搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئالاھىدە دىققەت: ئۆگۈنلۈككە، رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ!
>
ئالاھىدە دىققەت: ئۆگۈنلۈككە، رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ!
Nepkar
2021-12-30
0
导读:بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق قائىدە، مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش كاپالەتكە ئىگە
2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، RCEP (رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى) رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدە كۈچكە ئىگە بولغان دۆلەتلەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئالتە دۆلەت ۋە جۇڭگو، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان تۆت دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. RCEP نىڭ كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلۇشى دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئىقتىساد-سودا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور ئەركىن سودا رايونىنىڭ رەسمىي ماكانلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بۈگۈن سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى RCEP نى يۇقىرى سۈپەتتە يولغا قويۇپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى رېن خۇڭبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: RCEP دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘش دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺸىدﯩﻜﻰ ﻳﯧڭى ئابىدە ھېسابلىنىدۇ. RCEP ئومۇميۈزلۈك، زامانىۋى، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى سەۋىيەلىك تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىدۇ.
ئىككىنچى، كېلىشىمنىڭ يولغا قويۇلۇشى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىدۇ. RCEP ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانىڭ قوش ئايلىنىشىنى تۇتاشتۇرىدىغان ۋاسىتە ۋە كۆۋرۈككە ئايلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنى تېخىمۇ زىچ باغلاپ، دۆلەت ئىچى قائىدىسى بىلەن خەلقئارا قائىدىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
ئۈچىنچى، كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى يۇقۇم ئەھۋالى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
ماتېرىيال رەسىم: شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ يۈ فوتوسى
RCEP رايون بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار يۈرۈشۈشكە باشلىدى، بۇ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئىقتىسادقا ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، كەسىپ ۋە كارخانىلارنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، سودا مىنىستىرلىقى جايلار، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنى ئېچىۋېتىش ۋە سىياسەت پايدىسىدىن بالدۇرراق بەھرىمەن قىلىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم ئېشىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە 701 ماددىلىق چەكلىمە خاراكتېرلىك مەجبۇرىيەتنىڭ ھەممىسى ۋەدىگە ئەمەل قىلىش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغان. گوۋۇيۈەن باج كومىتېتى كېلىشىم تاموژنا بېجىنى 2022-يىلى يولغا قويۇلىدىغان باج نىزامى جەدۋىلىگە ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى، ئۇنى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئەركىن سودا رايونى مۇلازىمەت تورىدىن سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ. تاموژنا باش مەھكىمىسى «ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاينى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلدى. ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمەتلىرىمۇ تاماملىنىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق قائىدە، مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
ئىقتىساد گېزىتى ئوبزورى:
RCEP ئارقىلىق رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك
يېقىندا «ئىقتىساد گېزىتى» «RCEP ئارقىلىق رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: RCEP نىڭ ھاسىل بولۇشى ھەم ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشقانلىقى، ھەم خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشنىڭ تەلىپى. كېلىشىمدىكى تەلەپ بويىچە، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق چەكلىمىسىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، تاۋار ۋە ئامىل ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش تەقسىماتى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە خەلقئارادىكى سۆز ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئىقتىسادىي، سىياسىي پايدىغا ئېرىشىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، RCEP كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ GDP سىغا %2.1 ئېشىش ئۈنۈمى، پۈتۈن يەر شارىغا %1.4 ئېشىش ئۈنۈمى ئېلىپ كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، RCEP ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بۇ ئارقىلىق «دۇنياۋىلىشىشقا قارشى تۇرۇش» ۋە يۇقۇم ئەھۋالى زەربىسى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە يول ئاچىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: خەلقئارا سودا ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش نەزەرىيەسىدىن قارىغاندا، RCEP ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بازىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش دەرىجىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ، كاپىتالنىڭ يۆتكىلىشى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ، ئەنئەنىۋى ئاسىيا «ياۋا غاز (雁形)» ئەندىزىسى «كېيىنكى ياۋا غاز (后雁形)» ئەندىزىسىگە يۈزلەنگەن ئۆتكۈنچى ھالەتنى تېزلىتىدۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى گورىزونتال ئىش تەقسىماتى مۇناسىۋىتى تەدرىجىي كۈچىيىدۇ، ھەم دۆلەت ھالقىغان ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى RCEP تۈزۈمىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئاستىدا قايتا تەشكىللىنىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى «بىرىگە شەرەپ بولسا ھەممىسىگە شەرەپ كەلتۈرۈش، بىرى زەخمە يېسە، ھەممىسى تەڭ زەخمە يېيىش (一荣俱荣、一损俱损)»تەك ئۆزئارا بېقىنىش ۋە مەنپەئەت بىرلەشمىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق دەپ قارالدى: دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسى بىلەن ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، RCEP نىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى، ئېنىقكى ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، رايون ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
رەسىم مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر قانىلى، ئىقتىساد گېزىتى
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0