大数跨境

ياخشى تۇرمۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشىۋاتقان ئاشۇ جاپاكەش ئاياللارغا

ياخشى تۇرمۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشىۋاتقان ئاشۇ جاپاكەش ئاياللارغا Nepkar
2022-02-19
2
导读:تۇرمۇشتا، ئۆزىگە تايىنىپ پۇل تاپىدىغان بارلىق ئاياللار كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
نېمە ئۈچۈن 21-ئەسىردىكى ئاياللار شۇنچە جان تىكىپ، شۇنچە تىرىشىدۇ؟ چۈنكى بۇ جەمىيەتنىڭ ئاياللارغا بېرىدىغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بارغانسىرى ئازايماقتا، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار پەقەت ئۆزى ئاتلىنىپ، ئۆزى پۇل تېپىشى كېرەك!
تۇرمۇشتا، ئۆزىگە تايىنىپ پۇل تاپىدىغان بارلىق ئاياللار كىشىنى قايىل قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ماقالىنى ئاشۇ تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان ئاياللارغا تەقدىم قىلىمىز. 

0
1
ئۆزىگە تايىنىدىغان ئايال، تېخىمۇ كۈچلۈك
بايقىدىڭىزمۇ، ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن ئاياللار ئائىلىسىدىن چىقىپ، ئەرلەرگە ئوخشاش سىرتقا چىقىپ كۈرەش قىلىشنى تاللاپ، پەقەت تاماق ئېتىپ قاچا يۇيۇپ يۈرىدىغان ئائىلە ئاياللىرى قەدەممۇ قەدەم ئىقتىدارلىق ئايالغا ئايلاندى. ئۇلار بارغانسېرى قالتىسلىشىپ، كىر-قات يۇيۇپ تاماق ئېتەلەيدىغان، ئېرىگە قاراپ بالا تەربىيىلىيەلەيدىغان، پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى باقالايدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ قالتىسلىقى شامالغا، ئەۋرىشىملىكى ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا خاسىيەتلىك ئادەمگە ئوخشاش كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەر ئالدىدا يەنىلا ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ.
پۈتۈن بەدىنى تىتما-تىتما بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، چىشىنى چىشلەپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ.
«ئاياللاردا پۇل بولۇشى كېرەك» دېگەن كىتابتا مۇنداق بىر گەپ بار: ئاياللار ياش، گۈزەل بولغاندا، ياخشى ئەرلەرنى ئۇچراتقاندا، تېخىمۇ مۇھىمى پۇل بولغاندىلا ئاندىن بەختلىك بولىدۇ.
ئاياللارنىڭ بۇنچە جاپا تارتىپ پۇل تېپىشى، ھەرگىزمۇ پۇلغا چوقۇنغانلىقىدىن ئەمەس. پەقەت ئۆزىنى بېقىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويماسلىقى، كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئېرىغا پۇل دەپ ئېغىز ئاچماسلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆيدە ۋارقىراپ-جارقىراپ، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى ۋە باشقىلارنىڭ رايىغا بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىمانلىقى ئۈچۈندۇر.
ئۆزىگە تايىنىپ جاپالىق پۇل تاپىدىغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى قەلبى كۈچلۈك ئاياللاردۇر. بۇنداق ئاياللار پەرىدەك چىرايلىق بولمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاق ئاتلىق شاھزادىسىنى ئۇچرىتىپ، تۇرمۇشىنى بەختلىك باياشات ئۆتكۈزىدۇ.

0
2
ئۆزىگە تايىنىدىغان ئايال، تېخىمۇ مۇستەقىل
تۇرمۇشتا ئۆزىگە تايىنىپ جاپا تارتىپ پۇل تېپىۋاتقان ئاياللارنىڭ بىرەر مۈرىگە يۆلەنگۈسى يوق ئەمەس. ئاياللار تاشقى جەھەتتىن قانچە قەيسەر بولسىمۇ، قەلبى يەنىلا يۇمشاق كېلىدۇ، ئۇلارمۇ يار-يۆلەكسىز قالغاندا بىرەرسىنىڭ ئۆزىنى قۇچاقلاپ قويۇشىنى ئويلايدۇ. پەقەت ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى رېئاللىق تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنىدۇ.
ئەركىلەشكە جۈرەت قىلالمايدۇ، چۈنكى ھېچكىم ئۇنىڭ ئەركىلەشلىرىنى كۆتۈرمەيدۇ؛ يىغلاشقا جۈرەت قىلالمايدۇ، چۈنكى ھېچكىم بەزلىمەيدۇ؛ ھۇرۇنلۇق قىلىشقا جۈرەت قىلالمايدۇ، چۈنكى ھېچكىم ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايدۇ؛ ئارام ئېلىشقا جۈرەت قىلالمايدۇ، چۈنكى ھېچكىم ئۇنىڭغا پۇل خەجلەپ بەرمەيدۇ ......
قەيسەر، مۇستەقىل بولۇپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئۇنىڭ بىردىنبىر تاللىشىدۇر.
ھەر بىر ئايال قاراڭغۇ چۈشكەندە ئۆزىگە چىراغ ياقىدىغان، يامغۇر ياغقاندا ئۆزىگە كۈنلۈك ئاپىرىپ بېرەلەيدىغان ئەرنى تېپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئەر كىشىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقاپ، ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئاشۇ ئۆيدە خىيالغا يېتىپ، ھارغىنلىق ئىچىدە ئۇخلاپ قالىدۇ.
تاغقا تايانساڭ تاغ يىقىلىدۇ،
ئادەمگە تايانساڭ ئادەم كېتىدۇ.
باشقىلار بەرگەن پۇل شەكلى ئۆزگەرگەن سەدىقە بولۇپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا قايتۇرۇۋالالايدۇ، پەقەت ئۆزىگە تايىنىپ جان تىكىپ ئىشلىگەندىلا، ئاندىن مەڭگۈ ئۆزىگە مەنسۇپ پۇلنى تاپقىلى بولىدۇ، ھېچكىم بۇلاپ كېتەلمەيدۇ. ئۆزىگە تايىنىپ جاپالىق پۇل تېپىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى مۇستەقىل ئاياللاردۇر. ئۇلاردا ئىشەنچكە تولغان قەلب بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئىقتىدارى بار. بۇنداق ئاياللار، ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان قىياپەتتە ياشاپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى باشقۇرالايدۇ.

0
3
ئۆزىگە تايانغان ئايال تېخىمۇ بەختلىك
ئاياللار نېمىشقا چوقۇم ئۆزى تىرىشىپ پۇل تېپىشى كېرەك؟
توردا مۇنداق بىر جاۋاب بار، بۇنى مەن ئىنتايىن ئېتىراپ قىلىمەن:
جاپا تارتىپ پۇل تېپىش، پۇلنى كۆپرەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئۆمرۈمدە، پۇل ئۈچۈن كىم بىلەن تەڭ تۇرۇشنى، پۇل ئۈچۈن كىملەرنى  تەڭلىكتە قويۇشنىمۇ خالىمايمەن ئۈچۈندۇر.
ئاياللارنىڭ بۇنداق جاپا تارتىپ پۇل تېپىشى، ھەرگىزمۇ تۇرمۇشتا چوڭ سۆزلەش ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى ئاتا-ئانىسى ياشىنىپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ ئېغىرىنى ئازراق بولسىمۇ ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش؛ پەرزەنتلىرى ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇلارنى يەرگە قارىتىپ قويماسلىقى؛ نىكاھتا مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنى باققۇدەك بىر ئىقتىدارنى ھازىرلاش ئۈچۈندۇر.
ئىقتىسادتا مۇستەقىل ئاياللار، ئاسانلا بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلالايدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، ئۆزى تاپقان پۇلنى خەجلەپ، ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلىش نەقەدەر خاتىرجەم ۋە ئەركىن-ئازادە ئىش ھە!
بۇنداق بىر گەپ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان:
مەن پۇلنى ياخشى كۆرمەيمەن، لېكىن مەن پۇلنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، مەن مۇستەقىل ۋە ئەركىن تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىمەن. پۇلدار كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەممىسى بەختلىك، خۇشال بولۇشى ناتايىن، لېكىن چوقۇم خالىغىنىنى قىلىپ، ئۆزى رايى بويىچە ياشىيالايدۇ. بايلىق يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيدۇ، ئائىلىنى بېقىش ئۈچۈن ئۆزىنى قىيناش، ھەر كۈنى ئۆسۈۋاتقان كۆكتات باھاسىغا  قاراپ غەمكىن يۈرۈش بىھاجەتتۇر.

0
4
بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا «يىغلىماڭ، جاھان كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ.» دەيدىغان بىر سەھنە سۆزى بار. ئەمەلىيەتتە، ھېچكىم تۇغۇلۇشىدىنلا ئايال ئەزىمەت بولۇشنى ئويلىمايدۇ، ھەر بىر ئايال ناھايىتى ئىززەتلىنىدىغان كىچىك مەلىكە بولۇشنى ئويلايدۇ. پەقەت تۇرمۇشتا بەك كۆپ ئامالسىزلىقلار بولغاچقا، ئۇلارنى ئۆسۈپ يېتىلىشكە، ئۈستىگە ئېلىشقا، قەيسەر بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ.
كىشىلىك ھايات بەكمۇ تەس، ھېچكىم سىزگە كۆتۈرۈشۈپ بەرمەيدۇ. ياخشى تۇرمۇش كەچۈرمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم جان تىكىپ تىرىشىشىڭىز كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئېرىشمەكچى بولغان ئادەم نەرسىگە ئېرىشلەيسىز. ىشمەكچى بولغان ئادەمنى چىڭ تۇتالايسىز.
ھەممەيلەنگە ئاسان ئەمەس، جان تىكىپ تىرىشىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408