چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ بولىدۇ، يۇقىرى قاتلام ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «ئىشقا ئورۇنلىشىش»نى سەككىز قېتىم تىلغا ئالدى ھەم ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن ئىبارەت ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەمگەكچى ئىشلىتىش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، دەپ نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت ئامال قىلىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شەخسىي بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، مۇددەتتىن بۇرۇن بىرەر ئىش قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچۈڭىزنى ئۆستۈرەلەمسىز؟ مەسىلەن، پىراكتىكا قىلىش، چېنىقىش پۇرسىتىگە ئىمكانقەدەر كۆپرەك قاتنىشىش، خىزمەت تەجرىبىسىنى ئاشۇرۇش؛ تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىغا داۋاملىق دىققەت قىلىش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش؛ كەسپىي پىلاننى ئەستايىدىل ياخشى تۈزۈش، مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆگىنىش، كەلگۈسى خىزمەتتە ئېھتىياجلىق بولغان ماھارەتلەرنى توپلاش قاتارلىقلار.
ئاخىرىدا بۇ ماقالىنى كۆرگەن سىزنىڭ، ياكى بالىڭىزنىڭ 2022-يىلىدىكى خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: «خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ» سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408