大数跨境

50 مىڭ يۈەن ئامانەت قويۇش ياكى ئېلىشتا ئەنسىرەۋاتامسىز؟

50 مىڭ يۈەن ئامانەت قويۇش ياكى ئېلىشتا ئەنسىرەۋاتامسىز؟ Nepkar
2022-02-07
0
导读:ئەجەبا مەن 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل ئالسام بولمامدۇ؟ ئەمەلىي ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
كۆپچىلىك ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزمەكچى بولغان پەيتتە، مەركىزىي بانكا بىر مۇھىم ئۇچۇرنى ئېلان قىلىپ، تورداشلارنىڭ بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، بۇ خەۋەر بانكىغا بېرىپ نەق پۇل ئامانەت قويۇش ياكى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل ئېلىش ئەھۋالىغا قارىتىلغان بولۇپ، يېڭى تەلەپ 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «سىزدە 50 مىڭ نەق پۇل بارمۇ؟ ئۇنداقتا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى، ئەجەبا مەن 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل ئالسام بولمامدۇ؟ ئەمەلىي ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟ 
ئۇنداقتا تۆۋەندىكى تۆت مۇھىم نۇقتىنى چۈشىنىپ باقايلى. 

بىرىنچى مۇھىم نۇقتا، پۇل قويۇش ۋە ئېلىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتسە، بانكا كەسىپ بېجىرگۈچىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدۇ
بەلگىلىمىدىكى تەلەپ بويىچە، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شەخسلەر بانكا، يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ پۇل ئامانەت قويسا ياكى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئالسا ياكى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل ئالسا، بانكا كەسىپ بېجىرگۈچىنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى كېرەك. 
بۇ بەلگىلىمىگە قارىتا، بەزىلەر بانكا شەخسلەرنىڭ پۇل ئېلىشىغا يول قويمايدۇ، دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغان. 

ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي ئەھۋال بولسا پەقەت بانكىغا كەسىپ بېجىرگۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش رەسمىيىتى قوشۇلغان، خالاس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بانكىغا بېرىپ كەسىپ بېجىرىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، بۇ رەسمىيەت بەك مۇرەككەپ بولماسلىقى مۇمكىن، بەلكىم بانكا خادىمى كەسىپ بېجىرگۈچىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ، سالاھىيەت ئۇچۇرىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمزا قويدۇرسىلا بولۇشى مۇمكىن. 
نېمىشقا بۇ رەسمىيەتنى كۆپەيتىدۇ؟ ئۇچۇرنى تىزىملىتىپلا قويسا، ئاسانلىق بىرەر نەرسىنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولمايدۇ، لېكىن توغرا ئۇسۇلدا ئىز قالدۇرسا، كېيىن ئىز قوغلاشقا قولايلىق بولىدۇ. 

ئىككىنچى مۇھىم نۇقتا، ئامانەت قويۇش-ئېلىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتسە، بانكا مەبلەغ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى كېرەك 
دېمەك، بانكا بۇ پۇلنى قايسى يول بىلەن تاپقانلىقىڭىزنى تەكشۈرىدۇ. مەسىلەن، مائاش، مۇكاپات پۇلى، روزغارچىلىق كىرىمى، تىجارەت كىرىمى قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئورۇنلۇق كىرىم مەنبەسى بولۇپ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. 
لېكىن، ئەگەر بۇ پۇللار ئالدامچىلىق، قىمار ئويناش، پۇل يۇيۇش، ھەتتا پارا ئېلىش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ تەرتىپ ئارقىلىق كېلىش مەنبەسىنى ئېنىق دەپ بېرەلمەسلىكى ياكى بۇ خىل نامۇۋاپىق پايدىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى-كەينىدىكى زىددىيەتلىك كىرىم مەنبەسىنى خالىغانچە يېزىشى مۇمكىن، بۇمۇ كېيىنكى تەكشۈرۈشتە بايقالغان نورمالسىزلىقنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

ئۈچىنچى مۇھىم نۇقتا، بانكا يەنە سىزنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىش ئورنىڭىزنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدۇ
ئىلگىرى بەزىلەر بۇ بەلگىلىمىنى كۆرۈپ، 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل ئالسام رەسمىيەت كۆپكەن، ئۇنداقتا 49999 يۈەن ئالساملا بولمىدىمۇ، دەپ ئويلىغان. 
ئەمەلىيەتتە، پەقەت سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىز ئورۇنلۇق بولسىلا، ئۇنداقتا 50 مىڭ يۈەن، 100 مىڭ يۈەن، 200 مىڭ يۈەن ئالسىڭىزمۇ ھېچ گەپ يوق. 
بۇ ئىككىنچى مۇھىم نۇقتىدا سىزنىڭ كىرىم مەنبەيىڭىزنى چۈشەندۈرگەنگە ئوخشاش، نەق پۇل ئالغاندا ئىشلىتىش ئورنىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. 
ئالدىنقى ئۈچ نۇقتىدىن كونترول قىلىش تەس بولغان نەق پۇل قىسمىنى نازارەت قىلىش باشلىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. 
چۈنكى نەق پۇل بانكا ئارقىلىق پۇل يۆتكەشكە ئوخشىمايدۇ، بانكا ئارقىلىق پۇل يۆتكەش شەكلىدە بولسا بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە، بىر ھېساباتتىن يەنە بىر ھېساباتقا يۆتكىلىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ خاتىرىسى بار. نەق پۇلدا خاتىرە قالدۇرۇش ناھايىتى تەس. 
شۇڭا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تەننەرخ بەدىلى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەل بانكىدا، بانكا كۆپ سوممىلىق نەق پۇل ئېلىشقا قارىتا مەنبەسى ۋە ئىشلىتىش ئورنىنى تىزىملاش، كەسىپ بېجىرگۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. 
بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، نورمال، مۇنتىزىم ئامانەت پۇل نەق پۇل ئېلىشتا، ئەمەلىيەتتە بۇ يېڭى بەلگىلىمىنىڭ تەسىرىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز، بۇ يېڭى بەلگىلىمە ئەمەلىيەتتە پۇل يۇيۇشقا قارىتىلغان.

تۆتىنچى مۇھىم نۇقتا، يېڭى بەلگىلىمە ئاساسلىقى پۇل يۇيۇش قاتارلىق قانۇنسىز مەبلەغ ئوبوروتىغا قارىتىلغان
ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش پۇل يۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى بەزى كىشىلەر قانۇنسىز ئېرىشكەن بىر قىسىم مەبلەغنى، بىنورمال زور سوممىلىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، قانۇنسىز پۇلنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. 
بۇ قېتىمقى يېڭى بەلگىلىمىدە پۇل يۇيۇش، كىرىم مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلۇپ، نازارەت قىلىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ مەبلىغى نازارەت قىلىنىپ، پۇل يۇيۇش توسقۇنلۇقى ئاشۇرۇلىدۇ. 
شۇڭا، ئادەتتىكى پۇقرالار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئەمەلىيەتتە ياخشى ئىش، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلغىلى، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا زەربە بەرگىلى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىزنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا قوغدىغىلى بولىدۇ. بىزنىڭ نورمال كىرىم-چىقىمىمىز ئانچە چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، بىز يەنىلا نورمال ھالدا پۇل ئامانەت قويالايمىز، پۇل قويالايمىز، ھەمدە بىزگە بەك كۆپ ئاۋارىچىلىقلار پەيدا بولمايدۇ.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0