大数跨境

يېڭى ۋىرۇس: پۈتۈن يەر شارى جىددىيلىشىپ كەتتى!

يېڭى ۋىرۇس: پۈتۈن يەر شارى جىددىيلىشىپ كەتتى! Nepkar
2021-11-28
1
导读:يېڭى تىپتىكى ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپى تېخىمۇ كەڭ تارقىلىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ...
شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي يىغىن ئېچىپ بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى B1.1.529 نى «دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۆزگەرگەن تۈپ» قاتارىغا كىرگۈزدى ھەمدە Omicron (ئومىكرون) دەپ نام بەردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئومىكروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپىنى جەنۇبىي ئافرىقا تۇنجى قېتىم دوكلات قىلغان، دەسلەپكى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۆزگەرگەن تۈپنىڭ ئادەم بەدىنىدە يەنە بىر قېتىم ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى ئېشىپ كەتكەن. (بۇ يەرنى چېكىپ «جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يېڭى كېسىلى يەر شارى بازىرىنى پاچاقلىۋەتتى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

يېڭى تىپتىكى ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپى تېخىمۇ كەڭ تارقىلىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن 
بۈگۈنكى رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئومىكروننىڭ ئۆزگىرىشچان تۈپى ئافرىقا ۋە ئافرىقىنىڭ سىرتىدىكى رايونلاردا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەتتە تارقالماقتا. جەنۇبىي ئافرىقىنى مىسالغا ئالساق، يېقىندا جەنۇبىي ئافرىقا خادېن ئۆلكىسىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %90 مۇشۇ ئۆزگەرگەن تۈپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 


تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 10-ئايدا ھىندىستاندا بايقالغان دېلتانىڭ ئۆزگەرگەن زەھەرلىك تۈپى جەمئىي 15 جايدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ دەسلەپكى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئومىكروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپىدە دېلتانىڭ زەھەرلىك تۈپىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولغان، نۆۋەتتە مەلۇم بولغان بۇ ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپىدە ئاز دېگەندىمۇ 32 يەردە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولغان، زور مىقداردىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ھازىرقى يېڭى تاجىسىمان ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىدىن ھەمدە تېخىمۇ يۇقۇمچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ يېڭى تىپتىكى ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپىگە قارىتا ئېنىق ئۇچۇرلار ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ يۇقۇملىنىش كۈچىگە ئىگە ياكى ۋاكسىنىغا قارىتا دورىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ياكى ئەمەسلىكىنى باھالاشتا، يەنىلا تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېھتىياجلىق ئىكەن. 

تېببىي مۇتەخەسسىسلەر يېڭى ئۆزگەرگەن تۈپنىڭ بەلكىم ئامېرىكىدا تارقىلىشقا باشلىغاندىلىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ 
يېقىندا، ئامېرىكا بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى سەپەرگە چىقىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش پائالىيىتى كۆپەيدى، ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرى، كۆپ خىل ئامىللار قوشۇلۇپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەل سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم زور دەرىجىدە ئۆسۈشى مۇمكىن، دەپ ئەنسىرىمەكتە. 
يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، ئامېرىكىدا يۇقۇم ئەھۋالىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 25-چېسلاغا قەدەر، ئامېرىكىدا يەتتە كۈن ئىچىدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 94 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47 ئاشقان. 
بۇنىڭدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئاستا بولغاچقا، يېڭى تىپتىكى يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى ئومىكروننىڭ ئامېرىكا چېگراسى ئىچىگە تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. 

كۆپ دۆلەت خەلقئارا ساياھەت چەكلىمىسىنى قايتا يولغا قويدى 
ئومىكروننىڭ ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارغا تارقالغان، 26-چېسلا، بېلگىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئومىكروننىڭ ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپى بىلەن يۇقۇملانغان تۇنجى بىمارنى دوكلات قىلغان. 
بەزى دۆلەتلەر بۇ خىل يېڭى تىپتىكى ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپىنىڭ دېلتا زەھەر تۈپىدىن كېيىن يېڭى بىر قېتىملىق ۋەھشى يۇقۇم ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ھازىرغىچە ئەنگىلىيە، شىۋىتسارىيە، رۇسىيە قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەت جەنۇبى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان نۆۋەتچى ئايرۇپىلان ۋە يولۇچىلارنىڭ چىگرىدىن كىرىشىگە چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى ياكى ئېلان قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. 

يېڭى تىپتىكى يېڭى تاجىسىمان ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپى ئەنسىرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يەر شارىدىكى ھەر قايسى چوڭ پاي بازارلىرىدا پاي باھاسى چۈشتى 
يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەندىشىسى ۋە جىددىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 26-نۇيابېر، ئاسىيا پاي بازىرىدا پاي كۆرسەتكۈچى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى، نيۇيورك پاي بازىرىدىكى ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. 
يېڭى ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپى نېمە ئۈچۈن يەر شارى بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ؟ تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى تىپتىكى يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپىنىڭ بايقىلىشى پۈتۈن يەر شارىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشىگە سېلىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلدى. 
نۆۋەتتە، يېڭى ئۆزگەرگەن زەھەرلىك تۈپنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ساياھەتنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ساياھەت، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەر ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، بۇ تېخى تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان دۇنيا ئىقتىسادىغا زور بېسىم ئېلىپ كەلدى. مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزگىرىشچان زەھەر تۈپىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە خەۋپ يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا، شۇڭا كۆپ دۆلەت پاي بازارلىرىدا ساراسىمىگە چۈشۈپ تۆكمە قىلىپ سېتىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، يەر شارى پاي چېكى بازىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. 
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408