大数跨境

خەير-خوش ۋېي يا: كېيىنكى يۈزلىنىش قانداق بولىدۇ؟

خەير-خوش ۋېي يا: كېيىنكى يۈزلىنىش قانداق بولىدۇ؟ Nepkar
2021-12-21
1
导读:دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باج ئېلىشتا ھەمىشە يەرلىك تەرەققىيات ئۈچۈن بەلگىلىك باج ئېتىبارى بىل
تۈنۈگۈن، جېجياڭ ئۆلكىلىك باج ئىدارىسى ۋېي يانىڭ باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش دېلوسىنى ئېلان قىلىپ، ۋېي ياغا قانۇن بويىچە باج مەمۇرىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش جازاسى بېرىش قارارى چىقىرىپ، باج پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىش، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى قوشۇپ ئېلىش ھەمدە 1 مىليارد 341 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇشنى قارار قىلدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «بىۋاستە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سوممىلىق جەرىمانە...» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.) 
بۇ سان قانداق ئۇقۇم؟
ۋېي يا شىركىتى تۇرۇشلۇق خاڭجۇنىڭ شياۋشەننى مىسالغا ئالساق، يىللىق باج تاپشۇرۇش سوممىسى 300 مىليون يۈەندىن ئاشقان شىركەتتىن پەقەت ئىككى ئۆي-مۈلۈك كارخانىسى بىلەن بىر بانكىدىلا بولۇپ، ۋېي يا بىر ئادەم بۇ ئۈچىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئوخشاش باج نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئاق ھاراق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ جۇڭگونىڭ ئالتىنچى چوڭ ئاق ھارىقى بولۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ چوڭ باج تاپشۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى غەلەتتە قالدۇرغان.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق مال ساتىدىغان بۇ ئېقىم چولپىنىنىڭ زادى قانچىلىك باجدىن قاچقانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «ئېقىم چولپانلىرىنىڭ قانچىلىك باج ئوغرىلىغىنىنى بىلەمسىز؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)


بۇ خەۋەر دوقمۇشتىكى پاراڭچى ئامما ئورىۋالغان ۋاڭ لىخۇڭنى مۇھاسىرىدىن قۇتۇلدۇردى، كۆپچىلىك بەس-بەستە بۇ زەردار بەگزادىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ۋەيران قىلىشتىن يانمىغان ئاشۇ كىچىككىنە پۇلىنىڭ ۋېي يانىڭ بىر يىللىق باجدىن قېچىشىدىكى پارچە پۇلىغا تەڭ كەلمەيدىغانلىقىنى بايقاشتى.
ئاخىرىدا، خاڭجۇنىڭ بۇ خەۋىرى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىنكى پۈتۈن تورنىڭ باش خەۋىرىنى بىر ئالدى.
كەچتە ۋېي يا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىنىڭ تاقىلىشى ۋە كېيىنكى پۈتۈن توردا چەكلىنىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي، يەنە تورداشلارنى لو يۇڭخاۋنىڭ بىر شاختىن شاخقا ئاتلاشتىكى پاراسىتىگە شاھىت بولۇشتى. لو يوۇڭخاۋ تەلىم-تەربىيە، يانفون، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا، پاراڭلىشىش يۇمشاق دېتالى، يەنە ئەڭ ئاخىرىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق «كەسىپ ھالاكەت چىرىغى» دەپ ئاتالغان ئىدى.
«ھالاكەت چىرىقى»نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ كەسىپتىكى بوران-چاپقۇننىڭ تەلەيلىك ئوغلى ئىكەن، ئۇ قەرز بولۇپ قالغان زور سوممىلىق شەخسىي قەرز سەۋەبلىك، ئۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىن قىلغان كىرىمىنى ئۆزىنىڭ نامىغا كىرگۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان، ئەكسىچە بىرىنچى قېتىملىق زەربىدىن ئامان قالغان.


تۈنۈگۈن، نۇرغۇن دوستلار بۇ جەرىمانىنى مۇزاكىرە قىلىشتى.
بۇنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋەرلىرىدىكى بىر تەكشۈرۈشكە ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى نازارەتچىلىك ئىشخانىسى خېبېي باجۇغا بېرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىدى.
بۇ يىل 10-ئايدا باجۇ شەھىرى مالىيە كۈچىنىڭ جىددىيلىكىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، تەۋەلىكىدىكى 15 يېزا-بازارغا 300 مىليون غەيرىي باج كىرىمى ۋەزىپىسىنى بۆلۈپ چۈشۈرۈپ، يېزا-بازارلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ناملار بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە مەركەزلىك جەرىمانە قويۇش، سېلىق سېلىش، ھەق ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ھەرىكەت شەكلىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىشتا، ئۇسۇل خىلمۇخىل بولۇپ، پايدا قوغلىشىش روشەن بولغاچقا، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.


ئىلگىرى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باج ئېلىشتا ھەمىشە بوسۇغۇنى نەچچە سۇڭ ئېگىزلىتىپ، يەرلىك تەرەققىيات ئۈچۈن بەلگىلىك باج ئېتىبارى بىلەن تەمىنلەيتتى.
بۇ كارخانا ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، ئاز ياكى كۆپ بولسۇن باج جەھەتتە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ياكى باجنىڭ ئارتۇقچە ئېتىبارىدىن بەھرىمەن قىلاتتى.
ھازىر، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ زەربىسىدە، پۈتۈن يەر شارى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە كۈچى قۇرۇپ كەتتى. قايسى يۆنىلىش بويىچە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن باج مەنبەسىگە ئېرىشىش پۈتۈن يەر شارىدىكى قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى.
بولۇپمۇ بىزنىڭ چەكسىز مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمىتىمىز غايەت زور ئاممىۋى مۇلازىمىتى ۋە سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسىگە تىرەك بولدى، ھەمدە 2022-يىلى مالىيە يىغىنىدا ھۆكۈمەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
لېكىن مەركىزىي ھۆكۈمىتىمىز ئىككىلىنىپ تۇرمىدى، ئۇلار بىۋاستە ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ، بىر يولدىكىلەر بايلىقى مول، ئادىمى زىچ جېجياڭغا بېرىپ، باجدىن قاچقانلارنى تەكشۈرسە، بىر يولدىكىلەر نامرات خېبېيدىكى مۇداپىئە كۆرۈش ئەمەلدارلىرىنىڭ باج سېلىقىنى تەكشۈردى.
ھەممە ئىش قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن بولۇشى كېرەك.
شۇڭا، تەھرىر بۆلۈمى رەتلىگەن دۆلەت ئىچىدىكى ئاشۇ بىر قاتار يازمىلارغا ئوخشاش، ۋېي يا پەقەت شۇ يۈرۈشلۈك يازمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «نەشىر دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى "خەتەر" ۋە "پۇرسەت"» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

ئادىللىقنىڭ ئۈنۈمنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئەگىشىپ، بىز يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقى بار ئامما مەركەزلەشكەن جايلارنىڭ باجنى كېمەيتىۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى، ئەسلىدە كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان نۇرغۇن قىسمەن كەسىپلەرنىڭ نورمال باج نىسبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ھەمدە قاتتىق باج ئېلىنغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
ئەمدى ئەمگەك ئامىلى تەقسىماتتا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ، مەسىلەن، ۋېي ياغا ئوخشاش مونوپول ئورۇنغا ئىگە سۇپا ئىقتىسادى چەكلىنىپ، سانسىزلىغان دوۋيىندىكى يېڭى سىياقلار باش كۆتۈرىدۇ.
ھەتتا لو يوڭخاۋنىڭ بۇ كەسپىمۇ بىۋاستە تارقىتىش ساھەسىدە بارا-بارا خۇنۈكلىشىپ كېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، سۇپا ئىقتىسادى ۋەكىللىرىنىڭ سۇپىسىمۇ قىممىتىنى قايتا مۆلچەرلەشكە دۇچ كېلىدۇ، قانداقتۇر يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ باجدىن قېچىشى، قانداق جەرىمانە قويۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چېقىلىشقا بولمايدىغان قىزىل سىزىققا ئايلىنىپ، ئەمگەكچى خەلقنى تېخىمۇ كۆپ رازى قىلىدۇ.
نۆۋەتتە، بارغانسېرى كۆپلىگەن ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەر ئادىللىق، ئادىللىق يەنە شۇ ئادىللىقنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0