
«جاڭ يىمىڭنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسى بىر قالتىس شىركەت (SuperCompany) قۇرۇپ چىقىش، يەنى ئىنسانلارنىڭ ئىلگىرىكى سودا تارىخىدىكى بارلىق چېگرا ۋە ئەندىزىلەرنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان SuperCompany شىركەت.» B بېكەتنىڭ باش مۇدىرى چېن رۈي «كەچقورۇن (晚点)»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا جاڭ يىمىڭنىڭ «ئاچكۆزلۈكى»نى شۇنداق تەسۋىرلىگەن.
قۇياش نۇرى چۈشىدىغان جاي، ھەممىسى مېنىڭ (جاڭ يىمىڭ) زېمىنىم
سۈرئەت ۋە كۆلەمگە ئەھمىيەت بېرىش جەھەتتە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئارىسىدا جاڭ يىمىڭنىڭ تەڭدىشى بولماسلىقى مۇمكىن. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، TMD نىڭ ئۈچ كىچىك ماگناتى ۋۇجېن بازىرىدا يېپىق يىغىن ئاچتى. زىياپەت ئارىلىقىدا جاڭ يىمىڭ ناھايىتى ئۇدۇللا قىلىپ: «مېنىڭچە بۇرۇنقى شىركەتلەر خاتالاشتى.» دېگەن ئىدى.
«بۇرۇنقى شىركەتلەر» BAT نى كۆرسىتىدۇ.
جاڭ يىمىڭنىڭ قارىشىچە، BAT پايدا ئېلىشقا ئالدىرىماي، بەلكى پايدىنى «تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك سېلىنما»غا ئىشلىتىش كېرەك ئىكەن. «مەسىلەن، دۆلەت ئىچىدىكى بىر ئالاقە تورى ماگناتىنى ئېلىپ ئېيتساق، مېنىڭچە ئۇ ناھايىتى چوڭ، تېخىمۇ چوڭ بولۇشى كېرەك، ئەمەلىيەتتە ئۇ پايدا ئالمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاندىن پايدا ئالغان بولسا، مەيلى ماركا ياكى تىجارەت كىرىمى بولسۇن تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتەتتى.»
«تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ياخشى بولۇش» ئۈچۈن، بايتلىق سەكرەش شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. تور ئەدەبىياتى ساھەسى بۇ «ئالەم شىركىتى» قارىغا ئالغان يېڭى نىشان. تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بايتلىق سەكرەشنىڭ تولۇق مەبلەغلىك بالا شىركىتى بېيجىڭ كۋانتلىق سەكرەش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىندا گۇاڭجۇ مېڭمېڭدا تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە پاي قوشۇپ، 3-چوڭ پايچىك بولغان، كېيىنكىسىنىڭ قارمىقىدا ئىجادىي ئەدەبىيات تور بېكىتى جيۇكۇ ئەدەبىيات تورى بار ئىكەن.
بۇ بايتلىق سەكرەش تور ئەدەبىياتى ساھەسىگە سالغان يەنە بىر تارماق بولۇپ، 2019-يىلىدىن باشلاپ بايتلىق سەكرەش تور ئەدەبىياتى بەيگىسىنى باشلىغان، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەبلەغ سېلىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، ئۇل مەدەنىيىتى، شيۇۋېن پەن-تېخنىكىسى، دىڭتيەن مەدەنىيىتى، تادۇ ئەدەبىياتى، جيۇكۇ ئەدەبىيات تورى قاتارلىق سۇپىلارغا ئارقا-ئارقىدىن مەبلەغ سالغان.

ئۈن-سىن، رەقەملىك نەشرىياتچىلىق جەمئىيىتىنىڭ 9-ئايدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى تور يېزىقى بازىرىنىڭ تىجارەت كۆلىمى ئەمدىلا 20 مىليارد يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، بۇ نۆۋەتتىكى پارلاق بەيگە مەيدانى ئەمەس ئىكەن، بايتلىق سەكرەشنىڭ تەكرار ئاتاكىغا ئۆتۈشىدىكى سەۋەب، ئابونتلارنىڭ ۋاقتىنى ئىگىلىشى روشەن بىۋاسىتە سەۋەب ئىكەن، ئەمما تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدىن قارىغاندا، تور ئەدەبىياتىنىڭ بايتلىق سەكرەشكە بولغان تېخىمۇ چوڭ قىممىتى شۇ يەردىكى، بۇ بىر ياخشى ھېكايە. ياخشى ھېكايە مول مۇمكىنچىلىك ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ خۇددى بىر تال ئۇرۇققا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە چېچەكلەپ مېۋە بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى كاپىتال بازىرىغا تېرىلسا، شۇ ھامان بىر تۈپ تەلۋىلەرچە ئۆسىدىغان سېھىرلىك ئاسمان پەلەك دەرەخكە ئايلىنىدۇ.
قىسقا فىلىم ئېقىم مىقدارى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ھازىرقى پەيتتە، جاڭ يىمىڭ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىدىغان مۇھىم نۇقتىنى ئوتتۇرا، ئۇزۇن سىن ساھەسىگە قويۇپ، تور ئەدەبىياتى ئېكولوگىيەسىگە مەبلەغ سالىدۇ، مەنبەدىن باشلاپ ئۇزۇن سىن ساھەسىگە قان بېرىپ، كىنو-تېلېۋىزىيەلىشىش يولىنى ئاچىدۇ. ھازىر چوڭ IP نىڭ كۆپىنچە «داڭلىق گۈلنىڭ ئىگىسى» بار، يېسىۋېلەك باھاسىدا چوڭ IP سېتىۋېلىش دەۋرىمۇ ئاخىرلاشتى، بايتلىق سەكرەش ئۆزىگە تەۋە بولغان پان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئىمپېرىيەسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئۆزى IP ياسايدۇ.
بۇ تېڭشۈن تەرىپىدىن دەلىللەنگەن توغرا يول. تېڭشۈننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پان كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ئويناش ئۇسۇلى ئاساسلىقى IP غا مەركەزلەشكەن. يۆۋېن گۇرۇھى تېڭشۈننىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى قان بېرىش ئامبىرىغا ئايلىنىپ، «يۆۋېن+تېڭشۈن كىنوچىلىقى+شىنلى»دىن ئىبارەت تۆمۈر ئۈچ بۇرجەك گۇرۇپپىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر پۈتۈن ئايلانما نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش زەنجىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
يېڭى بەيگە سەھنىسىنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر تەرىپى شۇكى، بايتلىق سەكرەشنىڭ يەر شارىلىشىشى توسالغۇغا ئۇچرىدى، جاڭ يىمىڭ كاپىتال بازىرىدا يېڭى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىشى كېرەك، بەيگە سەھنىسى يېتەرلىك كەڭ بولسا، كاپىتال ھېكايىسى تېخىمۇ جانلىق بولىدۇ.
TikTok ۋەقەسى ئەۋج ئېلىشتىن بۇرۇن، بەلگىلىك مەلۇم بىر مەزگىل ئۆتكەندە بايتلىق سەكرەشنىڭ پات ئارىدا IPO (پېيىنى بازارغا سېلىش) خەۋىرى تارقىلاتتى، ئۇنىڭ مۆلچەر قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 150 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئەمما، بۇ غايەت زور تەڭداشسىز «ئۇچقۇر» ئەمدى ئۇچۇشقا تەمشىلىۋاتقاندا، TikTok نىڭ چەكلەنگەنلىك ۋەقەسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، مۆلچەر قىممىتى ئېنىقسىز تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا بايتلىق سەكرەشكە يېقىنلاشقان مەبلەغ سالغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، TikTok بايتلىق سەكرەشنىڭ كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە قىلغان بولۇپ، ئۇ بايتلىق سەكرەشنىڭ مۆلچەر قىممىتىنىڭ 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىش-كېتەلمەسلىكىدىكى مۇھىم ھالقا ئىكەن. ھازىر، TikTok نىڭ تەقدىرى يەنىلا ئېنىق ئەمەس، بايتلىق سەكرەش مۆلچەر قىممىتىنىڭ ئۆرلەش بوشلۇقى قىسقارتىلدى، بۇرۇنقىدەك تەسەۋۋۇر كۈچى كۈچلۈك ئەمەس.
بايتلىق سەكرەشكە تەۋە بىر مەيدان مۆلچەر قىممەتنى قوغداش ئۇرۇشى باشلاندى، جاڭ يىمىڭ چوقۇم يېڭى ھېكايە تېپىشى، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ توختىماي كېڭىيىۋاتقان ئىشتىھاسىنى قاندۇرۇشى كېرەك.
ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ھەر بىر ئالاقە تورى ماگناتى مۇقەررەر دۇچ كېلىدىغان تەقدىر بولۇپ قالدى، قىسقا فىلىم ئېقىم مىقدارىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىش يۈزلىنىشىمۇ كۈنسېرى روشەنلەشتى.
2-نۆۋەتلىك ئىجادىيەت يىغىنىدا، دوۋيىن DOU نىڭ 600 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى جاكارلاندى. گەرچە سانلىق مەلۇمات زور بولسىمۇ، ئەمما بۇ سانلىق مەلۇمات دوۋيىن باش ئەپتىن باشقا، يەنە دوۋيىن يانار تاغ نۇسخىسىدىكى APP نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3-تەرەپ سۇپىسى QuestMobile سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە بىر كۈنلۈك كىچىك دولقۇن چوققىسى بولغاندىن باشقا، دوۋيىن باش ئەپنىڭ كۈندىلىك ئېشىشق ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان «600 مىليونلۇق كۈنلۈك ئاكتىپ ئەزا»دىن ئىبارەت بۇ نەتىجە ئاساسلىقى بازارغا يۈزلەنگەن يانار تاغ نۇسخىسىنى قارىغا ئېلىشتىن كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، دوۋيىندا ئابونتلارنىڭ ۋاقتى جەھەتتىمۇ يېڭى ئېشىش بوشلۇقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۈندىلىك جانلىق ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش يۈزلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
بەلكىم بۇنى بايتلىق سەكرەشنىڭ تور ئەدەبىياتى بەيگىسىگە كىرىشىنىڭ سەۋەبىنى «بايتلىق سەكرەش ھەر قايسى ئۆلچەمدە ئىشلەتكۈچىلەر ۋاقتىنى تالىشىش ۋە ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.» دەپ يىغىنچاقلاشقا بولۇشى مۇمكىن.
كۆچمە ئالاقە تورى دەۋرىدە مەزمۇننى ئۈزلۈكسىز بېيىتقىلى، تارقىتىش ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، پەقەت ئابونتلارنىڭ ھەر كۈنى 24 سائەت ۋاقتى مۇقىم بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئابونتلارنىڭ ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋاقتىمۇ نىسبەتەن چەكلىك بولىدۇ. ئابونتلارنىڭ ۋاقىت ئارقىلىق بېلەت تاشلىشى ھازىرقى باسقۇچتىكى ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم فىشكا.
تور ئەدەبىياتى ساھەسى بايتلىق سەكرەشنىڭ خېرىدارلارنىڭ ۋاقتىنى تارتىۋالىدىغان يېڭى جەڭگاھى.
بايتلىق سەكرەشنىڭ تور ئەدەبىياتى كەسپى رەسمىي سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقتى، بۇنىڭ مەنبەسى بۈگۈنكى باشخەۋەر ئەدەبىيات قانىلى ئىجادىي ئاپتورلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىختىساسلىقلار ئىچكى سىغىم ئامبىرىنى زاپاسلاشقا باشلىدى. بۇ كەسىپ زور كۈچ بىلەن يۆلەشكە ئېرىشتى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، تور ئەدەبىياتى ئىجاد قىلغۇچى «كىچىك بىنادا يامغۇر تىڭشاش»نىڭ بۈگۈنكى باشخەۋەردە «ئاسانلا ئايدا 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.»لىقىنى ھەمبەھرلىنىپ، نۇرغۇن مۇلاھىزىلەرنى قوزغىدى، بۇ ئىجادىيەتچى «باشخەۋەردە كىتاب يازىدىغان نۇرغۇن پىرلارنىڭ كىرىمى مېنىڭكىدىن يۇقىرى. ئايدا 200 مىڭ، 300 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىش تېخى ئەمدىلا باشلاندى، كىتاب ياخشى يېزىلسىلا، ئايدا مىليون يۈەن كىرىم قىلىش چۈش ئەمەس.» دەپ بىلدۈردى ھەمدە قەلەم ھەققى كەسمە رەسىمىنى ئىسپات قىلىپ كۆرسەتتى.

بۇنىڭ بىلەن بايتلىق سەكرەش تور ئەدەبىياتى ساھەسىدە بېيىتىش مۇنازىرىلىرى زور مىقداردا پەيدا بولدى.
ئەمەلىيەتتە تور ئەدەبىياتى ئېكولوگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، بايتلىق سەكرەش ئاساس سالغىلى ئۇزۇن بولدى. بىر يىل بۇرۇنلا بۈگۈنكى باشخەۋەر ئەدەبىيات قانىلى ئىجادىي ئاپتورلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، تور ئەدەبىياتى كەسپى رەسمىي ئاشكارىلانغان. 2019-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، پەمىدۇر ئەدەبىياتى ئېلان قىلىندى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، پەمىدۇر ئەدەبىياتى AppStore نىڭ كىتاب تۈرى تىزىملىكىدە ئۈچىنچى ئورۇنغا چىقتى. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بىر خىل ھەقسىز ئەدەبىيات ئەپى «يەتتە مۈشۈك ئەدەبىياتى» بىلەن نۆۋەتلىشىپ چىمپىيۇنلۇقنى ئالدى.
پەمىدۇر ئەدەبىياتى «ھەقسىز ئوقۇش + ئېلاننى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش» ئەندىزىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ھەقسىز ئوقۇش ئۇزۇن ئەسەرلەرنى خېرىدارلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى ھەمدە بۇ خاسلىق ئاساسىي چۆكمە بازىرىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. 2020-يىلى 4-ئايدا، پەمىدۇر ئەدەبىياتى كۈندىلىك ئاكتىپ ئابۇنىچى سانىنىڭ 10 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، يۆۋېن ۋە جىنجياڭدىن قالسىلا، پەمىدۇر ئەدەبىياتى 2-، 3-سەپتىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى تور ئەدەبىياتى سۇپىسى بىلەن ھەمكارلىق ھاسىل قىلدى، جاڭيۆ (ئالقاندا ئوقۇش)، زۇڭخېڭ قاتارلىق چولپان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى پەمىدۇردا كۆرۈلدى.
ئۆزىگە تەۋە تور ئەدەبىياتى سۇپىسى بار بولغاندىن كېيىن، جاڭ يىمىڭ «سۈپۈرۈش» ئەندىزىسىنى ئاچتى. قىسقىغىنا يېرىم يىلدا ئۇل مەدەنىيىتى، شيۇۋېن پەن-تېخنىكىسى، دىڭتيەن مەدەنىيىتى، تادۇ ئەدەبىياتى، جيۇكۇ ئەدەبىيات تورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش تور ئەدەبىيات سۇپىسىغا مەبلەغ سالدى. مەبلەغ سېلىنغان تور ئەدەبىياتى سۇپىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوڭ دەرەخكە يۆلىنىپ سالقىنداش ئاسان، بايتلىق سەكرەش يېتەرلىك لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان تىللا ئىگىسى بولۇپ، ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە IP ئارقىلىق ئۆزىنى زورايتىپ، ئايلانما يولدا يانداپ ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ ئەمەس.
بىر بايتلىق سەكرەشكە تەۋە بولغان تور ئەدەبىياتى ئېكولوگىيە تورى كەڭ يېيىلماقتا.
بۇ بەلكىم يۆۋېنگە بولغان ئۈن-تىنسىز جەڭ ئېلان قىلىش بولۇشى مۇمكىن، يەنى پەمىدۇر ئەدەبىياتى «ھەقسىز + ئېلان» ئەندىزىسى ئارقىلىق يۆۋېننى ھالاكەت يولىغا باشلىشى، شۇ ئارقىلىق پۈتكۈل كەسىپنىڭ سىلكىنىشى ۋە دىققىتىنى قوزغاپلا قالماي، قارىماققا مۇقىم بولغان ھەق تۆلەپ ئوقۇش ئەندىزىسىنى پاچاقلىۋېتىشى مۇمكىن.
ئەنئەنىۋى ئەندىزىدە، تور يېزىقچىلىقى ھەق تۆلەش ۋە ھەقسىز بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈرگە بۆلۈنەتتى، ئەلا سۈپەتلىك تور يېزىقچىلىقىدىكى ئەسەرلەر كۆپىنچە ھاللاردا تەھرىر تەرىپىدىن تەھرىرلەپ تەكشۈرۈلۈپ تەۋسىيە بېتىگە تەۋسىيەلىنەتتى ھەم ھەق تۆلەپ مۇشتەرى بولۇش ئەندىزىسى ئېچىلاتتى. ئەمما توردا ھەق تۆلەش ئەندىزىسىنى ئىجاد قىلغان يۆۋېن گۇرۇھى بولغان تەقدىردىمۇ، ھەق تۆلەيدىغان ئابونتلارنى قانداق كۆپەيتىشتەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
تور ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھەرگىزمۇ پىشىپ يېتىلگەن سودا ئەندىزىسى يوق ئىدى. 2003-يىلى، ۋۇ ۋېنخۇي «باشلىنىش نۇقتىسى (起点)» خەنزۇچە تورى ھەق تۆلەپ ئوقۇش سىستېمىسىنى قۇرۇشقا باشلىغان. ئەمما 2018-يىلىغا كەلگەندە، ھەقسىز ئەندىزىسى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى ھەمدە كۈچلۈك يۈزلىنىش بىلەن كېڭىيىپ، ھەق تۆلەپ ئوقۇش بازىرىنى يەپ كەتتى. يۆۋېننىڭ ھەق تۆلەيدىغان ئابونتلارنىڭ كۆپىيىش قىيىنچىلىقى بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولماقتا: 2018-يىلى يۆۋېنگە ھەق تۆلەيدىغان ئابونتلار 10 مىليون 800 مىڭ بولۇپ، 2019-يىلىغا كەلگەندە، ھەق تۆلەيدىغان ئابونتلار 1 مىليون ئادەم ئازايدى ھەمدە يەككە ئابونتلارنىڭ ھەق تۆلەش سوممىسىدىمۇ تۆۋەنلەش كۆرۈلدى.
ئەلۋەتتە، ھەقسىز ئوقۇشنىڭ ئادەمگە بېرىدىغان تەسىراتى ياخشى ئەمەس. پەمىدۇر ئەدەبىياتىنى ئاچقاندا، ھەممە بوشلۇق ئېلان بىلەن توشۇپ كېتىدۇ، ھېكايە تېكىستىدە باب-پاراگرافلارنى ئوقۇغاندا، ھەر 3~5 بەتنى ۋاراقلىغاندا پۈتۈن بىر بەتنى ئىگىلىۋالغان App ئېلانى چىقىدۇ، ھەر بىر تور ئەسىرىنىڭ خەت سانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئابونتلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر روماننى ئوقۇپ بولۇش ئۈچۈن مىڭدىن ئارتۇق ئېلاننى كۆرۈشكە مەجبۇرى بولىدۇ.
گەرچە ئېلان ئوقۇش تەسىراتىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا نۇرغۇن چۆكمىلەشكەن بازاردىكى ھەمدە باھاغا سەزگۈر خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېقىم مىقدارى جۈمىكى بىلەن چوڭ سانلىق مەلۇمات ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئىگە بايتلىق سەكرەش، كىتاب ئوقۇش بەيگىسىدىكى باشقا رىقابەتچىلىرىنى نەق قارىغا ئالالايدۇ ۋە ئۇنى كۆزدىن يوقىتىپ، ئىنچىكە ئايرىش ساھەسىدىكى چولپان ماھىر بولۇپ قالدى، تور ئەدەبىياتى ساھەسىدە يۆۋېن بىلەن قىسقا مۇددەتلىك «دەريا ئايرىپ ئىدارە قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ ئەمەس.
تور ئەدەبىياتى سۇپىسىغا كىرىش پەقەت بىر باشلىنىش بولۇپ، IP بايلىقى بايتتلىق سەكرەشنىڭ ھەقىقىي نىشانى، IP نى قولدا تۇتقاندىلا ئاندىن پادىشاھقا تەھدىت سېلىپ، بەگلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پان كۆڭۈل ئېچىش ئىمپېرىيەسى ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بايتلىق سەكرەش مەبلەغ سالغان بىر قانچە تور ئەدەبىياتى شىركىتى، گەرچە ھەممىسى بەل قىسمىدىكى شىركەتلەر، «تۆۋەن سەپلىمىلىك نۇسخىسى»دىكى يۆۋېنگە بەكرەك ئوخشىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن IP چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەمدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.
يېقىندا مەبلەغ سېلىنغان جيۇكۇ ئەدەبىيات تورى 2017-يىلىلا كىنو-تېلېۋىزىيە ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، ھەجۋىي رەسىم مەزمۇنى «شاپتۇللۇق كەنتىنىڭ دوختۇرى» ۋە «ئالۋاستى ئاتا، ئاستا مېڭىڭ ئۇزاتمىدىم»نىڭ ھەممىسى ئىلگىرى تېڭشۈن ھەجۋىي رەسىملىرىدە ئېلان قىلىنغان. ئۇل مەدەنىيىتى بايتلىق سەكرەش بۇ ساھەدە تۇنجى قېتىم مەبلەغ سالغان، ئوخشاشلا تور ئەدەبىياتى سۇپىسى، مەزمۇن ئىجادىيىتى، IP ئېچىش تىجارىتى، كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق ساھەلەر بىر گەۋدىلەشكەن شىركەت بولۇپ، ئاساسلىق تىجارەت كەسپى كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەش، IP چىقىرىش قاتارلىقلار بولۇپ، قارمىقىدا ئەدەبىيات تورى، شاتارى شادلىقى ئەدەبىيات تورى، بۇغا كىتاب بار قاتارلىق ئالتە ئەدەبىيات تور بېكىتى بار. ھازىر كېلىشىم ئىمزالىغان ئاپتور 4000 دىن ئاشىدۇ، 6000 دىن ئارتۇق كىنو-تېلېۋىزىيە نەشر ھوقۇقى ئەسىرى زاپاس ساقلانغان.
شيۇۋېن پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئارقىسىدا بولسا سۈركىلىش يۆلەنچۈكى بار، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى ساھەسىدە نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك IP يېتىشتۈرۈش مىساللىرى بارلىققا كەلدى، «ئۆسمۈرلۈكتىكى سىز»، «سىزنىڭ پۈتۈن دۇنيارىڭىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا»، «مىڭ سۇلالىسىدىكى ئاشۇ ئىشلار»، «جۇ پەرىزات» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بولۇپ، قارمىقىدىكى يىيۈن بىلىم يۇرتى ئاياللارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كىنو-تېلېۋىزىيە تۈسىنى ئالغان بىر قاتار قىزىق IP لارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
IP تەييارلىنىپ بولدى، ئەمدى IP نى قانداق تىجارەتكە سېلىش--دوۋيىننىڭ خام ماتېرىيالى بولامدۇ ياكى ئۇزۇن فىلىم كەسپىگە كىرىش ئارقىلىق كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى شەكلىدە IP نى ھەزىم قىلىش كېرەكمۇ؟ بايتلىق سەكرەش تاللاش قارارى قىلىشى كېرەك. ئەگەر كېيىنكىسى بولسا، پۈتكۈل مەزمۇن ئېكولوگىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن زەنجىرىنى قوزغاشقا تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق بولىدۇ، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى قىسقا فىلىم مەزمۇنى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ تور ئەدەبىياتى سۇپىلىرى ئىگە بولغان ئەسەرلەر مەيلى سان جەھەتتىن بولسۇن ياكى IP داڭقى جەھەتتىن بولسۇن، 11 مىليون 500 مىڭ پارچە ئىجادىي ئەسەرگە ئىگە بولغان يۆۋېن بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۆزى بەرپا قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزراق بولغان بايتلىق سەكرەشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، IP قىممەت بولسىمۇ كۆپ قىممەت ئەمەس، پەقەت ئەسەر بولسىلا نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ، تېڭشۈن بىلەن پارتىداشلىق تىركىشىشىدە ئاساسقا ئىگە بولىدۇ.
بايتلىق سەكرەش قايسى ۋاقىتتا IPO بولىدۇ؟ بۇ بىر كونا پاراڭ تېمىسى. بۈگۈنكى باشخەۋەرنىڭ CEO سى جۇ ۋېنجيا ئىلگىرى جاڭ يىمىڭنىڭ «بازارغا سېلىش ئىشى بىر قەدەر چوڭ، قانائەت تۇيغۇسىنى كېچىكتۈرۈپ، يەنە بىر ئاز ساقلاش كېرەك.» دەپ قارىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
كۈتۈش جەريانى، شۇنداقلا جاڭ يىمىڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېلېمېنتلارنى زاپاسلاپ كاپىتالنى تولۇقلاش ھېكايىسى جەريانىدۇر.
تور ئەدەبىياتى سۇپىسىنى «سۈپۈرۈش»، پان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئېكولوگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قارىماققا «تېڭشۈن+يۆۋېن» ئەندىزىسىنى كۆچۈرگەندەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن بۇمۇ بايتلىق سەكرەشنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورايغاندىن كېيىنكى مۇقەررەر نەتىجىلەرنىڭ بىرى. قىسقا فىلىم يەنىلا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلاپ قالغان تەقدىردىمۇ، SuperCompany نى بەرپا قىلىش «قارا نىيىتى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جاڭ يىمىڭ يەنە داۋاملىق توغرا يۆنىلىشتە تۇتاشتۇرۇشنى تاللاپ، تېڭشۈن بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئىمكانقەدەر كۆپەيتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قىسقا فىلىم ساھەسىنىڭ ئېشىشى سۇسلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، پان كۆڭۈل ئېچىش ماڭمىسا بولمايدىغان بىر قەدەمگە ئايلاندى.
بايتلىق سەكرەش زور كۈچ بىلەن يۆلىگەن تاۋۇز سىن ئەپى ئۇزۇن فىلىم ساھەسىدە ئىزدىنىش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، نىشانىنى ئوتتۇرا ئۇزۇن فىلىمگە يۆتكىدى ھەمدە جۇڭگونىڭ YouTube سى بولۇشقا ئىرادە باغلىدى. بۇ يىل 6-ئايدا، جاڭ يىمىڭ بىر قېتىملىق يىغىندا تاۋۇز سىن ئەپىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزۇن فىلىمگە كۈچ سەرپ قىلىش ئۇچۇرىنى ئېنىق يەتكۈزدى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئوتتۇرا ئۇزۇن فىلىم بايتلىق سەكرەشنىڭ كېيىنكى ئېقىم مىقدارى ماتورى.
ئەمما بۇ بايتلىق سەكرەشنىڭ ئۇزۇن فىلىمدىن ئىبارەت بۇ مەزمۇن ئېكولوگىيە ساھەسىدىكى چوقۇم تالىشىدىغان جايدىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
2020-يىلى چاغاندا بايتلىق سەكرەش ئوخشاش بىر سۆھبەت ئۈستىلىدىكى ئەيچىيىنى مەغلۇب قىلىپ، 630 مىليونغا «چارىسىز ئانا (囧妈)»نىڭ قويۇش ھوقۇقىنى سېتىۋالدى. 3-ئايدا، يەنە بىر قېتىم «يەڭگۈچى»نىڭ قويۇش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنە نەتفلىكس (Netflix) بىلەن يەر شارى بويىچە ماس قەدەمدە ياپونىيە كارتون فىلىمى «چەكسىز»نى ئىشلەپ، ھەق تۆلەش ئەندىزىسى ۋە ئەزالىق ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.
بىراق، «تېڭشۈن سىن+يۆۋېن+شىنلى» ئۈزلۈكسىز ماسلىشىش جەريانىدا تۆمۈر ئۈچ بۇرجەك بولۇپ قالدى، مەيلى IP زاپىسى ياكى كەسىپ زەنجىرى ئورۇنلاشتۇرمىسى بولسۇن، ھەممىسى يەنىلا ئۇزۇن فىلىم گىرۋىكىدە سىناپ باققان بايتلىق سەكرەش بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
ئۇزۇن فىلىم كەسپى ئاستا سودا بولۇپ، بازاردا ساقلىنىپ قالغان ھەر بىر شىركەت ئۇزۇن مەزگىللىك جۇغلىنىش ۋە قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن. بايتلىق سەكرەشنىڭ ئۇزۇن فىلىم ساھەسىدە، ھازىرقى ئەڭ ياخشى تاللاش بولسا ئۇزۇن فىلىم ئىشلەيدىغان ئەلا سۈپەتلىك شىركەتلەرنى سېتىۋېلىش ياكى پاي كونترول قىلىش، پۇل ئىقتىدارى ئارقىلىق مەيدانغا كىرىش بېلىتىنى ئېلىش.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزى تاراتقۇلار بايتلىق سەكرەش ئەيچىيىنى سېتىۋېلىپ بىرلىشىپ «تېڭشۈن»گە قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما لى يەنخۇڭنىڭ ئەيچىيىنى جاڭ يىمىڭغا سېتىپ بېرىشى، ئېنىقلا مۇمكىن ئەمەس. جاڭ يىمىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەيچىيىگە سېلىشتۇرغاندا، يوۋكۇ تېخىمۇ رېئال تاللاشتۇر. يېقىندا باش بەت ئۆزگەرتىلىپ، تاۋباۋنىڭ قىسقا فىلىمگە يۈرۈش قىلىشىنى تېزلىتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى، بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئەلى بابا ئۇزۇن فىلىمنى بايتلىق سەكرەشكە سېتىپ بەرسە، كېيىنكىسىنىڭ قىسقا فىلىم جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى كىرگۈزۈپ، «ئۇزۇن»دىن كېچىپ «قىسقا»نى تولۇقلىسا، بەلكىم قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، ئۇزۇن فىلىم ھېكايىسىنى قانداق سۆزلەش كېرەك؟ تاۋۇز سىن ئەپ دېتالىنى داۋاملىق يۆلەش كېرەكمۇ ياكى كۆپ پۇل خەجلەپ سۇپا سېتىۋېلىش كېرەكمۇ؟ بۇ جاڭ يىمىڭنىڭ قانداق تاللىشىغا باغلىق.
مەنبە: ھەرپ تاختىسى ئۈندىدار سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
