搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
پاي چېكى ئوينىغۇچىلار ئىقتىسادشۇناسلىقنى چۈشىنىشى كېرەك
>
پاي چېكى ئوينىغۇچىلار ئىقتىسادشۇناسلىقنى چۈشىنىشى كېرەك
Nepkar
2022-02-02
0
导读:سىز قايسى شىركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالسىڭىز، سىز شۇ شىركەتنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى بولىسىز.
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئېلىمىزنىڭ پاي چېكى بازىرىدا پاي چېكى ئاپىتى يۈز بەرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن كىشىلەر پاي چېكى بازىرىغا قاپسىلىپ قالدى، ئۇلار جۇڭگو پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكتىن ئۆرلەپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلدى. كۆپچىلىك يەنە جۇڭگو پاي چېكى بازىرىدا ياخشىلىنىش ئەھۋالىنىڭ بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىشتى!
ئەسلىدە 2018-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگونىڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدا سودا سۈركىلىشى يۈز بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ پاي چېكى بازىرىدا پاي كۆرسەتكۈچى توختىماي چۈشۈپ، كۆپچىلىك ئۈمىد ئۇچقۇنىنىمۇ كۆرەلمىدى. جۇڭگونىڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناھار ئىدى!بۇ پاي چېكى بازىرىدىكىلەرنى تولۇق ئۈمىدسىزلەندۈردى.
ئۇنداقتا
جۇڭگو پاي چېكى بازىرىدا يەنە ئۈمىد بارمۇ؟ پايچىكلارنىڭ پۇلى قاپساقتىن قاچان چىقىدۇ؟
مەن كۆپچىلىككە پاي بازىرىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەرمەكچى.
شۇنى ئېيتىش كېرەككى، جۇڭگودا پاي چېكى بازىرى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ پاي چېكى بازىرى بەزىدە ئۆرلەپ، بەزىدە تۆۋەنلەپ، بەزىدە سوۋۇپ، بەزىدە قىزىپ، ياخشى بازار (كالا) مەزگىلى قىسقا، ناچار بازار (ئېيىق) مەزگىلى ئۇزۇن بولۇپ كەلدى. جۇڭگو پاي چېكى بازىرى قىزىپ كەتكەندە، پايچىلار شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، كۆپ پۇل تاپىدۇ؛ پاي چېكى بازىرى چۈشۈپ كەتكەندە، زىيان بەك كۆپ بولۇپ كېتىدۇ، ئۇششاق پايچىلار بولسا خانىۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. پاي چېكى بازىرىدا پۇل تېپىش ئېفىكتى بولغاچقا، پۇقرالار ئامال قىلىپ پاي چېكى ئوينايدۇ. بىراق، ئەينى چاغدا دۆلەت پاي چېكى ئوينىغۇچىلارنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، نەسىھەت قىلىپ ئۇلارنى پاي چېكى ئويناشتىن توسقان. لېكىن نەسىھەتنىڭ قانداقمۇ ئۈنۈمى بولسۇن؟ كۆپچىلىك بۇنىڭغا قۇلاق سالماي، يەنە: «بۇنداق ياخشى پۇل تېپىش پۇرسىتى تۇرسا، نېمىشقا بىزنى پۇل تاپقىلى قويمايدۇ؟» دەپ ئاغرىنىپ يۈردى. شۇنىڭ بىلەن نەسىھەتكە قۇلاق سالماي، پۈتۈن ئەسيادى بىلەن پاي چېكى ئوينىدى.
مەن كۆپچىلىككە بىر كونا دېھقاننىڭ كالا سېتىپ پاي چېكى ئويناش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەي.
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا جۇڭگودا مۇنداق بىر ھېكايە يۈز بەرگەن: بىر دېھقان بوۋاي ئۆيىدە كالا باقىدۇ، ئۇ نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ كالىسىنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ، كالا سېتىپ پۇل تېپىش ناھايىتى جاپالىق. ئۇ بۇ خىل پۇل تېپىش ئۇسۇلىنىڭ بەك ئاستىلىقىنى ھېس قىلىپ، جۇڭگو پاي چېكى بازىرى تازا قىزىۋاتقان ۋاقتىدا كالىلىرىنى سېتىپ، شەھەرگە كىرىپ پاي چېكى سېتىۋالىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ زىيان تارتقانلىقىنى بايقاپ، ئاكسىيە شىركىتىگە پاي چېكىنى قايتۇرغىلى بارىدۇ.
ئۇنىڭ ئاكسىيە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بىلەن بولغان دىيالوگى تۆۋەندىكىچە:
-قىزچاق، مەن ئالمايمەن، ماڭا ياردەم قىلىپ پاي چېكىنى قايتۇرۇۋېتىڭ، مەن پۇلنى قايتۇرىمەن.
-بوۋا، پاي چېكىنى قايتۇرۇشقا بولمايدۇ.
-نېمىشقا قايتۇرۇشقا بولمايدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاكسىيە شىركىتىڭلارنى دۆلەت ئاچقانمۇ؟ ئەگەر دۆلەت ئاچقان بولسا، نېمىشقا بانكىدا پۇل ئامانەت قويۇپ، ئامانەت قويۇشنى خالىمىسام دەرھال چىقىرىۋالسام بولىدۇ، سىلەرنىڭ پاي چېكىڭلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن قايتۇرسام نېمىشقا بولمايدۇ؟
ـــ بوۋا، قايتۇرۇشقا راستىنلا بولمايدۇ. سىز سېتىۋالغان پاي چېكىنى ئۆزىڭىز سېتىۋېتىشىڭىز كېرەك.
-پاي چېكى چۈشۈپ كەتتى، مەن ئەسلىدىكى باھاغا ساتالمىدىم، سىلەر چوقۇم ماڭا پۇل قايتۇرۇپ بېرىشىڭلار كېرەك.
بوۋاي پاي چېكى سېتىۋېلىش بىلەن بانكىدا پۇل ئامانەت قويۇشنىڭ بىر ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشەنمىگەن ئىدى.
. . .
ئەگەر سىز 100 مىڭ يۈەنگە پاي چېكى سېتىۋالسىڭىز، ياكى 100 مىڭ يۈەننى بانكىغا ئامانەت قويسىڭىز، بۇ ئىككى ئىشنىڭ نەتىجىسى ئوخشاشمۇ؟ ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ. ئەگەر پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويسىڭىز، بانكا زىيان تارتسىمۇ، چوقۇم پۇلنى سىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز پاي چېكى سېتىۋېلىپ زىيان تارتسىڭىز، سىزگە ئىگە ئادەم بارمۇ؟ نېمىشقا ھېچكىم ئىگە بولمايدۇ؟ چۈنكى بۇ ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى.
مەن ۋاستىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش دېگەن ئىككى ئۇقۇمنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.
ئالدى بىلەن، ۋاستىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش دېگەن نېمە؟ بانكا كرېدىتنىڭ ۋاستىچىسى، بەزىلەر پۇل ئامانەت قويسا، بەزىلەر قەرز ئالىدۇ، بانكا پەقەت ئامانەت بىلەن قەرز ئالغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ۋاستىچىسى. ئۇ ئامانەت پۇل جەلپ قىلغاندا ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەن، قەرز پۇل تارقاتقاندا ئۆسۈم نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، بانكا ئامانەت پۇل بىلەن قەرز پۇل ئوتتۇرىسىدىكى باھا پەرقىگىلا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بانكا قەرزچىلىكتە مەغلۇپ بولسا، ئۇ زىيان تارتقان تەقدىردىمۇ، چوقۇم پۇلنى سىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ ۋاستىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇنداقتا،
بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش دېگەن نېمە؟
سىز پاي چېكى سېتىۋالسىڭىز بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ، زىيان تارتسىڭىز ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. نېمىشقا ھېچكىم كارى بولمايدۇ؟ چۈنكى سىزنىڭ سېتىۋالغىنىڭىز بولسا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پاي چېكى. ئەگەر سىز سېتىۋالغان پاي چېكى چۈشۈپ كەتسە، ئاكسىيە شىركىتى سىزگە پۇل تۆلەپ بەرمەيدۇ. سىز ئاكسىيە شىركىتىدىن پۇل تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا، ئەگەر سىز پاي چېكى سېتىۋېلىپ پۇل تاپقاندا ئاكسىيە شىركىتىگە پايدا ئايرىپ باقتىڭىزمۇ؟ ياق!
دېمەك، مەيلى پاي چېكى سېتىۋالغاندا زىيان تارتسۇن ياكى پۇل تاپسۇن، ھەممىسىنىڭ ئاكسىيە شىركىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇنىڭ تاپقىنى پەقەت سىز پاي چېكى ئېلىپ ساتقاندىكى رەسمىيەت ھەققى.
ئۇنداقتا،
پاي چېكى سېتىۋېلىش كىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
پەقەت سىز پېيىنى سېتىۋالغان شىركەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سىز قايسى شىركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالسىڭىز، سىز شۇ شىركەتنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى بولىسىز. پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت پۇل تاپسا سىزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ پايدا ئالىسىز، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت زىيان تارتسا سىز ئوخشاشلا شۇنىڭغا ئەگىشىپ زىيان تارتىسىز، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت بازاردىن چېكىنسە، سىزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ چېكىنىسىز. بۇ مەبلەغ خەۋپ-خەتىرىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، پاي چېكى سېتىۋېلىش بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ.
بەزىلەر «بىر دۆلەتتە نېمە ئۈچۈن پاي چېكى بازىرىدىن ئىبارەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولى بولىدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن.
ياخشى سورىدىڭىز!
ئويلاپ بېقىڭ، بىر ئادەم كارخانا قۇرماقچى بولسا ئۇنىڭغا پۇل لازىم بولىدۇ، ئەمما ئۇ پۇلنى نەدىن تاپىدۇ؟ سىز بەلكىم بانكىغا بېرىپ قەرز ئالىمەن دېيىشىڭىز مۇمكىن. ھەممىمىزگە مەلۇم، بانكىنىڭ پۇلى پۇل قويغۇچىنىڭ پۇلى، بانكا پۇلنى قەرز بېرىۋەتكەندىن كېيىن، قەرزچىلىكتە مەغلۇپ بولسا پۇل قايتىپ كەلمەيدۇ، بىراق سىزنىڭ بانكىدا قويغان پۇلىڭىزنى بانكا چوقۇم سىزگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك، ئۇنداقتا بانكا قانداق قىلىدۇ؟ بۇ بانكىنىڭ پەقەت كاپالەتكە ئىگە ئىشنىلا قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر خەتىرى بار ئىش. ئەسلىدە ناھايىتى ياخشى پىلانلانغان، بىر كارخانىنىڭ تۈرى ياخشى، شۇنداقلا بازار ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردىن چوقۇم پۇل تاپقىلى بولىدۇ، ھەممىنى ئويلىشىپ بولدۇق. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن چاتاق چىقىپ قالسا، مال سېتىلماي، كارخانا پۇل تاپالمىغاندا، ئۇ بانكىدىن ئالغان پۇلنى قايتۇرالماي، بانكىنىڭ ئۈمىدسىز تىرىلمەس ھېسابىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
تىرىلمەس ھېساب دېگەن نېمە؟ ئۈمىدسىز ھېسابات (ھېسابتا تۇرۇپ قالغان قەرز) دېگىنىمىز بانكا قەرز بەرگەن پۇلنىڭ قەرەلى توشقاندا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ تىرىلمەس ھېساب دېگىنىمىز بانكا قەرز بەرگەن پۇلنىڭ تولۇق قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىسى بىرلەشسە، بانكىنىڭ ئۈمىدسىز تىرىلمەس ھېساباتى دەپ ئاتىلىدۇ.
شۇڭا، ھەرقانداق بىر بانكا قەرز پۇل تارقاتقاندا ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىدۇ، سەللا ئېھتىيات قىلمىسا مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بانكىدىن قەرز ئېلىپ كارخانا قۇرۇش ئىنتايىن قىيىن ئىش. بۇ ۋاسىتىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولى ئاقمىغان ئىكەن، بەزى كارخانىلار تېزرەك تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن، باشقا بىر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىنى تېپىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا پاي چېكى ۋە كاپىتال بازىرى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ.
بىر مىسال ئالايلى، كۆپچىلىك مېنىڭ كارخانىغا قانداق مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەنلىكىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
مەسىلەن، مەن بىر شىركەت قۇراي دېگەن، لېكىن قولۇمدا پۇل يوق، شىركەتنىڭ تۈرى بەك ياخشى، بىر قىسىم مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارسام، شىركەتنىڭ كۆلىمىمۇ چوڭ ئەمەس، كېتىدىغان مەبلەغمۇ كۆپ ئەمەس، پەقەت 500 مىڭ يۈەن بولسىلا يېتىدۇ، كەلگۈسىدە چوقۇم پۇل تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن مەن قەيەردىن پۇل تاپالايمەن؟
ئالدى بىلەن، مەن كۆپچىلىكتىن پۇل قەرز ئالسام بولىدۇ. دوستلۇققا تايىنىپ، مەن ئاۋۋال تونۇشلارنى تېپىپ قەرز ئالاي. مەسىلەن، مەن 500 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، ئۈچ يىلدا قايتۇرۇپ بولۇشقا، ھەر يىلى %10 ئۆسۈم تۆلەشكە ماقۇل بولدۇم. مەن 50 ئادەم ئىزدىدىم، بىر ئادەمدىن ئاران 10 مىڭ يۈەن قەرز ئالدىم، ھەممىسىنى قوشقاندا 500 مىڭ يۈەن بولدى، چۈنكى كۆپچىلىك ماڭا ئىشىنىدۇ، ھەممىسى ماڭا پۇل قەرز بېرىشنى خالايدۇ. لېكىن مەن بىر ھازا ئويلىنىپ، كۆپچىلىكتىن پۇل سورىماسلىقنى قارار قىلدىم. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مېنىڭ كۆپچىلىكتىن پۇل قەرز ئېلىش تەننەرخىم بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتى، يەنە ئۆزۈمنىڭ ئىناۋىتىنى رەنىگە قويۇشۇم كېرەك. ئەگەر شىركەت زىيان تارتسا، كۆپچىلىك پۇلىغا ئېرىشەلمىسە، مېنىڭ ئىناۋىتىم تۈگەيدۇ.
كۆپچىلىكتىن پۇل سورىمىغاندىكىن، مەن كىمدىن پۇل قەرز ئالسام مۇۋاپىق بولىدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن مەن بانكىدىن قەرز ئېلىشنى ئويلىدىم.
بانكىدىن قەرز ئالغاندىن كېيىن، مەن كۆپرەك قەرز ئالاي، ئاۋۋال 5 مىليون يۈەن قەرز ئالاي. بانكا ئىناۋىتىمنى باھالىغاندىن كېيىن، تۈر باھالاش دوكلاتىمنى كۆرۈپ، ئىناۋىتىم ۋە ئەمەلىي كۈچۈمنى بىلگەندىن كېيىن، ماڭا 5 مىليون يۈەن قەرز بېرىشنى خالايدۇ، ئەلۋەتتە رەنە قويۇلىدۇ.
مېنىڭ بانكىدىن پۇل قەرز ئېلىشىمدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىم باشقىلاردىن پۇل قەرز ئالغانغا قارىغاندا تۆۋەن، باشقىلاردىن پۇل قەرز ئالسام %10 ئۆسۈم تۆلەيمەن، بانكىدىن پۇل قەرز ئالسام پەقەت %6 ئۆسۈم تۆلەيمەن، %4 تېجەپ قالالايمەن. بانكىنىڭ ئۆسۈمى تۆۋەن، پەقەت مەن قەرزنىڭ قەرەلى توشقاندا دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى بانكىغا قايتۇرۇپ بەرسەملا بولىدۇ. لېكىن ئويلاپ باقسام، ئاخىرىدا يەنىلا بانكىدىن بۇ پۇلنى قەرز ئالمىدىم، نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بانكىدىن قەرز ئېلىش ئەڭ تېجەشلىك ئىش ئەمەس، مەن ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئەۋزەل ئۇسۇل ئەمەس.
ئويلاپ بېقىڭ، كارخانىمىزنىڭ تىجارىتى قانداق بولۇشىدىن، يەنى پايدا ئالغان ياكى زىيان تارتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بانكا تەييارغا ھەييار بولىدۇ، خەۋپ-خەتەرنى مەن يالغۇز ئۈستۈمگە ئالىمەن، ئۇنداقتا مېنىڭ يۈكۈم بەك ئېغىر بولۇپ كەتمەمدۇ؟
شۇنىڭ بىلەن مەن داۋاملىق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان پۇل قەرز ئېلىش يولىنى ئىزدىدىم. ئىزدەپ يۈرۈپ، پاي چېكى بازىرىنى تاپتىم. قارىسام، بۇ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولى يامان ئەمەس ئىكەن!مەن پاي چېكى بازىرىغا بېرىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلدىم. شىركىتىمنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىنغان ئىكەنمەن، مەن كۆپرەك پاي چېكى تارقىتىمەن، كۆپرەك مەبلەغ توپلايمەن. مەن 50 مىليون يۈەنلىك پاي چېكى تارقىتىشنى پىلانلاۋاتىمەن، پاي چېكىنىڭ يۈزىدىكى قىممىتى ھەر بىر پاينىڭ باھاسى بىر يۈەن.
ئەلۋەتتە، مېنىڭ ئالدى بىلەن بىر كارخانام بولۇشى، مەلۇم كۆلەمگە يېتىشى كېرەك. مەن شىركەتنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش ئىلتىماس دوكلاتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاكسىيە سودىگىرى ماڭا ياردەم قىلىپ جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىغا ئىلتىماس قىلىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردۈم، بۇنداق بولغاندا مەن پاي بازىرىغا بېرىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرەلەيمەن. پاي چېكى تارقىتىشىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، 50 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلىيالايمەن.
كۆپچىلىك قاراڭلار، ئالدىنقى ئىككى خىل پۇل تېپىش ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، مېنىڭ پاي چېكى بازىرىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىم ئەڭ تۆۋەن. چۈنكى بازارغا سېلىش ھەققى ۋە كېيىن پايچىكلارغا پايدا تەقسىم قىلىشتىن باشقا، مەن دەسمايىنى قايتۇرمىساممۇ بولىدۇ. بۇ ئەڭ يادرولۇق مەسىلە. مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى بېسىم كۆپ يېنىك بولۇپ قالدى.
مەن بانكىدىن پۇل قەرز ئالسام، بۇ ۋاستىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ، مەن ئاكسىيە بازىرىغا بېرىپ پاي چېكى تارقاتسام، بۇ بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى بولۇپ، بىرىنچى خىل ئەندىزىدە، بانكا ۋاسىتە قىلىنىپ، ۋاسىتىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر مېنىڭ تىجارىتىمدە مەسىلە كۆرۈلسە، پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ پۇلىنى بانكا ماڭا ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەمما پاي چېكى بازىرى ئوخشىمايدۇ، ئۇ بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، كارخانىمىزنىڭ تىجارىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە، مەبلەغ سالغۇچىلار شىركىتىمىز بىلەن خەۋپ خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەگەر مەن پۇل تاپسام، پايچىكلارغا پايدا تەقسىم قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؛ ئەگەر مەن پۇل تاپالمىسام، شىركەت پايدا تەقسىم قىلمىسا، پايچىلارمۇ پۇل تاپالمايدۇ؛ ئەگەر مەن زىيان تارتسام، پايچىلارمۇ تەڭ زىيان تارتىدۇ؛ ئەگەر مەن بازاردىن چېكىنسەم، پايچىلارمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ چېكىنىپ چىقىپ، ۋەيران بولغاندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچىلارغا قانچىلىك پۇل بۆلۈپ بېرىلىدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.
ئەلۋەتتە يۇقىرىقى ھېكايە پۈتۈنلەي ئويدۇرما، مەن شىركەت ئاچمىدىم ھەم كارخانا قۇرمىدىم. ھالبۇكى، رېئاللىقتىكى بۇنداق ھېكايىلەر ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
ئۇنداقتا پاي چېكى بازىرى زادى نېمە؟ پاي چېكى بازىرى بىر خىل بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولى. ئۇنىڭ پاي چېكى تارقاتقۇچىغا نىسبەتەن خەتىرى ئاز، لېكىن پاي چېكى سېتىۋالغۇچىغا نىسبەتەن خەتىرى چوڭ. ئۇنداقتا پايچى نېمىشقا يەنە پاي چېكى سېتىۋېلىشنى خالايدۇ؟
چۈنكى پايچىكلار پاي چېكى سېتىۋالسا (زىيان تارتمىغان ئەھۋالدا) ئۇنىڭ پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇپ ئېرىشكەن پايدىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن، بانكا ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %3 بولسا، پاي چېكى سېتىۋالغاندىكى پايدا تەقسىماتى %5 كە يېتىشى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدا پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.
ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە پاي چېكى بازىرى بار، ئۇ كاپىتال بازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كاپىتال بازىرى بولغاندىلا، بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىدۇ، بىر كارخانىنى زورايتقىلى بولىدۇ. پاي چېكى بازىرىنىڭ تەرەققىياتى 400 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، لېكىن جۇڭگو پاي چېكى بازىرىنىڭ تارىخى تېخى 30 يىلغىمۇ يەتمەيدۇ. گەرچە ھازىر جۇڭگو پاي بازىرىدا ھەر خىل مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى جۇڭگو كاپىتال بازىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
مېنىڭچە، جۇڭگونىڭ پاي چېكى بازىرىدا كەلگۈسىدە چوقۇم ناھايىتى زور تەرەققىيات بوشلۇقى بولىدۇ.
ئۇنداقتا، پاي چېكىنى زادى كىم كەشىپ قىلغان؟ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پاي چېكى بازىرى قانداق تەرەققىي قىلغان؟
بۇ سوئاللارغا قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز كېيىنكى تېمىدا بولسۇن!
مەنبە: «چىڭخۇا خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408