
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
ئارىمىزدا تېخى نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئۆتمۈشتىكى تۇرمۇش لوگىكىسىنى ئۆزگەرتكىنى يوق. ئۇلار يەنىلا شۇ ئۆتمۈشتىكى ھايات تەجرىبىسى بويىچە كەلگۈسىگە يۈزلىنىۋاتىدۇ، ئەمما ئاستا-ئاستا بىردىنلا يولىدىن ئادىشىپ، ھايات ئاچىلىدا گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر خىل كىرىزىس تۇيغۇسى كۈنسېرى قەلبىمنى مۇجۇيدۇ، بۇ كىرىزىس تۇيغۇسى قانداقتۇر ئاشۇ ھايات ئاچىلىدا گاڭگىراپ قالغان كىشىلەر بولغان كىرىزىس ئەمەس، بەلكى مەن بۇ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئويۇن قائىدىسىنى چۈشىنەلمەي ياكى ئۇنىڭغا ماسلىشالماي، كۈنلەرنىڭ بېرىدە مەنمۇ ئاشۇ كىشىلەردەك ھايات ئاچىلىدا گاڭگىراپ قالارمەنمۇ؟ دېگەن ئەندىشىلىك كىرىزىس تۇيغۇسى ئىدى.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئىقتىساد ئىلىمى دېسە گەرچە خېلى قىزىقىپ باققان بولساممۇ، ئەمما كېيىن ئۆزۈمدىكى مەسىلىمۇ ياكى دەرس ئۆتكەن مۇئەللىم مېنى ئىقتىساد ئىلىمىنىڭ ئىچىگە تارتىپ ئەكىرەلمىدىمۇ ئىش قىلىپ، ئىقتىساد ئىلىمى دەرسىنى خۇددى ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەكلا ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈنلا ئۆگىنىپ، پۇرسەت پەرەسلىك قىلغان ئىدىم. مەن ئۇ ۋاقىتتا ئىقتىسادنىڭ ئاساسى لوگىكىسى، ئاساسى پىرىنسىپىنى ئىگىلەشكە كۈچىمەستىن، مۇئەللىمنىڭ بىر ئىككى قېتىملىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈنلا يۈزەكى «ئۆگەنگەن» ئىدىم، مەن ئۇ ۋاقىتتا قارىماققا مۇئەللىمنى ئالدىغاندەك قىلاتتىم، ئۆزۈمچە مۇئەللىمنى تولىمۇ ئەخمەق، گول ھېسابلاپ يۈرگەن ئىدىم.
ئەمما مانا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 12 يىل بولغاندا، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىمكى، مەن ئەسلىدە ئۆزۈمنى ئالداپتىكەنمەن، گول، ئەخمەق ئادەم مۇئەللىم ئەمەس بەلكى ئۆزۈم ئىكەنمەن. بىردەملىك كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەنمەي، مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئىقتىسادى ھادىسىلەرگە بولغان چۈشەنچەمنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن، قايتىدىن يېڭى باشتىن ئۆگىنىشكە، ئۆگەنگەندىمۇ چوڭقۇرلاپ، ئاساسىي لوگىكىسىنى ئىگىلەپ، پىرىنسىپ قانۇنىيىتىنى قېزىپ ئۆگىنىشكە باشلىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ قېتىملىق ئۆگىنىش جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى، ئىقتىساد ئىلىمى بۇ قېتىم ماڭا قانداقتۇر ئالىي مەكتەپتىكىدەك ئۇنچە قىرتاق، مەنىسىز، چۈشىنىكسىز تۇيۇلمىدى، بەلكى مەندە ئىقتىسادقا بولغان تونۇشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىلىمنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
مەن دېداۋ يېڭى چىققاندا، بولۇپمۇ شۆ جاۋفېڭنىڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى» دەرسلىكى ئېلان قىلىنغان بىرىنچى ۋاقىتتىلا ئۇنىڭغا ھەق تۆلەپ ئۆگىنىپ ماڭدىم، ئۆگەنگەنچە بۇ دەرسنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم، كېيىن كىتاب نەشردىن چىققاندىن كېيىن، يەنە كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇپ، كىتابنىڭ زىيادە يۇقىرى قىممىتىنى ھېس قىلغانسېرىم، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي بىر تىنىقتا ھەممە ئىشنى تاشلاپ، ئۇ كىتابنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مېنى شۆ جاۋفېڭ ئىقتىساد ئىلىمىگە قىزىقتۇرۇپ، ئاندىن بۇ ئىلىمدە بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە قىلىپ، ئىقتىساد جەھەتتىكى بىلىش ئېشىنچامنى ئاشۇرۇپ، مەندە خېلى پۇختا ئاساس پەيدا قىلدى.
ئەلۋەتتە، شۆ جاۋفېڭنىڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابىنى ئوقۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ كىتاب ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما ئۇنىڭ مۇھىملىقى پۈتكۈل ئىقتىساد ئىلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتا ئەمەس، بەلكى بۇ ئىقتىساد ئىلىمىگە كىرىشتىكى ئاچقۇچ، مۇشۇ ئاچقۇچ قولىڭىزدا بولسا، سىز ئىقتىساد ئىلىمىدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق قورغاننىڭ سىر ھېكمەتلىرىنى ئېچىپ، ئۆزىڭىزنى ئىقتىسادى بىلىم، ئىقتىسادى تەپەككۇر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان، خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان ئىش ھادىسىلەرگە نىسبەتەن توغرا قاراش ۋە ئاڭغا ئىگە بولۇپ، چىقارغان قارارلىرىڭىزدا خاتالىق، سەۋەنلىكلەردىن ساقلىنىپ، دەۋرنىڭ ئەقىللىق، دانا، كۈچلۈكلىرىدىن بولالايسىز.
سالونلاردا ئىقتىسادقا ئائىت يازمىلارنى بېسىپ يوللاۋاتقىنىمغا 5 ئايدىن ئېشىپتۇ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن تورداشلار ئۆزىنىڭ بۇ سالونلاردىن تولىمۇ كۆپ نەپ ئالغانلىقىنى ئېيتىشتى، ئەلۋەتتە يەنە كۆپ ساندىكى تورداشلار بۇ «چۈشىنىكسىز» يازمىلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەنلىكىنى، ھەزىم قىلالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مەن بۇ يەردە شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئەگەر سىز ئىقتىساد بىلىملىرىگە قىزىقسىڭىز، ئەڭ ئالدى بىلەن چوقۇم ۋە چوقۇم مەن تەۋسىيە قىلىۋاتقان شۆ جاۋفېڭنىڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ. ھازىر ئوقۇسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز، چۈنكى ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادى ئەڭ ھالسىرىغان ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادى بىلىملەرگە بولغان ئاساسىڭىزنى پۇختىلىۋالسىڭىز، ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە ئىقتىساد جانلانغاندا، سىز ھازىر تەييارلىغان يېتەرلىك «ئوزۇق-تۈلۈك» ئەۋزەللىكىڭىز بىلەن ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئالدىدا ماڭالايسىز.
ئەلۋەتتە، مەن ئاشۇ بۇ «چۈشىنىكسىز» يازمىلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەن، ھەزىم قىلالمىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئايرىم ھەقلىق يۇسۇندا تېخىمۇ ئىنچىكە چۈشەندۈرۈش، مەخسۇس تېما تۇرغۇزۇش، تەلەپ بويىچە تېما تەييارلاش، تېمىنى كېڭەيتىش، بېيىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تېز سۈرئەتتە دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، نەپدان ھەقلىق مۇلازىمىنى ئىشقا كىرىشتۈردۈم. (تۆۋەندىكى رەسىمنى چەكسىڭىز ھەقلىق مۇلازىمەت چەمبىرىكىگە كىرەلەيسىز!)
ئەگەر سىزدە دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشىپ مېڭىش، دەۋرنىڭ كۈچلۈكلىرىدىن بولۇش ئىستىكى بولسا، سىزنىڭ ئۈندىدار 345760552 نى قوشۇپ، ھەقلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىقتىساد بىلىملىرى ئاساسىڭىزنى پۇختىلىۋېلىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.

بۇ ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاڭ!
ئېسىڭىزدە بولسۇن، دۇنيا رەھىمسىز، دەۋر ھېسسىياتسىز. سىز ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز كۆيۈنمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئاسرىمىسىڭىز، ئۆزىڭىزگە مەبلەغ سېلىپ (ئۆگىنىش ئادەمنىڭ ئۆزىگە سېلىنغان ئەڭ يۇقىرى پايدا يارىتىدىغان مەبلەغ سېلىشتۇر.) دەۋر كۈچلۈكلىرىدىن بولمىسىڭىز، يەنە بىر قانچە يىل ئۆتمەيلا سىز دەۋر تەرىپىدىن، دۇنيا تەرىپىدىن، ئەتراپىڭىزدىكىلەر تەرىپىدىن شەپقەتسىزلەرچە تاشلىۋېتىلىسىز، شاللىۋېتىلىسىز. سىز ھەر ۋاقىت كۈچلۈك كىرىزىس تۇيغۇسىدا ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئاندىن بۇ دەۋرنىڭ ئاشۇ شەپقەتسىزلىكىگە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرەلەيسىز.
ئىلگىرى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىڭىز، ھېچقىسى يوق، ھازىردىن باشلاپ پۇرسەت ئالدىڭىزدا تەييار بولدى، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، زېھنى قۇۋۋىتىڭىزنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇيقۇدىكى ھۈجەيرىلىرىڭىزنى ئىلىم سەپىرىگە ئاتلاندۇرۇپ، دەۋرنىڭ كۈچلۈكلىرىگە ئايلىنىش ئايلىنالماسلىقىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزگە باغلىق بولۇپ قالدى.
ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى قارارىڭىز چوقۇم ھاياتىڭىزدا ئەڭ توغرا چىقارغان بىر قېتىملىق قارارىڭىز بولۇپ قالغۇسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭىزدا ئالاھىدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغۇسى!
بۇ يەرنى بېسىپ نەپدان ھەقلىق ئەزالار چەمبىرىكىگە كىرىڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!