搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
پاي چېكى، فوندى، قەرز چېكى دېگەن نېمە؟ ئۇلارنىڭ پەرقىچۇ؟
>
پاي چېكى، فوندى، قەرز چېكى دېگەن نېمە؟ ئۇلارنىڭ پەرقىچۇ؟
Nepkar
2022-02-04
2
导读:فوندنىڭمۇ خەتىرى خىلى يۇقىرى، ھەتتا بەزى پاي چىكى خارەكتېرلىك فۇندلار سىتىۋالغۇچىلارنى ئېغىر زىيانغا
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
پاي چېكى دېگىنىمىز بىز پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغان ھەمدە پاي چېكىنى ئىلكىمىزدە تۇتقاندىن كېيىن، پايچىك سالاھىيىتى بىلەن پاي ئۆسۈمى ۋە پايدىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بىر خىل ئاكسىيەدىن ئىبارەت.
فوند دېگىنىمىز بىر خىل ھاۋالە مۇناسىۋىتىدۇر. بىز كەسپىي ئاپپاراتلارغا (فوند باشقۇرۇش شىركەتلىرىگە) ھاۋالە قىلىمىز، ئۇلار بىزنىڭ ھاۋالىمىز بويىچە بىزگە مەبلەغ باشقۇرۇپ بېرىدۇ ۋە مەبلەغ سېلىپ بېرىدۇ.
قەرز چېكى (债券) بۇ ھۆكۈمەت، كارخانا، بانكا قاتارلىقلار مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تارقىتىدىغان ھەمدە ھەقدارغا بېكىتىلگەن ۋاقىتتا دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشقا ۋەدە بېرىدىغان باھالىق ئاكسىيەنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئۈچ خىل پەرقى بار:
بىرىنچى: ئەكس ئەتكەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئوخشاش بولمايدۇ. پاي چېكى بىر خىل ئىگىدارلىق ھوقۇقى مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ بىر خىل ئىگىدارلىق ھوقۇقى دوكۇمېنتى، مەبلەغ سالغۇچى پاي چېكى سېتىۋالغاندىن كېيىن شىركەتنىڭ پايچىكىگە ئايلىنىدۇ.
قەرز چېكى ھەقدارلىق-قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ بىر خىل قەرز چېكى دوكۇمېنتى بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچى قەرز چېكى سېتىۋالغاندىن كېيىن شىركەتنىڭ ھەقدارىغا ئايلىنىدۇ.
فوند بولسا بىر خىل ھاۋالە مۇناسىۋىتى، بىر خىل پايدا ئېلىش دوكۇمېنتى بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچى فوند سېتىۋالسا فوندتىن مەنپەئەتلەنگۈچىگە ئايلىنىدۇ.
ئىككىنچى، توپلانغان مەبلەغنىڭ سېلىنىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ. پاي چېكى بىلەن زايوم بىۋاستە مەبلەغ سېلىش قورالى بولۇپ، توپلانغان مەبلەغ ئاساسلىقى ئوقەتچىلىك ساھەسىگە سېلىنىدۇ؛
فوند بىر خىل ۋاستىلىك مەبلەغ سېلىش قورالى، توپلانغان مەبلەغ ئاساسلىقى باھالىق ئاكسىيە پۇل مۇئامىلە قورالىغا سېلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، مەبلەغ سېلىش پايدىسى بىلەن خەۋپ-خەتەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، پاي چېكى باھاسىنىڭ داۋالغۇش خاراكتېرى چوڭ بولۇپ، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى، پايدىسى يۇقىرى مەبلەغ سېلىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ؛
قەرز چېكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا بەلگىلىك ئۆسۈم كىرىمى ئېلىپ كېلىدۇ، داۋالغۇش دەرىجىسىمۇ پاي چېكىگە قارىغاندا كىچىك بولۇپ، خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن، پايدىسى تۆۋەن مەبلەغ سېلىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ؛
فوند نۇرغۇن پاي چېكىگە مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ، خەۋپ-خەتەرنى ئۈنۈملۈك تارقاقلاشتۇرالايدىغان، خەۋپ-خەتىرى نىسبەتەن مۇۋاپىق، پايدىسى نىسبەتەن مۇقىم بولغان مەبلەغ سېلىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
فوندنىڭمۇ خەتىرى خىلى يۇقىرى، ھەتتا بەزى پاي چىكى خارەكتېرلىك فۇندلار سىتىۋالغۇچىلارنى ئېغىر زىيانغا پاتۇرۇپ قويىدۇ.
نەچچە مىڭ خىل فۇند بار، ياخشى فۇند تاللاشقا يۇقىرى بولغان كەسپى بىلىم بولمىسا بولمايدۇ. فۇندنىڭ خارەكتېرى، مەبلەغ سىلىش ئوبيېكتى، ئاساسلىق سېتىۋالغان پايلار، فۇند دىرېكتورىنىڭ كەسپى بىلىم قۇرۇلمىسى، نەتىجىسى، ئوخشاش ساھە فۇندلىرى ئىچىدىكى نەتىجە تەرتىپى، فۇند شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى نەتىجىلىرى، دۆلەتنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد يۈزلىنىشى، قىزىق نۇقتا… دېگەندەك نۇرغۇن جەھەتتىن تەھلىل قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا خېلى كەسپى بىلىم كېتىدۇ. شۇڭا ئۆزىمىز ياخشى چۈشەنمىگەن نەرسىنى باشقىلارغا بەك تەۋسىيە قىلمىغۇلۇق!
ئىقتىساد ئۆگىنىش توپىدىن ئانالىز (ئادىلجان)نىڭ ئەسكەرتمىسى!
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0