搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ماسكنىڭ تىۋىتتېرنى سېتىۋېلىشى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدىكى«قارا» نىيىتى!
>
ماسكنىڭ تىۋىتتېرنى سېتىۋېلىشى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدىكى«قارا» نىيىتى!
Nepkar
2022-04-18
2
导读:ماسكنىڭ 43 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ تىۋىتنى سېتىۋېلىشى ئىت پۇلى ئېلىش ئۈچۈنمۇ؟
رەسىم ئۈستىگە چەكسىڭىز ئەپچىگە ئاتلايدۇ!
ماسكنىڭ 43 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ تىۋىتنى سېتىۋېلىشى ئىت پۇلى ئېلىش ئۈچۈنمۇ؟ سىز پولات پالۋانغا سەل قارىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن!
يېقىنقى ئەڭ قىزىق خەۋەر شۇكى، ماسك تىۋىتتېر (ئامېرىكا نۇسخسىدىكى مىكروبىلوگ)نى سېتىۋالدى. بۇ ئىش مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتى (SEC) تاپشۇرغان ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ماسك %9.2 پاي چېكى بىلەن تىۋىتتېرنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى بولۇپ قالغان، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ مۇدىرىيەت يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغان.
نەتىجىدە تۆت كۈندىن كېيىن، ماسك تۋېتتېر مۇدىرىيىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ چاغدا بەزىلەر ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭ «قارا نىيىتى» بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان ئىدى. دەرۋەقە، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ماسك رەسمىي ھالدا تىۋىتتېرنىڭ بارلىق پېيىنى نەق پۇل بىلەن سېتىۋېلىش پىلانىنى جاكارلىدى، ھەر بىر پاينىڭ باھاسى 54.20 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئومۇمىي باھاسى تەخمىنەن 43 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
ئاشكارىلانغان ئۇچۇرغا ئاسالانغاندا، ماسك مۇدىرىيەت رەئىسى تايلور (Bret Taylor)غا يازغان خېتىدە: «مېنىڭ باھايىم مېنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئاخىرقى باھايىم (best and final offer)دۇر، ئەگەر ئۇ قوبۇل قىلىنمىسا، مەن پايچىكلىق ئورنۇمنى قايتىدىن ئويلىشىمەن.» دېگەن. ئۇ يەنە ناھايىتى ھەيران قالارلىق بىر جۈملە سۆزنى قىلغان، يەنى: «تىۋىتتېر ئالاھىدە يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە، مەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
بازاردا ماسكنىڭ ئارقىسىدىكى پىسخىكا مۇددىئاسى توغرىسىدىكى نۇرغۇن قىياسلار تارقالدى. دۆلەت ئىچىدىكى بەزى ئاۋازلار ماسكنىڭ تىۋىتتېرنى سېتىۋېلىشى ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، دەپ قاراشماقتا.
يەنە بەزىلەر ماسك بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى، جۈملىدىن تېسلا ئاپتوموبىلى ۋە ماشىنا ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلارغا تىۋىتتېردىكى مەۋھۇم سانلىق مەلۇماتلارنى قوشۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئەمەلىي ۋە مەۋھۇم دۇنيا سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىگىلىگەن ئادەم بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ.
بۇ قاراشلارنىڭ يادروسى «ماسك ھەممىنى كونترول قىلىدۇ.» دېگەندىن ئىبارەت: SpaceX مارسقا غوجا بولۇش ئارزۇسىنى زىممىسىگە ئالىدۇ، تىۋىتتېر بولسا يەر شارىدىكى «كۆپچىلىك پىكرى پادىشاھى»دىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ماسك ماھىيەتتە مەنپەئەتنى دەپ ھوقۇقنى كونترول قىلىدىغان كاپىتالىست بولۇپ، بۇ خىل مەنپەئەتكە بولغان ئىنتىلىش ئامېرىكا كۆپچىلىكچىلىكىنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، يىراقنى كۆزلىگەندە ئىنسانلارغا پايدىسىز.
بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغىنى، مەن ئەكسىچە ماسكنى ھەقىقەتەن بەزى ئەمەلىي ئىشلارنى قىلماقچى دەپ قارايمەن. بىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنىڭ كەينىدىكى مۇددىئانى چۈشىنىشنىڭ ئەڭ ئاددىي بىۋاسىتە ئۇسۇلى ئۇنىڭ ئىلگىرى نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىغا قاراشتىن ئىبارەت.
مەسىلەن، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار شىركىتى
OpenAI
بولسا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىنسانلارنى ۋەيران قىلىشىدىن بولغان ئەندىشىنى مەنبە قىلغان. 2015-يىلى ماسك بىر قىسىم بايلار ۋە ئاپپاراتلار بىلەن بىرلىشىپ 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ OpenAI نى قۇرغان، ئەڭ دەسلەپتە تېخى پايدا ئالمايدىغان ئاپپارات بولۇپ، پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلمىغان. 2018- يىلى ئۇ مۇدىرىيەتلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن، لېكىن يەنە داۋاملىق پۇل ئىئانە قىلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، پەردە ئارقىسىدا AI تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
2016-يىلى قۇرۇلغان تونېل قۇرۇلۇش شىركىتى Boring Company بولسا ماسكنىڭ ھازىرقى قاتناش ئەھۋالىغا بولغان نارازىلىقىدىن كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يولدا توسۇلۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن تىۋېتتېردا «لوس ئانژېلېسنىڭ قاتنىشى بەك ناچار، شۇڭا بىر يەر ئاستى تونېلى قېزىپ قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك ئىدى.» دەپ ئاغرىنغان. نېمە ئۈچۈن Boring دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ؟ بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئىككى ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئۈچۈن، Boring نىڭ بىرلا ۋاقىتتا تۆشۈك تېشىش ۋە زېرىكىشلىك دېگەن مەنىسى بار، لېكىن تونېل قېزىشتىن ئىبارەت بۇ پاكىت بەك زېرىكىشلىك ئىدى.
Boring Company نى قۇرۇشتىن ئىلگىرى، ماسك 2012-يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى تېز يۈرەر (Hyperloopp)نى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويغان. تەسەۋۋۇرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاشكارا ھالدا ئىنژېنېرلار ۋە ئالىملارنى يىغىپ بۇ تۈرنى تاماملىماقچى بولغان. گەرچە مائاشى بولمىسىمۇ، ئەمما نەتىجە قازانسا قەرەللىك ھوقۇق ۋە مۇكاپات بېرىشكە ۋەدە بەرگەن، بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر تەتقىقاتچىلار يىغىلىپ، ھەر يىلى مەملىكەت خاراكتېرلىك دەرىجىدىن تاشقىرى تېز يۈرەر تۆمۈر يولى لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى جوبىسنىڭ ۋارىسى دەپ قارايدۇ، بۇنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. بۇ ئىككىيلەن ھازىر بار بولغان پەن-تېخنىكىنى پۈتۈنلەي يېڭى ساھەگە تەتبىقلاشقا ماھىر بولغاچقا، تەسەۋۋۇردا ناھايىتى دادىل ئىدى. ماسك چېتىلىدىغان كەسىپنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭ، مەسىلەن، ئادەملىك راكېتا SpaceX، مېڭە ماشىنىسى ئۇلاش ئېغىزى Neuralinkk، بىر تەرەپ قىلىدىغان مەسىلە تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئىنسانلارغا قوشىدىغان تۆھپىسى تېخىمۇ چوڭ.
ماسكنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش ئېغىرلىق مەركىزىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ دۇنيانىڭ كېلەچىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەم ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىدىغان ئادەم. ماسك ھەر قېتىم دۇنيا مەسىلىسىنى دادىللىق بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، يولغا قويۇشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. قارىماققا ئىنتايىن رادىكال بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئىنتىلىش قىزغىنلىقى ۋە ئىرادىسى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ.
«مېنىڭ تىۋىتتېرنى سېتىۋېلىشىم پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت مېنىڭ كۈچلۈك بىۋاسىتە سېزىمىم شۇكى، ئىشەنچكە تولغان كەڭ قورساقلىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان ئاممىۋى سۇپا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.» ماسكنىڭ بۇ سۆزىنى نۇرغۇن كىشىلەر مەسخىرە قىلدى، لېكىن بۇ قېتىم مەن ماسك تەرەپتە تۇرۇشنى تاللىدىم. مەن بۇنىڭ ئۇنىڭ يۈرەك سۆزى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. مېنىڭچە ئۇنىڭدا ئەينى يىللاردىكى Boring Company غا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئوي پەيدا بولدى، ئۇ بۈگۈنكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كۆپچىلىك پىكرى مۇھىتىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرۈپ، قالايمىقان، ئادىل بولمىغان تور ئۇچۇرلىرىنىڭ تارقىلىشىغا بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلغان.
بەلكىم ئۇ تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئاشكارا بولغان ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى بەرپا قىلىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ تاپقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ تىۋىتتېرغا بولغان ھەم مۇھەببەت، ھەم نەپرەتلىنىش ھېسسىياتى ئاساسىدا، تىۋىتتېرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكچى بولىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇ ھەرگىزمۇ نۆلدىن باشلاپ يېڭى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بەرپا قىلمايدۇ.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى جەمئىيىتىمىزدە تۈپ ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. ئۇ بىزنىڭ ئۇچۇر تارقىتىش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت مۇساپىسىگە زور تەسىر كۆرسەتتى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتتى. ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا كەيپىيات ۋە سۇيىقەستلىك نەزەرىيەلەر ئەۋج ئېلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ماسكمۇ قانداق قىلغاندا ئاندىن ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرۇۋاتىدۇ.
ماسك 15-ئاۋغۇستتىكى TED سۆھبىتىدە، تىۋىتتېرنىڭ نۇرغۇن يازمىلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى مەشغۇلاتنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى، مەيلى ھېسابلاش ئۇسۇلى ياكى مەزمۇنى بولسۇن پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ كونترول قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە تىۋىتتېرغا قارىتا ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشنىڭ بەزى كونكرېت تەدبىرلىرىنى تىلغا ئالدى، مەسىلەن، تىۋىتتېردىكى ئەخلەت ئېلخەت، ئەخلەت ئېلخەت يوللايدىغان ماشىنا ئادەم ۋە مۇردا چوڭ قوشۇننى يوقىتىش؛ يەنە تىۋىتتېر ئابونتلىرىنىڭ ئىشلىتىش تۇيغۇسىنى ياخشىلاش، جۈملىدىن ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ ئەسلى كودىنى ئېچىۋېتىش، سۇپىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نۇرغۇن تېخنىكىلار ئەمدىلا قوللىنىلىۋاتىدۇ، تېخى ئەلالاشتۇرۇلمىدى، يەنە داۋاملىق ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ شۇنداق. ماسكنىڭ تىۋىتتېرنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىزگە ئوخشىمايدىغان بىر ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىنى كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماسك، جوبس قاتارلىق غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن كارخانىچىلاردىن بىز ئۈزۈكسىز داۋاملاشقان قىزغىنلىقنى كۆرەلەيمىز. ئۇلار ئىزچىل تۈردە ئۆزلىرىنىڭ راھەت رايونى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماستىن، بەلكى نەزىرىنى يۇلتۇزلار ۋە دېڭىزلارغا قارىتىپ، يەنە بىر تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئويىنى «خام خىيال» دەپ ئويلايدۇ، لېكىن خۇددى ئالما شىركىتىنىڭ ئەينى يىللاردىكى قالتىس ئېلان سۆزى: «ئۆزىنى دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيمەن دەپ تەلۋىلەرچە ئويلىغانلار دۇنيانى ھەقىقىي ئۆزگەرتەلەيدۇ.»غا سەل قارىماسلىق كېرەك.
مەنبە: «يەرشارى شامال ئېغىزى» سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408